باشبەت > تورسودىسى > توردا پۇل تېپش

توردا پۇل تېپش

2010-يىل 31-ئۆكتەبىر باھا يېزىش Go to comments

توردا پۇل تېپش

توردا پۇل تېپىش قىزغىنلىقى ئۇيغۇر تور بىكەت قۇرغۇچىللىرى ۋە ئۇيغۇر تور ئابونتلىرى ئارسىدا بىرمەزگىل مودا بوپ يۈرگەن ئىدى ،بىلمىدىم ”قاراچۈش“ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ توردا پۇل تېپىش چۈشلىرى قانداق بوپ كەتتىكىن …

بىرئىككى يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن ،بىرچاغلاردا مەنمۇ توربىكەت قۇرۇپ يۈرۈيدىغان ،ئۇچاغلاردا نىمىشكىن مۇشۇ توردا پۇل تېپىشقا پەقەت قىزىقماپتىكەنمەن ،توربىكەت قۇرغانلىقىمنى بىلگەن تۇنۇش بىلىشلەر نەچچە پۇل تاپتىڭ ،توربىتىڭگە كىرىپ قويساق ساڭا نەچچە پۇل كىلىدۇ …دىگەندەك سۇئاللارنى دائىم سوراپ تۇراتتى ،باشتا ئۇلارغا ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ كىتىپتىمەن ،كىينچە ”ياق ھەي پۇل تېپىشنى ئويلىشىپ باقمىدىمغۇ ،ھازىرچە بىرنەرسە  ئۆگنىۋالساملا بولدى “ دەپ قويىدىغان بولدۇم .

يىللار ئۆتتى ،ئۆگنىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگەندىم ،پۇت قوللىرىم خېلى پىشىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ مەنمۇ ئەمدى بىر ئىش قىلىپ باقاي دىگەن مەقسەتتە ئوڭ پۇتۇمنى بىسمىللاھى رەھمانى رەھىم دەپ ئېلىپ تور سودىسىغا ئاتلىنىپ قالدىم ، ئادەم ئۇ مەڭگۈ ئۈگەنگۈچى ،ھېلىمۇ ئىسىمدە كومپيۇتېر كۇرسى ئېچىپ دەرس ئۆتكەن چاغلىرىمدا ئوقۇغۇچىللىرىمغا ئۆتىدىغان دەرىسنى ئۇلاردىن ئىككى سائەت بۇرۇن كۆرۋېلىپ ئۆتۈپ بىرەتتىم،مەنچە ئۆگەتكۈچى پەقەت ئۆگەنگۈچىدىن بالدۇرراق شۇ نەرسىنى ئۆگنىۋالغان يېرى بار خالاس …ئەگەر سىز مەندىن بىر نەرسىنى ئارتۇق ئۆگنىۋالسىڭىز سىز ماڭا ئۇستاز ،ئەگەر مەن سىزدىن بىر نەرسىنى ئارتۇق ئۆگنىۋالسام مەن سىز گە ئۇستاز  شۇنداقمۇ ئەمەس ؟

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك نۇرغۇن ئۇيغۇر تورداشلار توردا پۇل تېپىشقا ناھايىتى قىزقىدۇ ،بەلكىم توردا پۇل تېپىش جىسمانى كۈچ تەلەپ قىلمايدىغان سوغۇقتا توڭمايدىغان ،ئىسسىقتا كۆيمەيدىغان بىرخىل سودا بولغانلىقى ئۈچۈن قىشتا توڭلاپ ،يازداكۆيۈپ تويۇپكەتكەن بۇ ياشلىرىمىز ۋاڭبادا ئولتۇرۇپلا پۇل تېپىشنى ناھايىتى خالايدۇ ،ئەمما ”قۇم باسقان شەھەر“ دىگەن ئەسەردە ئېيتىلغندەك بىر توپ ياۋ لەشكەرلىرى كېلۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بىغەملەر شەھىرىدىكى خەلىقلەرگە ئوخشاشلا  ”ئۇستىرا“،“بوياق ”،…قاتارلىقلارنى تەڭلەپ ئولتۇرماقچى بولۋاتىدۇ .

زامانە تەرەققى قىلىپ بۈگۈنگە كەلدى ،“تورسودىسى“ ئوقۇمى ئۇيغۇرلار ئارسىغىمۇ ئەمدىلا كىردى بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلار بار لىكىن بۆسۈپ چىقىپ پۇل تاپقانلار ئاز.

مەزكۇر بىلوگنىڭ بۇندىن كىيىنكى يازمىللىرىدا سىز تورداسودىسى ھەققىدىكى تېرەن پاراڭلانى ئاڭلايسىز .

سىز دە بىزدە نىمە كەم ؟

بىلىم كەم .

سىزدە بىزدە نىمە كەم ؟

پۇل كەم .

پۇلنى نىمە تاپىدۇ ؟

پۇلنى بىلىم تاپىدۇ .

بىلىمنى كىم تاپىدۇ ؟

تىرىشقانلار ،ئوقۇغانلار .

ئوقۇمىغانلار چۇ؟ئۇلار قانداق قىلدۇ؟

ئۆزىنىڭ ئېشىنى يەپ كىشنىڭ غېمىنى قىلماق ئاسان ئەمەس .راستىنلا ئاسان ئەمەس.

كىشىنى قويۇپ ئۆزىمىزدىن باشلايلى .

قوينىڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا دەپتىكەن .

يېقىندا مۇنداق بىر ئەقىليە سۆزىنى كۆرۈپ قالدىم ،كىشىگە ئەگىشىش نۇمۇس ئەمەس ،لىكىن ئەگىشىپ يۈرۈۋېرىش شەرەپ ئىش ئەمەس .

قالغان تەھلىلنى ئۆزىڭىزگە قوياي ئەگەر سىزدە مال بار سودا يوق ،پۇل بار مال يوق ،يول بار پۇل يوق …يۈرۈپ كەتكەن بولسىڭىز بىلوگنىڭ كىيىنكى تىمىللىرىنى داۋاملىق كۆرۈڭ ،سىزدىن مال كەتمەيدۇ ،پۇل كەتمەيدۇ ،تىرنىقىڭىزنى ئېلۋەتكەنچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ (ۋاقىت سىزدە كۆپ ،كۆپ بولمىسا ۋاڭبادا پۇل تاپىمەن تور بەت ياسايمەن دەپ ئولتۇرمايتىڭىز)،ئەمما بۇ ۋاقىتتا بىر كىشنىڭ تۆت بەش يىللىق تەجربىسىنى ئۆگنىۋلالايسىز .

 

سەھىپىلەر:تورسودىسى
  1. تېخى باھا يېزىلمىدى.
  1. No trackbacks yet.

باھا يېزىش