ئارخىپ

Archive for the ‘ئالىي مەكتەپ’ Category

ئۆتمۈشۈم،كەلگۈسۈم ۋە كومپيۇتېر

2010-يىل 31-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

يول مېڭىشنى سورىساڭ پىشقان قەدەمدىن سورىغىن ،

بىلىم ئېلىشنى سورىساڭ  پىشقەدەمدىن سورىغىن .

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرئەھلى، مەن شىنجاڭ پىداگوگىكائونۋېرسىتىتىنىڭ  ئوقۇغۇچىسى قۇتبىلىك بولىمەن،  كەسپىم كومپيوتېر 2005- يىلى بۇمەكتەپكە قۇبۇل  قىىلنغاندىن باشلاپ بۇكەسىپ بۇكومپيوتېردۇنياسىغا شۇنداق شۇڭغۇدىمكى ئەيھانناس بۇدۇنيادا يەنەبىر ، يەنەبىر كەسىپكە بۇنداق كۆيمەستىم .مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2يىل ئۆتۈپ كەتتى ،مەن دەسلەپ كەلگەندىكى QQ نى ئاچالمايدىغان سەۋيەدىن بۈگۈنكى توردا بىمالال مەشۇلات قىلالايدىغان ،كومپيوتېربۇزۇلسا ئوڭشىيالايدىغان ،ھەرخىل سىستىمىلارنى يۇمشاق دىتللارنى بىراۋنىڭ ياردىمىسىز توردىن ئىزدەپ تاپالايدىغان ھەم چۈشۈرۈپ قاچىليالايدىغان ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم ،تۇنجى يىلى كازىۋەنگە كەلگەندىن تارتىپ باشلانغان بۇئىشتىياق مىنى ھەرقىسمەتلەرنى كۆرۈشكە مەجبۇرقىلدى ،باۋيې(包夜) دىگەن بۇنەرسىنى قانداق ئۆگەنگنلىكىمنى بىلمەيمەن ،شۇنەرسىنى ئۈگەندىمما بولدى مەن كومپيوتېرغا مەستانە بوپ قالدىم. كومپيوتېرمىنى ئۆزىگە شۇنداق مەپتۇن قىلدىكى نە تاماق، نەدەرىس ،نە بۇئۈستى بېشىم …ھەمىسىنى ئۇنتۇدۇم ،ھەپتىدە ئازبولغاندا 3قېتىم باۋيې(包夜) قىلىش ماڭا ئۇدۇم بولدى .كىچىسى ھۇقۇش بوپ ئۇخلىماي چىقتىم ،كۈندۈزى كالا بوپ ئويغانماي چىقتىم ،كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئايدا كەلگەن 400كوي يا تاماققا يا باۋيې(包夜) گە يەتمەي بۇكۈنلەر ئۆتۈپ كىتىۋەردى, مىنىڭ بۇكومپيوتېرغا بولغان قىزقىشىم، بۇمەستانىلىقىم ھىچ ئاجىزلىشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،مىنىڭ كۆيگىنىم ناخشا ئەمەس ،ئويۇن ئەمەس ،كىنومۇ ئەمەس ،چ چ دا پاراڭلىشىشمۇ ئەمەس پەقەت توردىن يۇمشاق دىتال چۈشۈرۈپ ئۇنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ  نىمگە ئىشلەيدىغانلىقىنى ،نىمىنى كىرگۈزۈپ نىمنى چىقرىدىغانلىقىنى  كۆرۈش ئىدى ،بۇ بەيدۇ تۇرىدىكى مەزمۇنلار تۈگەيدىغاندەك ئەمەس .ئىزدە ئىزدە ..يەنە ئىزدە ….توختىماي ئىزدەش توختىماي باۋيې(包夜) قىلىش ئۇدا داۋاملاشتى …..1ئاي ئەمەس 2ئاي ئەمەس 1يىل داۋاملاشتى ..ساق بىريىل ..نىمەئىش بولغىنىنى بەلكىم پەرەز قىلىپ بولغان بۇلشىڭىز مومكىن بىريىل ئۇدا كومپيوتېرخانىدىن چىقماي كۈن بويى باۋيې(包夜) قىلغان كىشىنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالى يەنە نىمە بولماقچى …..ئەتە سەۋىيە سىناش ئىنتاھانى ئالىدۇ دىسمۇ تاس قالدى يەنە باۋيې قىلغىلى ….شۇنداق قىلىپ مىنىڭ 1يىللىق جاپالىق ھالدا تىرشىپ باۋيې قىلىشلىرىم مىنىڭ سىنىپ قېلشىم بىلەن ئاخىرلاشتى .مەن لىيۇجى (留级) قالدىم …..مەن بىلەن بىللە كەلگەن دوست بۇرادەر ساۋاقداشلىرىم ھەممىسى خۇشال ھالدا مەركىزى ئوقۇتۇش رايونىغا(本部) كەتتى ،بىچارە مەن كازىۋەندە يالغۇز قالدىم ..ئاھ بۇقايتا ئوقۇش تۇنۇمايدىغان ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇش …مىنى كۈتمەكتە ..توختا توختا ئىش بۇلارلام ئەمەس بۇئىشلارنى ئاتا ئانامغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈش بىر يىل ئارتۇق ئوقۇش 5يىللىق ئالىي مەكتەپنى 6يىلدا تاماملاش ..بەزىلەر تىياۋجى(跳级) قىلىپ 5يىللىق ئوقۇشنى 4يىلغا چۈشەرسە مەن ئارقىغا تىياۋجى(跳级) قىلىپ 6يىلدا تاماملايدىغان بولدۇم …كومپيوتېرنىمە؟ تورنىمە ؟بەيدۇ نىمە ؟بۇ رىيانلىقتىكى سىنىپ قېلىش  (留级) قېلىش نىمە ؟مەن ئېغىرئويلاندىم ،مەن بۇبىر يىلدا نىملەرنى قانچىلىك بىرنىملەرنى ئۆگەندىم ؟يەنە نىملەرنى يوقاتتىم ؟مىنىڭ يوقاتقىنىم بىريىللىق ئۆمرۈم ،بىريىللىق ئوقۇش ،خىراجەت ھەققى ،يەنەنۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ساۋاقداشلىق مىھرى ….نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ھىسياتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلار ……ئىرىشكىنىم كومپيوتېردۇنياسىدىكى نۇرغۇن مەۋھۇملۇقلار..ئېلىپ چىقىپ بىركىمگە مانا مىنىڭ ئۆگەنگەن نەرسەم دەپ كۆرسەتكىلى بولمايدىغان مەۋھۇملۇقلار ….  مىنىڭ كازىۋەندىكى ئازاپىق بىر يىلىم  شۇنداق قىلىپ باشلاندى ئەمما بۇئىشلارنى ئاتا ئانامغا دىمەسلىك قارارىغا كەلدىم ..ھەم دىمىدىم ،ئاتا ئانام بالام hskئىنتاھاندىن ئۆتتىڭمۇ دەپ سورىغاندا بۇئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئاتا ئانامغا يالغان سۆزلىدىم ،مەن ھەئە ئانا مەن ئۆتۈپتىمەن دىدىم ..شۇچاغدىكى ئاشۇ بىر ئېغىز ھە دىگەن گىپىم ئۈچۈن مەن ھازىرغىچە ئازاپلىنىمەن. نىمىشقا دەمسىز؟ شۇنچە يىل ئاتا ئانامغا يالغان سۆزلىمەي ئالىي مەكەپكە چىقىپ ئالىي بىلىم يۇرتىدا تۇرۇپ ئاتا-ئانامغا يالغان سۆزلىدىم …شۇنچە مىھىر بىرىپ باققان ئانامغا يالغان سۆزلەشكە نىمە ھەققىم بارمىنىڭ؟  …شۇئازاپ شۇ ھىسياتلار ئىچىدە مىنىڭ 2-يىللىق خەنزۇتىلى ئۆگنىشىم باشلاندى .بىرىنجى مەۋسۇم كازىۋەندە قالسام بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولمىسا باشقا مەكتەپتىكى دوستلىرىم ،ساۋاقداشلىرىم ئېنىقلام بىلىپ قالدۇ .ئۇلاربىلسە بۇگەپ ناھايىتى تىزلا يۇرتقا ئاندىن دوست يارەنلەر ئارقىلىق ئاتا ئانامنىڭ قۇلقىغا يېتىدۇ .بۇئىشلارنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن  مەن بېنبۇغا يېنىپ كەلدىم ،ئاغىناللىرىمنىڭ ياتىقىدا ياتتىم . بىرماۋسۇم ئۇرلۇپ سوقۇلۇپ بەزىدە بوش كاۋات بار بەزىدە يوق دىگەندەك بىردە كىيملىرىم بىلەن ياتسام بىردە دوستلىرىم بىلەن بىر گە يېتىپ دىگەندەك،كازىۋەن بىلەن بېنبۇ (本部) ئوتتۇرسىدا قاتناپ يۈرۈپ  بىرماۋسۇمنى تۈگەتتىم. بۇخىل ئىككى مەكتەپ ئارسىدا پالاقشىپ قاتناپ ئوقۇغان ، خاتىرجەم تۇراي دىسە ياتىقى يوق ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى قانداق بولماقچى ئىدى ،بىرىنچى مەۋسۇم مانا مۇشۇنداق دەرىسلەردە نەتىجىسز ئۆتۈپ كەتتى ،بىرماۋسۇم شۇنداق خارلىق، زارلىق، موھتاجلىق، ھەرخىل ھىسيات توقۇنۇشلىرى ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى .مەن ئاشۇ كۈنلەرنى كۆرۋاتقان ھەربىر ۋقتىمدا ئۆزۈمدىن سورايتىم ،مەن نىمىشقا مۇشۇكۈنگە قالدىم؟نىمىشقا ھەتتا ئاتا ئانامغىمۇ يۈرەكلىك تېلفۇنمۇ قىلالمايدىغان بوپ قالدىم …جاۋابى ئەشۇ كومپوتېر ئەشۇ باۋيې(包夜) ئەشۇ دەھشەت قىزقىشلار ئىدى ……
2-ماۋسۇم ئاتا ئانام ۋە باشقا مەكتەپلەردىكى دوست يارەنلىرىمنىڭ ھىچ قايسىسى بىلمىدى ،شۇنىڭ بىلەن مەن كازىۋەنگە بېرىپ ھىچ يەرگە بارماي ئۆگۈنۈش قارارىغا كەلدم ،5ئاينىڭ 21گىچەتورخانىغا(网吧) دەسسىمەسلىكە قەسەم قىلدىم .ئادەم بۇدۇنيادا قىلمەن دىسە قىلالمايدىغان ئىشى يوق .مەن شۇنچە ياخشى كۆردىغان كومپيوتېرنى ئاشۇ تور ئاشۇ توردىن چۈشىۋاتقان دىتالارنى ئۇنتۇپ دەرىسكە كىرشىپ كەتتىم ،ماڭا بۇ مەن شۇنچىلىك ئامراق بولغان شۇنچە مەستانە بولغان كومپيوتېردىن ئايرىلىش شۇنچە تەس كەلسىمۇ مەن كۆتۈمنى غىت قىسىپ ئولتۇرۇپ خەنزۇتىلى ئۆگەندىم …ئىنتاھان كەلدى… يۈرەك دىگەن سۇ …..ناۋادا يەنە ئۈتەلمىسەمچۇ ؟؟؟  ئاھ خۇدا ئۆزۈڭگە ئامانەت ..نەتىجىمۇ چىقتى .مۇئەلىم نەتىجىنى ئوقۇماقتا ..8دەرجە بولغانلار ..7دەرجە بولغانلار ..ئىسمىم يوق ئاھ خۇدا نىمە كۆرگۈلۈك بۇ ..6دەرجە بولغانلار ..يوق يوق ..ئەڭ ئاخىردا xxxxxx ….ئاھ خۇدا مەن ئۆتۈپتىمەن ..مەن ئۆتتۈم …سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراشماقتا ،ھەممىسى مەن ئۈچۈن خۇشال بولماقتا ئىدى …مەكتەپ ئىچى بىنا ئالدى ئالدىنقى يىلى ماڭا سىنىپ مەسئۇلى  (班主任) بولغان مۇئەللىم :xxxxx ئۆتۈپسەنما ..؟؟؟
ھە مۇئەللىم …..
.ھە ئەمدى كەسىپنى تىتىۋىتىسەنغۇ ؟ياخشى ئوقۇغىن ؟مەنچە سەن ئەمدى كەسىپنىڭ ئالدى بوپ ئوقايسەن .ھاراسىت مىنىڭ كومپيوتېرىمدىكى سىستىمىدىن چاتاق چىققان ۋاقىت چىقرىپ ئوڭشاپ بەرگەن بولساڭ ؟؟؟……
مانا بۇمىنىڭ تۇنجى كومپيوتېر بىلگىنىم ئۈچۈن ئىرىشكەن خۇشاللىقىم ..مىنىڭ مۇئەللىم مىنى ئۆزىنىڭ كومپيوتېرنى ئوڭشاپ بىرىشكە تەكلىپ قىلماقتا ..بىر ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلماقتا …..مانا بۇ بىلىمنىڭ ھۆرمتى ،شۇنداقلا ئىززىتى ئىدى …مەن شۇندىلا تېخىمۇ تىرشىشىم لازىم ئىكەنلىكىمنى بوپمۇ بۇبىريىلنى تولۇقلاش ئۈچۈن تىرشىشىم لازىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .مەن ھازىر 2006يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەمما مەن 2006يىللىتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەس، 2005-يىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئەمەس، 2004-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزۈمگە رىقابەتچى قىلىپ تالىشىم كىرەك ….
شۇنداق قىلىپ مەن يەنە بىر قېتىم كومپيوتېرغا ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆردىغان بۇ ھارامزادىگە يېقىنلاشتىم .ھەم شۇنداق تىرىشتىم ئاساسىي بىلىمدىن تارتىپ سىستىما قاچىلاش ،سىستىمىنى بۇزۇش ،تىزىملاش جەدىۋىلنى پىششىق ئىگەللەش ،ھەرخىل خەنزۇچە ئېنگىلىزچە دىتاللارنى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇلارنى يەنە قايتا ئوراپ قاچىلاش پىرگىراممىسى تۈزۈش ،ئاپتوماتىك قاچىلىندىغان ئوپتېك دېسكا ياساش ،Ghost xpتەخسىسى ياساش ،xpتوپلاشتۇرما دېسكىسى ياساش ،قوزغاتقۇچ دېسكا ياساش ،ئۈن سىن يۇمشاق دىتاللىرىدىن پايدىلنىپ ئېلىكتىرونلۇق ئالبوم ياساش قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆزلىكىمدىن كېچى كىچلەپ باۋيې(包夜) قىلىپ دىگەندەك ئۆگەندىم .بىركىچە باۋيې قىلسام زادى ئۇيقۇم كەلمەيتى ،ئاشۇ ئانام بىلەن دادامنى ئالدىغانلىقىمنى ،بىريىل قايتا ئوقۇغانلىقىمنى ،خەقنىڭ مەندىن ئېشىپ كىتۋاتقىنىنى ئويلىسام زادى ئۇيقۇم كەلمەيتى ،ھامىنى بىر ئۆلۈم ئۆلۈپ كىتىدىغان جانغا نىمىشقا ئۇخلايتتىم ھېلىمۇ يىتە ئۇخلىغىنىم دپ ئويلايتىم …ئۆزۈمگە ئۆزۈمنىڭ بەك ئاچىچىغى بارئىدى شۇڭا ئامال بار كومپيوتېركىتاپنى يېنىمدىن ئايرىمايتىم ،(گەرچە خەنزۇتىلى سەۋيەم يىتىشمەي لىيۇجى(留级) قالغان بولساممۇ ئەمما كومپيوتېرغا ئائىت مەزمۇنلارنى تۇلۇق ئوقۇپ چۈشنەلەيتم )ئەنە شۇنداق ئۆگۈنۈشلەر داۋاملاشماقتا ،تور قۇرۇش ،كومپيوتېرلانى ئۆزئارا تورلاشتۇرۇش ،توربەت ياساش ،بۇنەرسىلەرنىمۇ خېلى بىريەرگە ئاپپاردىم ،تېخى دۆۋلەتلىك 1-دەرجە ئىنتىھانىغا قاتنىشىپ دۆۋلەتلىك بىرىنجى دەرىجە كىنىشكىنىمۇ ئالدىم ،خۇشالىقلار ئەمدى ماڭا ياربولماقتا ،ئاينىڭ 15قاراڭغۇ 15يۇرۇق ،يامغۇردىن كىيىن كۈننىڭ چىقىشى تەبىي ،مىنىڭ باھارىم يىتىپ كەلگەن ئىدى ،مەن يازلىق تەتىلدەكومپيوتېرنىڭ  ئالدىدا كۈنىگە 15سائەتتەك ئولتۇردۇم ،ۋاقىت ماڭا ناھايىتى جىددىي ئىدى 45كۈنلۈك بۇتەتىل مەن ئۈچۈن ئالتۇنغا تىگۈشكۈسىز ئىدى .شۇڭا كىچە سائەت بەشكىچە كومپيوتېرئۈگۈنۈپ ئاتتىگەن سائەت ئونلاردا ئورنۇمدىن تۇرۇپ دىگەندەك ئۈگەندىم ..ئاتا-ئانام بىچارىلەر ئۇخلا بالام ئۇخلىۋال دەپ قاخشايتى مەن بولسام مانا ھازىر ،مانا ھازىر دپ تاڭ ئاتىۇزىۋىتەتتىم ،ھەرقېتىم ئۇخلىۋال بالام دىگەن گەپنى ئاڭلىغاندا ئىچىمدىن ئازاپلىنىپ كىتەتتىم .ياق مەن ئۇخلىمايمەن …ئانا دادا ئەگەر سىلەر ئوغلۇڭلارنىڭ بۇكۆرگەن كۈنلىرىنى بىلسەڭلەر ئىدى ئاندىن مىنىڭ نىمىشقا ئۇخلىماي شۇنچە ئۆگىنىدىغانلىقىمنىڭ سەۋبىنى چۈشنۈپ يەتكەن بولاتتىڭلار …خەيرىيەت .يېپىق قازان يېپىق بويىنچە قېلىۋەرسۇن ،ئاتا ئانامغا نىمە دەپ دەيمەن ،مىنڭ نىمە يۈزۈم بار شۇگەپلەرنى دەيدىغانغا …ئەگەر .ئۇلارمىنىڭ 1يىلنىڭ ياغى ئۇلارنى ئالداپ كەلگەنلىكىمنى بىلسە نىمە بوپ كىتەر .ۋاي داشۆگە ئۆتكەن ئوغلىمىز دەپ چوڭ بىلگەن ئوغلىنىڭ مۇشۇ ئەھۋامىنى بىلسە نىمە بوپ كىتەر …..مەن زادىلا بىلەلمىدىم ..قانداق قىلىشنى زادىلابىلەلمىدىم …..؟؟؟؟؟؟
خۇدانىڭ رەھمىتىدە مىىنىڭ داشۆھاياتىمنىڭ 3يىلى باشلاندى …يېپىق قازان يېپىق …
مەن سىنىپقا شۇنداق تەستە كىردىم ،سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ كۆپچىلكى مىنى بىلدىغان بولۇپ مىنىڭ قايتا بىر يىل ئوقۇغانلىقىمنى ،مىنىڭ كومپيوتېردا خېلى بىرنىملەرنى بىلدىغانلىقىمنى بىلەتتى  ،كىيىن مەن سىنىپ باشلىقى بولدۇم ،ھەممە ئىشلا بىرقاتالىقچە ئىزىغا چۈشكەن ئىدى .ئەمدى خاتىرجەم ئوقۇيدىغان ،تىرشىدىغان پەيىت يىتىپ كەلگەندى …مەن تېرشىۋاتىمەن …مەن بىلىك تورىدىن ئەركىن سىدىق ،پەخىردىن قارلۇق ،قۇدىرەت ياقۇپ قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ  ئىش ئىزلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن تېخىمۇ غەيرەتكە ،تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىرادىگە كەلدىم …بولۇپمۇ پەخىردىن قارلۇقنىڭ ئۇيغۇركومپيوتېرئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىش ،ئۆملىشىش ،بىرلىكتە ئىشلەش كىرەك دىگەن شۇئارىنى كۆرگەندىن كىيىن بىزنىڭ مەيلى تارىخ جەھەتتە بولسۇن ،مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ،ئىقتىساد ۋەياكى سىياسى جەھەتتە بولسۇن چىقىش يولىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كومپيوتېردا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم .بىلىم ماكانى بولغان بۇبىلىك تورى مىنىڭ كەلگۈسىمنىڭ بىرقىسمىنى ياراتتى .مەن ھازىر كۈندە سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىلىك تورىنى ئاچىدىغان، يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن يۈزۈمنى يۇيۇپ ناشتىغا ماڭىدىغان بولدۇم .مەن خۇددى بۇتوردىن ئاتا-ئانامغا نىمە دىسەم بولدىغانلىقى چىقىدىغاندەكلا ھىس قىلمەن ،چۈنكى مەن ئىشىنىمەن بۇيەردىكى مىللەتپەرۋەرلىك ،كىلەچەك ،ئانام ئۈگەتمىگەن دادام ئۈگەتمىگەن ،مۇئەللىملىرىممۇ ئۈگەتمىگەن ئۈگۈتۈشكە ئامالسىزقالغان ئاشۇ بىلىملەرنىڭ مۇشۇ ئورۇندىن چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ..مەن كەلگۈسنى قانداق بەلگىلەيمەن ،مەن يەنە نىملەرنى ئۆگىنىمەن ،مەن ھازىر كىم ،بۇرۇن كىم ئىدىم كىمنىڭ ئەۋلادى ئىدىم ،بۇندىن كىيىن كىم بولىمەن كىمنىڭ ئەۋلادى بولىمەن ،مەن بىرلىشىنى نەدىن باشلايمەن (قۇت بىلىك دەپ كومپيوتېرخىزمەت گۇرپىسى قۇرغان ‹بىرلىكتە ئۆگىندىغان ،ئۆگىتىدىغان ھەقسىزمۇلازىمەت قىلدىغان › بىرئايغا بارماي پارچىلنىپ كەتتى ،بەلكىم ياخشى باشلىيالمىغاندىمەن )،كىملەر بىلەن بىرلىشىمەن (مەن بىرلەشكەنلەر كومپيوتېركەسپىدىكى سىنىپنىڭ ئالدى باللىلار ئىدى‹يەنىللا پارچىلنىپ كەتتۇق ،بەلكىم ئوبكىتنى توغرا تاللىمىغان ئوخشايمەن›)،يەنە نىملەرنى ئۆگىنىمەن ،كىملەرگە ئۆگتىمەن (ھازىرچە سىنىپتىكى يېڭى ئۈگەنگۈچى ساۋاقداشلىرىمغا كومپيوتېردىن ئاساس قىسمىنى ھەقسىز ئۆتۈپ بېرۋاتىمەن)،قانداق ئۆگىنىمەن ،قانداق ئۆگىتىمەن ،ئانام ئۈگەتكەن دادام ئۈگەتكەن ئاشۇ ئىسىل خىسلەتلەرنى قانداق قىلىپ ئەجداتتىن ئەۋلاتقا ئۇلايمەن ،قانداق قىلسام ئانامغا دادامغا يۈزكىلەلەيدىغان بولىمەن ؟مانا  بۇ مەن ئىزدىگەن بىلىكتىن تېپىلدىغان بىلىملەر …..
دىن ،مىللەت ،دۆۋلەت ،ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مىنى ۋە مەندك نۇرغۇن سىتودىنىتلارنى بۇجەميەتتە ئۆزىنى ئىپادە قىلىشنى كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلماقتا ،مىللەتلەر كەلكۈنسىمان قۇشۇلۋاتقان ،خەنزۇلار مەدەنىيتى ئۆزلىگىدىن غەرىپ مەدەنىيتىگە ئاسىسىمالىتسىيە بولۋاتقان ،ئۇيغۇرلار مەدەنىيتى خەنزۇلار مەدەنىيتى ۋە غەرىپ مەدەنىيتىگە ئاسسىمالتسىيە بوپ كىتۋاتقان بۈگۈنكى بۇدۇنيادا مەن يەنىللا ئانامنىڭ ئوغلى بولالامدىم ،مەن نىمىشلارنى قىلسام قىلسام قايسى يولدا ماڭسام ئانام مەندىن رازى بوپ بالام جاپا چەكتىڭ تېرىشقىن تاللىغان يولىڭدىن ۋازكەچمەي داۋاملاشتۇرغىن‹يولۋاس ئىزدىن ،يىگىت سۆزدىن يانماس › دەيدىغان بولىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟
جاۋاپ بەر بىلىك ھەممىسىگە جاۋاپ سەندىن چىقدۇ …جاۋاپ بەر ماڭا ۋە مەندەكلەرگە يول كۆرسەتكىن ……مەندەك ئازغانلارغا يول كۆرسەتكىن ئەمدى ئازمىسۇن …بۇدۇ ئازسا گۇناھ سەندە ….چۈنكى سەن ھازىر مىللەتنى يىتەكلەۋاتىسەن ….
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى

————

بىر ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالاي:
سىزنىڭ كەسپىڭىز كومپيۇتېر ئىلىمىمۇ ياكى كومپيۇتېر قوللىنىش تېخنىكىسىمۇ؟  ئەگەردە ئالدىنقىسى بولسا، سىزگە دەيدىغان تۆۋەندىكىدەك سۆزلىرىم بار:

راستىمنى دېسەم، سىزنىڭ قىزىققان ئىشىڭىزگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئىرادىڭىز بار ئىكەن، بۇ تەرىپىڭىزگە ھەقىقەتەن قول قويىمەن.  لېكىن، نىشان، يول ۋە ئۇسۇللار تۈپتىن خاتا بولۇپ قاپتۇ…

گەپنىڭ قىسقىسى، سىستېما قاچىلاش، GHOST XP ياساش، ئۈن-سىن كىرىشىتۈرۈش دېگەندەك يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشلار كومپيۇتېر ئىلىمى كەسپىدىكىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس، ئەڭ بولمىغاندا ئاساسلىق شۇغۇللىنىدىغان ئىشى ئەمەس.  بۇنى ئىشتىن سىرتقى قىزىقىش سۈپىتىدە بوش ۋاقتىڭىزدا ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ، لېكىن سىز دېگەندەك كۈننى-تۈنگە ئۇلاپ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بۇلار ئەمەس…

سىزنىڭ ھەقىقىي ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلىرىڭىز تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ، بۇ يەردە دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئوخشىماسلىقلار بولۇشى مۇمكىن:

ماتېماتىكىغا ئائىت:
数学分析,离散数学 قاتارلىق (دىققەت، پەقەت مىسال ئۈچۈنلار بۇ ئىككى مۇھىم تارماق ئېلىندى) كومپيۇتېر ئىلىمىنىڭ ئاساسىي ماتېماتىكىلىق تەلەپلىرى بولغان پەنلەر…

كومپيۇتېر ئىلىمىگە ئائىت:
模拟/数字电路,计算机系统架构,程序设计语言 (C/C++、Java…),数据结构,软件工程,编译原理
(دىققەت، پەقەت مىسال ئۈچۈنلار بۇ بىر نەچچە مۇھىم تارماق ئېلىندى) يەنە نۇرغۇن مۇشۇنداق كومپيۇتېر ئىلىمىنىڭ ئاساسى بولغان پەنلەر بار…

سىز ئەسلى مۇشۇلارنى كۈننى-تۈنگە ئۇلاپ تىرىشىپ، ياخشى، پىششىق ئىگەللىسىڭىز بولىدۇ…

بۇلار توغرىلىق بىلىكتىكى ئۇستازلاردىن ئالىم ئەھەت، بۈركۈت قاتارلىقلارنىڭ يازمىسىنى ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ، شۇ يەردە تېخىمۇ كونكرېت تەلەپلەر تەكىتلەنگەن (ئېسىمدە قېلىشىچە، بۈركۈت ئۇستاز يازغان «Google نىڭ سىرى» ناملىق تېمىدا، مۇشۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇلارنى ياخشى كۆرۈپ بېقىڭ)…

ئەڭ ئاخرىقى دەيدىغان گېپىم، 包夜 قىلىش ھەقىقىي بىر ئىلمىي ئەقىل ۋە كەسپ ئىگىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس…  بۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى بۇندىن كېيىن قىلماڭ.  ھەرقانداق ئىش ئىلمىي، قائىدىلىك رەۋشتە ئېلىپ بېرىلسا، ئاندىن ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇغىلى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئوقۇشىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

———-

ئاكىللىرىمنىڭ ۋاقىت چىقرىپ  قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەنلىكىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت …خۇدايىم بۇرىسا دىگىنىڭلا كەلگەي …
چوڭ بۇلۇش باسقۇچىدا تۇرغان بىر ياش بولغانلىقىم ئۈچۈن بەزى بىريەرلەرنى بىلىپ بىلمەي خاتا قىلىپ قويغان بۇلىشىم مومكىن …مەنلا ئەمەس ،مەنچە بۇخىل خاتالىشىش مەن ياشتىكى سىتۇدىنىتلار بولۇپمۇ يېڭى كەلگەن سىتۇدېنىتلار ئارسىدا خېلى ئېغىر دەپ ئويلايمەن ….
يازغان ماقالەمگە تەپسىلى قاراپ چىقىدىغان بولساق مىنىڭ دوستلاردىن ،پىشقەدەم ئۇستازلاردىن سورىماقچى بولغىنىمنىڭ پەقەت بىرلا سۇئال ئەمەسلىكىنى ھىس قىلالايمىز ….ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشى مىنىڭ خاتالىغىم …مەن مىنىڭ خاتالىغىمنىڭ باشقا دوستلارنىڭ ۋە سىتۇدېنىتلارنىڭ خاتالىغى بوپ قېلشىنى خالىمايمەن …..تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە شۇنچە ئەلا ئوقۇپ  ئونۋېرسىتىتقا كىلىپلا بالىلىق قىلىپ، ياشلىق قىلىپ ،بىلىپ بىلمەي ئېزىپ كىتىدىغان ئەشۇ ئىنىللىرىمىز ،ئەشۇ سىڭىللىرىمىز،ئونۋېرسىتىتىكى كىچكىچىلەپ باۋيې قىلىپ يۈرگەن دوستلىرىمىز………….. ،بۇلارغا بۇ ئەھۋاللارنى بىلمەي يۈرگەن چوڭلىرىمىزنىڭ  ،پىشقەدەم ئۇستازلىرىمىزنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى ..ماڭا ياكى  ماڭا ئوخشاش ئېزىپ ئاتا ئانىسىغا راس گەپنى قىلىشقا ،قانداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان بىر ياشقا قانداق قارايدىغانلىقى ….مىنىڭ قانداق قىلسام توغرا بۇلدىغانلىقى ۋە مىنىڭ مەكتەپتە قىلۋاتقانلىرىم ،قىلماقچى بولغانلىرىمغا قانداق قارايدىغانلىقى ….ئاخىردا سورىغىنىم تۈۋەندىكى نەقىلدە ئېيتىلغاندەك

نەقىل:

ئانام ئۈگەتكەن دادام ئۈگەتكەن ئاشۇ ئىسىل خىسلەتلەرنى قانداق قىلىپ ئەجداتتىن ئەۋلاتقا ئۇلايمەن ،قانداق قىلسام ئانامغا دادامغا يۈزكىلەلەيدىغان بولىمەن ؟مانا بۇ مەن ئىزدىگەن بىلىكتىن تېپىلدىغان بىلىملەر …..
دىن ،مىللەت ،دۆۋلەت ،ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مىنى ۋە مەندك نۇرغۇن سىتودىنىتلارنى بۇجەميەتتە ئۆزىنى ئىپادە قىلىشنى كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلماقتا ،مىللەتلەر كەلكۈنسىمان قۇشۇلۋاتقان ،خەنزۇلار مەدەنىيتى ئۆزلىگىدىن غەرىپ مەدەنىيتىگە ئاسىسىمالىتسىيە بولۋاتقان ،ئۇيغۇرلار مەدەنىيتى خەنزۇلار مەدەنىيتى ۋە غەرىپ مەدەنىيتىگە ئاسسىمالتسىيە بوپ كىتۋاتقان بۈگۈنكى بۇدۇنيادا مەن يەنىللا ئانامنىڭ ئوغلى بولالامدىم ،مەن نىمىشلارنى قىلسام قىلسام قايسى يولدا ماڭسام ئانام مەندىن رازى بوپ بالام جاپا چەكتىڭ تېرىشقىن تاللىغان يولىڭدىن ۋازكەچمەي داۋاملاشتۇرغىن‹يولۋاس ئىزدىن ،يىگىت سۆزدىن يانماس › دەيدىغان بولىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟

پەقەت مىنىڭ ئاتا ئاناملا ئەمەس بەلكى  بارلىق ئاتا ئانىلار پەرززەنتلىرى  قانداق قىلغاندا پەرزەنتلىرىگە ئاشۇنداق دەيدىغانلىقى ………………قاتارلىقلار ئىدى.
ماڭا ،مەندەكلەرگە ،بىزلەرگە(يىتىلىش باسقۇچىدىكى سىتۇدېنىتلارغا) ئاتىلىق مىھرىڭلار بىلەن تەلىم بىرشىڭلارنى ،بىزلەرگە يول كۆرسىتىپ قانداق قىلساق توغرا بۇلدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرشىڭلارنى سەمىمى ئۈمۈد قىلمەن .
——————-
راس، يۇقىردا دىيىلگەندەك كومپىيۇتىرنى قوللىنىش ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭدىكى تېخنىكا بىلىملەرنى ئۈگۈنۈش كىرە،
قاراڭ، بىلىك كۇلۇبىكى V.Basic دىگەن يىگىت  كەسپى كومپىيۇتىر بولسىمىسىمۇ  بىلىكتىكى پاراڭلاردىن ئىلھام ئېلىپ جۇڭگۇلۇقلار ئاز سانلىق مىللەتلەر قىلالالمايدۇ دەپ قاراپ كەلگەن ھەتتا ئۇيغۇرچە OCR نى ئۇيغۇرلار ياسىيالمىغاچقا چىنخۇا ئونۋېرسىتىتى ياساپ بەرگەن دىگەن نۇمۇس نى ئاقلاپ ئۇيغۇرچە OCR نى ۋە شۇنىڭغا ئائىت بارلىق تېخنىكىلەرنى 0 دىن باشلاپ ئۈگۈنۈپ 6 ئاي ئىچىدە  ئەسلى كودى ئۇيغۇر نىڭ قۇلىدا بولغان ئۇيغۇرچە OCR نى ياساپ چىقتى. ( ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا تارقىتىلىدىكەن.)  دىمەكچىمەنكى، نىشان ۋە مەسئۇلىيەت ئىنىق بۇلىشى كىرەك. بولمسا يولدىن ئادىشىپ تورخانىغا كىتىپ قالىدىغان گەپ. كەلگۈسى ھەرگىز تورخانىدا ئەمەس! ھەتتا كومپىيۇتىردا ئەمەس.  كومپىيۇتىردىن پەقەت قۇرال سۈپىتىدە پايدىلىنىمىز خالاس.
يۇقرقى يازمىدىن يەنىمۇكۆپ ياشلارنىڭ  ئىبرەت ئېلىشىنى شۇنداقلا يېڭى نىشان ۋە ئارزۇ غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈكىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
—————-
FinalFantasy ئەپەندىگە:
بىزنىڭ كەسپىمىز كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى.
تېما ئېگىسى مەن بىلەن مەكتەپداش،كەسىپداش ئىكەن.
سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەن توغرا،كومپيۇتېردا بىرەر ئىش قىلىمىز دەيدىكەنمىز،سىز دېگەن پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەككەن.مەن بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.
بىراق سىنىپتىكى كۆپ ساندىكى بالىلار ئارىسىدىكى بىر پەندىن باشقا ھېچقايسىسىنى ياخشى ئۆگىنەلمىدۇق.
بۇنىڭ سەۋەبىنى ھازىرغىچە ئويلىسام،كاللام يەتمەيدۇ.ساۋاقداشلار ئارا مۇشۇ پاراڭلار بولۇشقاندا بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت:
1.ئۆزىمىز ھورۇن،شۇڭا ياخشى ئۆگىنەلمىدۇق.
2.دەرسنى خەنزۇتىلىدا ئۆتتى،شۇڭا…
3.ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى يېتەرلىك ئەمەس..
4.مەكتەپنىڭ شارائىتى بىزنىڭ كۆپرەك ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىشىمىزغا يار بەرمىدى.
5.بەك مۇرەككەپ،بەك تەس.
6.مەن ئوقۇش تەۋەلىك گۇۋاھنامىسىنى ۋە دېپلومنى ئېلىۋالساملا بولدى،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ياكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى بولىمەن،ئۇلارغا بۇ پەنلەردىن دەرس ئۆتمەسلىكىم ئېنىق،Office نى ياخشى ئۆگىنىۋالساملا بولدى.
7.سىنىپتا كومپيۇتېر كەسپىگە خاس تۇس يوق،تاپشۇرۇقلارنى تولۇق ئىشلىسەك،دەرسلەرگە ۋاقتىدا قاتناشساق،مۇئەللىم بىلەن ياخشى ئۆتسەك،ئاخىرىدا ئىمتىھاندىن ئۆتىۋالساق بولدى،بۇلارنى تېرىشىپ ئۆگەنمىسەكمۇ نېنىمىزنى تېپىپ يەپ كېتەلەيمىز. بۇلارنىڭ قايسىسى توغرا قايسىسى خاتالىقىنى مۇشۇ كەسىپتە مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلىكى ئادەم ھېس قىلالايدۇ،ئەلۋەتتە ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغىنىنى توغرا دەپ قارايدۇ.ماتېرىيالىزىمچىلارنىڭ نەزىرىدە بىرىنجىسىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى خاتا.
مانا بۇ بىزنىڭ سىنىپنىڭ ۋە بىزگە ئوخشاشلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى ۋە ئويلىغانلىرى.
FinalFantasy،بۈركۈت….قاتارلىق(بىلىكتە بىزدەكلەرگە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بىلىم ئېگىلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىگە ئىشىنىمەن) ئەپەندىلەرنىڭ بىزگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىشىنى ۋە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

 

قۇت بىلىككە:
ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى تولا ئويلاپ كۆڭلىڭىزنى غەش قىلماڭ،بۇ سىزگە توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ،ئالدىڭىزغا قاراڭ،يەنە نىمە ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئۆزىڭىزنى ئوبدان بىر باھالاپ چىقىپ ياكى باھالىتىڭ،مۇشۇ ئوڭۇشسىزلىقلار سىزگە قانداق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
ئاخىرقى سۇئاللىرىڭىزغا بىلىكتىن ياخشى جاۋاب چىقىشىغا ئىشىنىمەن.چۈنكى كومپيۇتېر بىلەن شۇغۇللانغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزى ئويلىمىغان ئاجايىپ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى ۋە باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكى ئېنىق،باشقا كەسىپلەرمۇ ئوخشاش.

————–
1. ئۆزىمىز ھورۇن، شۇڭا ياخشى ئۆگىنەلمىدۇق.
بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ 2. دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتتى، شۇڭا…
بۇنى سەۋەب قىلىۋالساق بەك ناتوغرا ئىش قىلغان بولىمىز.  ھەممىمىزگە ئايان، خەنزۇ تىلى دۆلەت تىلىمىز.  ئەگەردە بۇمۇ قىيىنچىلىق تۇيۇلسا، بىزنىڭ كەلگۈسىدە بۇ دۆلەتتە نان تېپىپ يېيىشىمىزمۇ تەسكە چۈشىدۇ، گەرچە ھازىر ئۇنداق تۇيۇلمايۋاتقاندەك تۇرغان بىلەن.  ئاشۇرۇۋەتكىنىم ئەمەس، ئەگەر ئۆيىمىزدە بىزگە بۆلۈپ بەرگەن يېرىمىز بولمىسا، بىز كەلگۈسىدە يەنىلا ئەقىلىي كۈچىمىزگە تايىنىپ نان تېپىپ يەيمىز.  خەنزۇ تىلى بولسا، بۇنىڭ ئەڭ ئاساسىي تەلىپى، بۇ بىزدەك ئەقىلىي ئەمگەك قىلغۇچىلارنىڭ قورالى، خۇددىي دېھقانلارنىڭ قولىدىكى كەتمەنگە ئوخشاش…  خەنزۇ تىلى تەس تۇيۇلسا، ئىنگلىز تىلىنى قانداق ئىگەللەيمىز؟  شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ئەگەر كومپيۇتېر ئىلىمىدىكى مەزمۇنلارنى دۇنيادىكى ئوكيانلارغا ئوخشاتساق، خەنزۇ تىلىدىكى كومپيۇتېر ئىلىمىگە ئائىت بىلىملەر ئىنتايىن كىچىك بىر سۇ كۆلچىكى دېمەكتۇر…  كومپيۇتېر ساھەسىدە چوڭقۇرلاپ چۆكىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن خەنزۇ تىلىدىن ساۋاتىمىزنى چىقارمىساق بولمايدۇ (چۈنكى سىز ئالدى بىلەن بۇ دۆلەتتە تۇرۇپ قورساقنىڭ غېمىنى قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى قۇرۇق مىشكاپ تىك تۇرمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگەللىمىسىڭىز بولمايدۇ)، ئاندىن بولسا ئىنگلىز تىلى…  ئارتۇق بىر تىلنى بىلسىڭىز، نەزەر دائىرىڭىز، تەپەككۈرىڭىز بىر ياكى ئۇنىڭىدىن كۆپ ھەسسە كېڭىيىدۇ.

 

3. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى يېتەرلىك ئەمەس…
بۇنداق ئىشلار سىزنىڭ مەكتىپىڭىزدىلا ئەمەس، پۈتۈن جۇڭگودىكى مەكتەبلەردە مەۋجۇت.  ھەتتا مەن ئوقۇغان مەكتەبمۇ (شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى) سىز دېگەندەك «سەۋىيىسى يېتەرلىك ئەمەس» ئوقۇتقۇچىلاردىن مۇستەسنا ئەمەس.  ئەمما، ئۇلارنىڭ سەۋىيسى يېتەرلىك ئەمەس بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، بۇنى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ قىلىپ قويساق بولمايدۇ.  ئوقۇتقۇچىلار پەقەت يول كۆرسەتكۈچى، قالغان ئىش ئۆزىمىزگە باغلىق.  يەنى، بىز كەسپىي تەرەققىياتىمىزدا ئوقۇتقۇچىلارغا ئەمەس، كۆپرەك ئۆزىمىزنىڭ «ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش» كۈچىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك.  Bill Gates نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىي مەكتەپتىكى كەسپى قانۇنچىلىق ئىدى، ئۇمۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ھازىرقى كۈنگە ئېرىشكەن.  ھازىرقى شارائىت بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، ھازىر Internet ئاساسىي جەھەتتىن ھەرقانداق يەردە ئومۇملىشىپ بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈچلۈك ئىزدەش موتورلىرىدىن Google مۇ بار.  ئەگەر سىزگە دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى سەۋىيسىز تۇيۇلغان بولسا، ئۇددۇل بېرىپ Google دىن سوراڭ.  مەن ئۆزۈم مۇشۇنداق ئۆگەنگەن. (دىققەت، Baidu ئەمەس، مەن تېخنىكىلىق نەرسىلەرنى ئىزدىگەندە Google نى ئىشلىتىمەن.  ئاندا-ساندا تېخنىكا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق نەرسىلەرنى ئىزدىگەندە ئاندىن Baidu نى ئىشلىتىمەن، مەسىلەن، mp3 لەرنى ) توردا سەۋىيىسى ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزنى نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ ھەسسە قاتلايدىغان كومپيۇتېرچىلار ساماندا سەككىز.  مەسىلەن، دۆلەت ئىچىدە CSDN.NET، دۆلەت سىرتىدا CodeGuru.com, CodeProject.com دېگەندەك تور بېكەتلىرىدە مۇنداق كىشىلەر ناھايىتى كۆپ.  ئۇندىن باشقا Microsoft نىڭ تېخنىكىلىرىغا قىزىقسىڭىز، ئۇنىڭ تېخنىكىلىق «ئىنجىلى» بولغان ھەقسىز MSDN Library ياكى msdn.microsoft.com مۇ بار، بۇنىڭدىن سىزگە كېرەكلىك بولغان ھەرقانداق نەرسىنى تاپالايسىز.

4. مەكتەپنىڭ شارائىتى بىزنىڭ كۆپرەك ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىشىمىزغا يار بەرمىدى.
بۇ سەۋەبمۇ ئورنىدا بولماپتۇ.  كومپيۇتېر ئىلىمىدىكى بىلىملەرگە نىسبەتەن، 2000 يۈەنلىك كومپيۇتېر سەپلىمىسىلا يېتىپ ئاشىدۇ.  (ئەمما ھېلىقىدەك، ئۈن-سىن كىرىشتۈرۈش، Photoshop ئويناش، 3DS Max ۋە Maya ئويناشلارغا بۇ سەپلىمە ئەلۋەتتە بەك تۆۋەن) بىر-ئىككى تەتىل ئىشلەپ، بۇنچىلىك پۇلنى تېپىش ئانچە تەسكە چۈشمەيدىغاندۇ؟  سىزگە دېسەم، جۇڭگودىكى مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى تەجرىبىخانىسىدىكى كومپيۇتېرىنىڭ سەپلىمىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ سەپلىمىسىگە يېتىدىغىنى يوقمىكىن دەيمەن، چۈنكى جۇڭگودىكى ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ شۇنداق. 

5. بەك مۇرەككەپ، بەك تەس.
بۇ دۇنيادا ھازىر ئاسان ئىش قالمىدىمىكىن دەيمەن.  بۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. 

6. مەن ئوقۇش تەۋەلىك گۇۋاھنامىسىنى ۋە دېپلومنى ئېلىۋالساملا بولدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ياكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى بولىمەن، ئۇلارغا بۇ پەنلەردىن دەرس ئۆتمەسلىكىم ئېنىق، Office نى ياخشى ئۆگىنىۋالساملا بولدى.
بۇنداق ئىدىيىدىكىلەر دەل سىز 3-نۇقتىدا تىلغا ئالغان «سەۋىيىسى يوق» ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ چىقىدۇ.  بۇنداق كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنى بۇزۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى بولمىغىنى ياخشى.  بۇ جەمئىيەتتە قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالالايمىز؟  جاۋاب ئاددىي:  بىز باشقىلار ئاسانلا ئورنىمىزنى تارتىۋالىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك (One who can easily be replaced with another one.) بۇ قانداق كىشىلەر؟  بۇ دەل پەقەت «ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، دىپلومىسى بار، پەقەت Office نىلا بىلىدىغان كىشىلەر».  بۇنداق كىشىلەر جۇڭگودا ھازىر پاخالنىڭ ئورنىدا.  بىز چوقۇم ئىندىۋىدۇئاللىقىمىزنى (individuality) ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ جەمئىيەتتە قىممىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىزدىكى ھالقىلىق ئامىل.  يولداشلارنىڭ بىر سۆزىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتەي، 物以稀为贵

7. سىنىپتا كومپيۇتېر كەسپىگە خاس تۈس يوق، تاپشۇرۇقلارنى تولۇق ئىشلىسەك، دەرسلەرگە ۋاقتىدا قاتناشساق، مۇئەللىم بىلەن ياخشى ئۆتسەك، ئاخىرىدا ئىمتىھاندىن ئۆتىۋالساق بولدى، بۇلارنى تېرىشىپ ئۆگەنمىسەكمۇ نېنىمىزنى تېپىپ يەپ كېتەلەيمىز.
بۇ ئىدىيىدىكى نەرسە.  بۇنداق ئويلىغان كىشى ئەسلا ئالىي مەكتەبكە كەلمەسلىك كېرەك، كومپيۇتېر ئىلىمى كەسپىگە تېخىمۇ كىرمەسلىك كېرەك.  بۇنداق كىشى شۇ ئوقۇش پۇللىرىنى يىغىپ، يۇرتىدا كىچىك بوتكىدىن بىرنى ئېچىپ، سېغىز-كەمپۈت ساتقان ياخشى…  راستىمنى دېسەم، ئالىي مەكتەبكە كىرگەن، ئەڭ بولمىغاندا، تەييارلىقنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىدا بۇنداق ئىدىيە بولسا بەك نادان، گۆدەك بولۇپ قالغانلىق بولىدۇ.  بىز ئالدى بىلەن كىمنى ئالداۋاتقانلىقىمىزنى، كىمنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك.  بۇ يەنە ئېنىق نىشانى يوق كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى، ئەگەر ئالىي مەكتەبنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا تۇرۇپمۇ مۇشۇنداق ئىدىيىدە بولسا، ئەڭ ياخشىسى قالغان يىللىق ئوقۇش پۇللىرىنى تېجەپ قېلىپ، يۇرتىغا قايتىپ ھېلىقى دۇكىنىنى ئاچقىنى ياخشى.  بۇنداق كىشىلەر يەنىلا One who can easily be replaced with another one. ئوخشاشلا، بۇنداق كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنى بۇزۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى بولمىغىنى ياخشى.  بەزى تۈزۈملەر، مەسىلەن، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەش، دەرسلەرگە ۋاقتىدا قاتنىشىش دېگەندەك، ئۆزلىكىدىن ھەرىكەتلىنىش ئىدىيسى ئاجىز كىشلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن، بۇنداق ئۆزىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بەك كۆپ ساندا بولسا مۇشۇنداق تۈزۈملەر بېكىتىپ چىقىلىپ، ئۇلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ.  بۇ تۈزۈملەر بىر ئوقۇغۇچى بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن شەرت.  ھەقىقىي ئۆگىنىمەن دەيدىغان ئوقۇغۇچلارغا بۇنداق تۈزۈم ئارتۇقچە، ئەمما يۈك بولۇپ قالمايدۇ.  بۇنداق تۈزۈملەرگە چوقۇم ئەمەل قىلمىساق بولمايدۇ، چۈنكى بۇ دېگەن مەكتەبنىڭ تۈزۈمى.  مۇئەللىم بىلەن ئەلۋەتتە ياخشى ئۆتۈش كېرەك، سوغۇق مۇئامىلىنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ.  ئەمما بۇنىڭ خاراكتېرىنى بۇرىۋەتسەك ئاخىرىدا ئالدانغىنمىز يەنىلا ئۆزىمىز بولىمىز.

—————

 

مەكتەپ ھاياتىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدا قىسقىچە تەۋىسىيە

ئەركىن سىدىق2008-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

 

ھۆرمەتلىك «ئۆتمۈشۈم، كەلگۈسۈم ۋە كومپيوتېر» نى يازغان ئۇكام،

مەن سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى ئۆز ۋاقتىدىلا كۆرۈپ، سىز سورىغان سوئاللارغا ئازراق جاۋاب بېرىپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ، قانداق جاۋاب بېرىش ئۈستىدە ئويلىنىپ بولالماي، بۇ ئىشنى سەل ئۇزۇنغا سۇزىۋەتتىم.  مەن ئەمدى ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي.  مېنىڭچە سىز سورىغان سوئاللارنى مۇنداق 3 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن :

(1) قانداق قىلغاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان بولىدۇ؟
(2) ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بىر ئادەم قانداق قىلغاندا ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان روھىي چۈشكۈنلىكتىن تېز ۋە ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ؟
(3) ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

مەن ئۇشبۇ يازمامدا، 1-سوئالغىلا بىر ئاز جاۋاب بېرىپ ئۆتەي.  ئۈچىنچى سوئالدا بىر ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغانلار خېلە كۆپ.  مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە توختالغان ئىدىم.  بىر ئاز نۇقتىلىق توختالغان بىر يازمام http://www.meripet.com/Sohbet/Erkina8.htm دە بار.  سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش باشقا ياشلارغا پەقەت مۇنداق بىر مەسلىھەتىم بار: «چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ئۆزىڭىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلاڭ.»  (بۇ غەربتىكى بىر داڭلىق ئەربابنىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ.)  ئەمدى يوقىرىقى 2-سوئالغا كەلسەك، مەن ئۇنىڭ جاۋابى توغرىسىدا ئايرىم توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.  يەنى بىر-ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە ئۇ توغرىسىدا بىر ئايرىم يازما تەييارلىشىم مۇمكىن.  تۆۋەندە يوقىرىقى 1-سوئالغا قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.

سىزنىڭ ئەمىليىتىڭىزدىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك، ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ياش مۇنداق ئىككى يولغا دۇچ كېلىدۇ: (1) ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش.  (2) ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش.  بۇ يەردىكى «ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار» دېگىنىمىز مەكتەپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن تەلەپ قىلغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئۆتۈلگەن بارلىق دەرسلەرنى پۇختا ئىگىلەپ مېڭىشتىن ئىبارەتتۇر.  ئەمدى ئىككىنچى ئىشقا كەلسەك، ئۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئانچە ھاجىتى يوق؛ سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئىگىلەش سىز ھەممىدىن بەك قىزىقىدىغان ئىشتۇر.

مەكتەپ ھاياتىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ياشلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى جەھەتتە مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار:

(1)        ئۇلار ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا ئۆزلىرى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە توغرا تىزىپ چىقالايدۇ.
(2)        ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاقتى بىلەن زېھنىنى ئالدى بىلەن «ئەڭ قىزىقارلىق ئىشلار» ئەمەس، بەلكى «ئەڭ مۇھىم ئىشلار» ئۈچۈن سەرپ قىلالايدۇ.  ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقا نۇرغۇن قىزىقىشلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدۇ.  «ئەڭ مۇھىم ئىشلار» نى قىلىپ ئېشىنغان ۋاقتى بىلەن زېھنىنىلا «ئەڭ قىزىقارلىق ئىشلار» غا سەرپ قىلىدۇ.
(3)        ئۇلاردا داۋاملىق قىيىنچىلىققا جەڭ ئېلان قىلىدىغان پۇزىتسىيە بولىدۇ. يېڭى شارائىتقا تېز ماسلىشالايدۇ. ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز بىر ئەھۋال ئىچىدىن ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق يېڭى پۇرسەتلەرنى تېپىپ چىقالايدۇ.

يوقىرىدا تىلغا ئالغىنىم بىر مۇكەممەل تىزىم بولماستىن، ھازىر ئېسىمگە كەلگەن بىر قىسىم خاراكتېرىدىن ئىبارەتتۇر. بۇلاردىن باشقا، «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» مۇ ھەر بىر ياشنىڭ مەكتەپ ھاياتىغا خېلە ئۇيغۇن كېلىدۇ.  شۇڭا مۇمكىن بولسا ئۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرىۋېلىشقا تىرىشىپ بېقىڭ.

سىزنىڭ ھازىر كومپيۇتېرغا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىشىڭىز خاتا ئىش ئەمەس.  لېكىن، مېنىڭچە سىزنىڭ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ، كومپيۇتېر بىلىمىنى كۆپرەك ئىگىلەش ئۈچۈن قالغان دەرسلەرنى نورمال ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭىشقا تەسىر يەتكۈزۈشىڭىز مۇۋاپىق ئەمەس.  ئەگەر كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدە چوقۇم يوقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ.  ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئىگىلەپ ماڭماي، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان باشقا بىلىملەرنىلا ئۆگەنسە، ئۇ ھالدا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتە تۇرۇشىنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى ۋە قىممىتى بولمايدۇ. ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار تەمىنلىگەن ئىقتىسادىي ياردەم، ھەمدە مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ئاجراتقان مەبلەغلەرنىڭ ھەممىسىمۇ ئىسراپ بولىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە چوقۇم شۇ مەكتەپتىكى بارلىق شارائىتتىن ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىپ، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى پۇختا ئىگىلەپ مېڭىشقا تىرىشىشى كېرەك.  مەن ھازىرغىچە ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە «مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەر جەمئىيەتكە چىققاندا جانغا ئانچە ئەرز قاتمايدىكەن» دېگەن چۈشەنچىدىكى ياشلارنىڭ بارلىغىنى ھېس قىلدىم. مېنىڭچە بۇ چۈشەنچە توغرا ئەمەس.  مەيلى سىز باكلاۋېر، ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇڭ، مەكتەپ ھەرگىز سىزگە كېرەكسىز دەرسلەرنى ئۆتمەيدۇ.  كېرەكلىك بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىمۇ ئۆگىتىپ بولالمايدۇ.  مەكتەپ پەقەت سىزگە بىر قىسىم ئاساسلىق بىلىملەرنى ئۆگىتىپ، شۇ ئارقىلىق سىزنى كەلگۈسىدە يېڭى بىلىملەرنى ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ئۆگىنەلەيدىغان، شۇ ئارقىلىق سىز خىزمەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ئۆز-ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ھەل قىلىدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرىدۇ.  مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلار ھەرگىز مەكتەپتە ئۆتۈلگەن ئاساسلىق دەرسلەرگە سەل قارىماسلىقى كېرەك.

مەن سىزنىڭ «بىزنىڭ مەيلى تارىخ جەھەتتە بولسۇن ،مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ،ئىقتىساد ۋەياكى سىياسى جەھەتتە بولسۇن چىقىش يولىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كومپيۇتېردا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېگەن كۆز-قارىشىڭىزغا تولۇق قوشۇلۇپ كەتمەيمەن.  ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىشىدا كومپيۇتېر مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى، لېكىن، بىردىن-بىر ئامىل ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە ۋە ئىگىلىك ئىشلىرى تەكشى تەرەققىي قىلمىسا، ئۇنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.  مەسىلەن، بەلگىلىك مەكتەپ تەربىيە ئاساسى بولمىغان بىر ئادەمنىڭ كومپيۇتېر ئۆگىنەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا مىللەتنى تەرەققىي تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى كومپيۇتېرغا بولغان يۈكسەك قىزىقىشىڭىزدىن توغرا پايدىلانسىڭىز، كەلگۈسىدە ئاشۇ ساھەدە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايسىز.  دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەرگىز بىر ئىشنى سىناپ باققان 1-قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئەمەس. كۆپۈنچە ئەھۋالدا كىشىلەر نەچچە قېتىملاپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئۆز مەغلۇبىيىتىدىن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، يېڭى بىلىمگە ئېرىشىپ، قىلىۋاتقان ئىشىنى قايتا سىناپ، مۇشۇنداق بىر جەرياننى نۇرغۇن قېتىملاپ تەكرارلاش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.  سىزنىڭ «قۇت بىلىك » دەپ كومپيوتېر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ باققىنىڭىز بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ.  ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە، بۇ ئىشنى قايتىدىن باشلاڭ.  ھەمدە ئۇنى ھەرگىز يېرىم يولدا توختىتىپ قويماڭ. شۇ ئارقىلىق سىز مۇشۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاساسىدا كەلگۈسىدە بىرەر شىركەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىشىڭىزمۇ مۇمكىن.  مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەكلىپىم مۇنداق:

(1)        ئەتراپىڭىزغا ئىقتىدارلىق، ھەمدە ئىدىيىسى بىلەن مىجەز-خاراكتېرى سىزنىڭكى بىلەن ئوبدان ماسلىشالايدىغان ياشلاردىن 5-6 نى توپلاش.  ئىدىيىسى بىلەن مىجەز-خاراكتېرى ئۆز-ئارا چىقىشالايدىغان ئادەملەرنى يىغىش ئىنتايىن مۇھىم.  ئەگەر 10 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە مىجەزى قالغانلار بىلەن چىقىشالمايدىغان بىر ئادەم بولسا، ئۇ يالغۇز ئۆزى بۇ گۇرۇپپا ئۈچۈن ھېچ بىر قىممەت يارىتالمايلا قالماي، گۇرۇپپىدىكى قالغانلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىگىمۇ زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بەزىدە ھەتتا پۈتۈن گۇرۇپپىنىڭ مەغلۇپ بولىشىغا ئېلىپ بارىدۇ.
(2)        ئۆز گۇرۇپپىڭىزدىكى ياشلارنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر شىركەت-كارخانا ئىگىلىكلىرى ئۈستىدە بىر تەپسېلى تەكشۈرۈش ئەلىپ بېرىش. شۇ ئارقىلىق ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەڭ چوڭ كۆلەمگە ئېرىشكەن كەسىپ، شىركەت، كارخانا قاتارلىقلارنى تېپىپ چىقىش. ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئۇلارنى دەرىجىگە ئايرىپ چىقىش.
(3)        يوقىرىقى ئىگىلىك ئورگانلىرىدا كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقىش.  ھەمدە تېخىچە كومپيۇتېر ئىشلىتىلمىگەن، ئەمما كومپيۇتېر ئىشلىتىلسە ئىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدىغان شىركەت، كارخانا، ئورگانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كونكرېت خىزمەت تۈرلىرىنى تېپىپ چىقىش.
(4)        گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئەزالارنى ئىشقا سېلىپ، ئوخشىمىغان كەسىپ تۈرلىرىگە بىردىن «ئۇچۇر دەپتىرى» (ئىنگلىزچە «Information Booklet ») تۈزۈپ چىقىش.  بۇ ئۇچۇر دەپتىرىدە ئاشۇ بىر كەسىپ ياكى خىزمەت ئورنىدا قايسى خىلدىكى كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلانسا بولىدىغانلىقى، ئەگەر شۇنداق قىلسا ئىش ئۈنۈمىنى قانچىلىك ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر بولىشى كېرەك.
(5)        يوقىرىقى شىركەت، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ھېلىقى «ئۇچۇر دەپتىرى» نى بېرىپ، ئۇلارنى بۇ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش.  ئەگەر سىز بۇ گۇرۇپپا ئاساسىدا بىر شىركەت قۇرغان بولسىڭىز، يوقىرىقى ئورۇنلارنى كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىش، يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش، ئۇلارنىڭ خادىملىرىنى كومپيۇتېرنى قانداق ئىشلىتىش جەھەتتە تەربىيىلەش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى بىلەن تەمىن ئەتسىڭىز بولىدۇ.  ھەمدە بەزى ئالاھىدە يۇمشاق دېتاللارنى سىزنىڭ شىركىتىڭىز ئىشلەپ بەرسىمۇ بولىدۇ.  مەسىلەن، «MicroSoft Excel » دە كىچىك كۆلەملىك شىركەتلەرگە زور پايدا يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن پروگراممىلارنى تۈزگىلى بولىدۇ.  ئۇنداق پروگراممىلارنى ئىشلىتىشمۇ ناھايىتى ئاسان بولۇپ، ئۇلارنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەرمۇ ئىشلىتەلەيدۇ. «MicroSoft Excel» نى پۇختا بىلىدىغانلارغا بۇ بىر ئاددىي ئىش.  لېكىن ئۇنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىش مۇمكىن ئەمەس.  يوقىرىقى قەدەم-باسقۇچلار ئارقىلىق سىز ئۆز شىركىتىڭىزگە خېرىدارمۇ توپلىيالايسىز.

مەن ئەسلىدە بۇ جاۋابنى بۇنچىۋالا ئۇزۇن يېزىشنى پىلانلىمىغان ئىدىم. كاللامغا كەلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىشقا تىرىشىپ ئۇنى بىر ئاز ئۇزۇن قىلىۋەتتىم. ئاخىرىدا مەن ئوقۇرمەنلەرگە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى «Bill Gates» ئامېرىكىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلىگەندە ئوتتۇرىغا قويغان «ھاياتنىڭ 11 قائىدىسى» نى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سۇندۇم.  ئەگەر مېنىڭ تەرجىمەمدە خاتالىق ياكى يېتەرسىزلىكلەر بولسا باشقا تورداشلارنىڭ تۈزىتىش بېرىشىنى سورايمەن.

ئەگەر بۇ يازمىنى باشقا تور بەتلىرىگە چىقارماقچى بولسىڭىز، «مەنبەسى: http://www.meripet.com/Sohbet/» دەپ ئەسكەرتىپ قويۇپ چىقىرىۋېرىڭ.  مەندىن سوراش ھاجەتسىز.

ھاياتنىڭ 11 قائىدىسى

Bill Gates

1.        ھايات ئادالەتلىك ئەمەس. ئۇنىڭغا كۆنگىن.
2.        بۇ دۇنيا سېنىڭ ئۆز-ئۆزەڭگە بولغان ھۆرمىتىڭگە (ياكى غۇرۇرىڭغا) پەرۋا قىلمايدۇ. بۇ دۇنيا سەندىن ئۆزەڭگە نىسبەتەن بىر ياخشى ھېسىياتقا ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن بەزى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭنى ئۇمىد قىلىدۇ.
3.        سەن تولۇق ئوتتۈرىنى پۈتتۈرۈپلا يىلىغا 40 مىڭ دوللار پۇل تاپالمايسەن. سەن بىر شىركەتكە ماشىنىسىدا تېلېفونى بار مۇئاۋىن رەئىسمۇ بولالمايسەن.  بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىنى سەن ئۆزەڭ قولغا كەلتۈرۈشۈڭ كېرەك.
4.        ئەگەر سەن «مۇئەللىمىم بەك قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن» دېسەڭ، سەن بىر شىركەتنىڭ باشلىقىنىڭ قولىدا ئىشلەپ باق. ئۇ باشلىق ھېلىقى ئوقۇتقۇچى بەشىدىن ئۆتكۈزگەن «سىناق مەزگىلى» نى ئۆز بەشىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ.
5.        «ئاشخانىدا ئىشلىسەم غۇرۇرۇمغا تەسىر يېتىدۇ» دېمە. سېنىڭ بوۋا-مومىلىرىڭ بىر ئاشخانىدا ئىشلەشنى «پۇرسەت» دەپ ئاتايتتى.
6.        ئەگەر سەن بىر ئىشنى بۇزۇپ قويساڭ گۇناھ ئاتا-ئاناڭدا ئەمەس. شۇڭا سەن ئۆزەڭنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن غۇدۇرلىماي، ئۇلاردىن ساۋاق ئالغىن.
7.        سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئاتا-ئاناڭ سەندىن ھازىرقىدەك زېرىككەن ئەمەس. ئۇلار ھازىر سېنىڭ چىقىمىڭنى كۈتۈرۇپ، كېرلىرىڭنى يۇيۇپ، ھەمدە سېنىڭ ئۆزەڭ توغرۇلۇق ئاتقان پولىرىڭنى ئاڭلاپ سەندىن ھازىرقىدەك زېرىككەن.  شۇڭا سەن ئاتا-ئاناڭ ياشىغان دەۋرنى تەنقىت قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزەڭنىڭ كېيىملىرىدىكى پىشت-سىركىلەرنى تازىلىغىن.
8.        مەكتىۋىڭ غالىبىيەتچى ۋە مەغلۇبىيەتچىلەردىن قۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن، لېكىن ھايات ئۇنداقلاردىن تېخى قۇتۇلمىدى. بەزى مەكتەپلەر ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدىغان ئىشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، سەن توغرا جاۋابنى قانچە قېتىم سورىساڭ ئۇلار ساڭا شۇنچە قېتىم دەپ بېرىدۇ.  لېكىن بۇنداق ئىش رىيال تۇرمۇشتا ئازراقمۇ يوق.
9.        ھاياتلىق مەۋسۇمغا بۆلۈنگەن ئەمەس. سېنىڭ يازلىق تەتىلىڭ بولمايدۇ. ساڭا ئۆز-ئۆزۈڭنى توغرا تونۇشقا ياردەملىشىدىغان شىركەتلەرمۇ ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئىشلارنى ئۆزەڭنىڭ ۋاقتىدا قىلمىساڭ بولمايدۇ.
10.        تېلېۋىزوردىكىسى ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس. ھەقىقىي تۇرمۇشتا كىشىلەر كافىخانىدىن ئايرىلىپ ئىشقا بارمىسا بولمايدۇ.
11.        دۆت كىشىلەرگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلغىن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇنداقلارنىڭ بىرسىنىڭ قولىدا ئىشلەپ قېلىشىڭ مۇمكىن.

In’glizchisi: The Eleven Rules of Life
By Bill Gates
RULE 1
Life  is not fair – get used to it.

RULE 2
The  world won’t care about your self-esteem. The world
will expect you to accomplish something BEFORE you  feel
good about yourself.

RULE 3
You  will NOT make 40 thousand dollars a year right out
of high school. You won’t be a vice president with
car phone, until you earn  both.

RULE 4
If  you think your teacher is tough, wait till you get a
boss. He doesn’t have tenure.

RULE 5
Flipping burgers is not beneath your dignity. Your
grandparents had a different word for burger flipping
they
called it Opportunity.

RULE 6
If  you mess up,it’s not your parents’ fault, so don’t
whine about your mistakes, learn from them.

RULE 7
Before you were born, your parents weren’t as boring as
they are now. They got that way from paying  your bills,
cleaning your clothes and  listening to you talk about
how cool  you are. So before you save the rain forest
from the parasites of your parent’s generation, try
delousing the closet in your own room.

RULE 8
Your  school may have done away with winners and losers,
but life has not. In some schools they have  abolished
failing grades and they’ll  give you as many times as
you want to  get the right answer. This doesn’t bear the
slightest resemblance to ANYTHING in real life.

RULE 9
Life  is not divided into semesters. You don’t get
summers off and very few employers are interested in
helping you find yourself. Do that on your own  time.

RULE 10
Television is NOT real life. In real life people
actually have to leave the coffee shop and go to  jobs.

RULE 11
Be  nice to nerds. Chances are you’ll end up working for
one.

Source: http://www.chuckbaldwinlive.com/read_billgates.html

 

—————-

ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ناھايىتى قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىپتۇ.

كەسپى كومپيۇتېر ئىلىمى بولمىغان، لېكىن كومپيۇتېر، پىروگرامما تۈزۈشكە ھەۋەس قىلىدىغان، قىزىقىدىغانلار يۇقۇرىدا ئەركىن سىدىق ئاكىمىز ئېيتقاندەك Excel نى ئۆگىنىپ قويسا، ئۇنىڭ بىلەنمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ Visual Basic 6.0 ۋە VBA-Visual Basic for Application  نى ئۆگىنىپ قويسا، بۇلار بىلەن تېخىمۇ چوڭ، كۆپ ئىشلارنى قىلىش تامامەن مۇمكىن، ھەم بۇلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كومپيۇتېر كەسپىنىڭ مەخسۇس بىلىملىرى كەتمەيدۇ. بۇلارنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسى بىلەن تامامەن ئۆگەنگىلى بولىدۇ.

دىيارىمىزدا ئاشخانا، رېستۇران، مېھمانخانا، تاللا بازىرى قاتارلىقلارنى ئاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن، ئىشىكلەرنى تاقاپ بولۇپ، ئىچىدە بىرەر سائەت ئەتراپىدا قول بىلەن ھىساپ-كىتاپ قىلىپ، شۇ كۈنلۈك سودا، چىقىم-كىرىملەرنى ھىساپلاپ چىقىدىكەن. مۇشۇ ئىش ئۈچۈن شۇلار 2000-1000 يۈئەن چىقىم قىلىپ قويغان بولسا، ھەر كۈنى بىر سەئەت ئەمەس، بىر مىنۇتتىن كام ۋاقىت ئىچىدە بۇ ھىساباتلارنى قىلىپ چىقىپ بولاتتى.

مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاشۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا چۈشەندۈرۈپ، شۇلارنىڭ سودىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شۇلارنىڭ كومپيۇتېرىدا ئاددى Excel پىروگراممىلىرىنى تۈزۈپ بېرىدىغانلار بولسىمۇ ھەممە تەرەپ بۇ ئىشتىن مەنپەت كۆرەتتى.

———————-

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا سىزنىڭ كەلگىنىڭىزنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم ،مەن بۇ تىمامغا بىلىكتىن جاۋاپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشنەتتىم ،ئەمما  جاۋابنىڭ(مەن كۈتكەن جاۋابنىڭ ) دىيارىمىزدىكىلەردىن ئەمەس ،چەتئەلدە ئالدىراش خىزمەت قىلۋاتقان سىزدىن  كىلدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .
يازغان ئىنكاسىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم. ھەم نىمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىز چۈشەندىم ..

نەقىل:

(1) قانداق قىلغاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان بولىدۇ؟

بۇ سۇئالغا بەك ئوبدان جاۋاپ بىرىپسىز ،

نەقىل:

(1) ئۇلار ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا ئۆزلىرى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە توغرا تىزىپ چىقالايدۇ.
(2) ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاقتى بىلەن زېھنىنى ئالدى بىلەن «ئەڭ قىزىقارلىق ئىشلار» ئەمەس، بەلكى «ئەڭ مۇھىم ئىشلار» ئۈچۈن سەرپ قىلالايدۇ. ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقا نۇرغۇن قىزىقىشلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدۇ. «ئەڭ مۇھىم ئىشلار» نى قىلىپ ئېشىنغان ۋاقتى بىلەن زېھنىنىلا «ئەڭ قىزىقارلىق ئىشلار» غا سەرپ قىلىدۇ.
(3) ئۇلاردا داۋاملىق قىيىنچىلىققا جەڭ ئېلان قىلىدىغان پۇزىتسىيە بولىدۇ. يېڭى شارائىتقا تېز ماسلىشالايدۇ. ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز بىر ئەھۋال ئىچىدىن ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق يېڭى پۇرسەتلەرنى تېپىپ چىقالايدۇ

بۇ يازمىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىغا رىغبەت ۋە توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى (كۆرسەتكۈچ تاختا )بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلمەن .
يازمىڭىز ئوقۇغاندىن كىيىن مەن ئۆزۈمنىڭ كەتكۈزىۋەتكەن نوقتىللىرىمنى ھەقىقى ھىس قىلدىم ،سىز نىڭ يۇقارقى ھىكمەتلىرىڭىزگە كۆپتىن -كۆپ رەخمەت .
ئەمدى باشقا ئىككى سۇئال توغرىسدا سىز گە ئازراق ھىس قىلغانلىرىمنى دەپ باقاي ،شىنجاڭ مۇھىتىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەندەك بىر ياشنىڭ بۇ ئىشلارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ قېلشىڭىز زۆرۈر دەپ ئويلايمەن .
( كىيىنكى يازمىللىرىڭىز ئۈچۈن پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس )

نەقىل:

ئۈچىنچى سوئالدا بىر ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغانلار خېلە كۆپ

سىزنىڭ بىلدىغانلار شۇنچە كۆپمۇ ؟ بىلدىغانلارنى بار دەيلى ،بىلگەن بىلەن ئىچىدە بېسىپ ياتسا بىلگەنگە ھىساپمۇ ؟؟؟
سىز گە بىرقانچە ئىشنى سۆزلەپ بىرەي :
بىزنىڭ بىر مۇئەللىم بىزگە تارىخ دەرسى  بىردىغان ،دەرس مەزمۇنى سەۋەبلىك بىر سۇئال سۇراش ئىھتىياجى تۇغۇلۇپ قالدى ،مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ تىلىنى خەنزۇ تىلدا چىقارغانلىقى ،كىيىن ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكىگەنلىكى توغرىسدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى …مەن بىردەمدىن كىيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ:
-مۇئەللىم سىز ئۆزىڭىزنى بالىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلدىم دەپمۇ ئويلاپ قالامسىز ؟
بۇ سۇئال بەلكىم مۇئەللىم كۈتكەن يەردىن چىقمىغان بولسا كىرەك مۇئەللىم بىر ئىككى سىكنۇت جىم بوپ قالدى ،ئاندىن:
– باشتا ئازاپلانغان كىيىن ئۇنداق بولمىدى چۈنكى مەن بالامنى 4- يىللققا چىققاندا ئۇيغۇرچە دەرىس ئۆتىلدىغان سىنىپقا ئالماشتۇرۋاتتىم.
– ھازىر بالىڭىزنى ئەھۋالى قانداق ؟
-بىر ئوبدان ،ئەدەبىيات دەرسىدىمۇ شۇنداق ياخشى ..لىكىن ..
-نىمە لىكىن ؟
– لىكىن شۇ كىتاپخانىغا بارغاندا ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇمايدۇ ،ئېلىپ بەرمىگەن ئويغۇرچە كىتاپ يوق ،قارسىڭىز ئۆيدىكى كىتاپ جازىسدا شۇنداق ئىسىل كىتاپلار بار ،لىكىن ئۇلارنى ئۇقۇمايدۇ ،بىرقانچە قېتىم خاپا بولدۇق ،كىيىن ئالدىمىزدا خەنزۇچە كىتاپلانى ئوقۇمايدىغان بولدى ،ئەمما بىزدىن ئوغۇرلۇقچە خەنزۇچە كىتابلارنى ئوقۇيدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم .بەلكىم تىلى شۇ تىل بويىنچە چىققاچقىمىكىن بەك جايىل تەرسا بوپ قالدى ..خەنزۇ مىجەز …
مۇئەللىم بۇ گەپلەرنى دىگەچ ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق بولغان يەنە بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى .
قايسى بىر كۈنى مەن دوستۇم ۋە ئۇنىڭ باللىرى بىلەن كوچىدا مېڭىپ قالدىم ،يەنئەن يولىغا كەلگەندە يىراقتىن قايسى بىر ئويغۇر ناخشىچى كۆرۈندى ،بىزمۇ زەڭ سالماپتۇق ،بىردەمدىن كىيىن ھېلقى دوستۇمنىڭ بالىسى <قارا ئاپا سىلەرنىڭ مىڭ شىڭ كىلۋاتىدۇ >دەيدۇ .
بىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق ..دوستۇممۇ ماڭا ئوخشاش ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى …كىيىن بىز بارماقچى بولغان رىستۇرانغا باردۇق .بىردەمدىن كىيىن دوستۇم بايا تىن يولدا يۈزبەگەن ئىشنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى …(پەخىرلىنىپ سۆزلەش  )

مەن بۇئىشلارنى ياتاقتىكى دوستلىرىمغا سۆزلەپ بەرسەم بىرى تۇرۇپ <مەن بالامنى ئوقۇتمايمىكىن دەيمەن ،ھازىر مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلدا دەرىس ئۆتىدىگەن ،بالامنىڭ تىلىنى ماما ئەمەس ئانا دەپ چىقارغۇم بار >دەيدۇ .
ئۇنىڭغا بىرقانچىسى قېتىلىپ شۇنداقمۇ قىلدىغان بولدى ئەمما يەنە بەزىللىرى <ساراڭ كەنسىلە باللا  نىمە قايسىلەر ئۇنداق قىلىپ ،بالاڭلارنىڭ تىلى خەنزۇچىدا چىقسا نىمە بوپتۇ ،بۇندىن كىيىن نىمە ئىشلار بۇلدۇ ،بۇنى سەن مەن بىلىپ بولالمايمىز ،ئىشقىلىپ بالام بۇندىن كىيىن نان تېپىپ يىسۇن دىسەك ياكى خەنزۇمەكتەپتە ياكى ئىنگىلىزچە مەكتەپتە ئوقۇتقىن >

قۇربان ھېيىت بىزنىڭ ئىسىل بايراملىرىمىزنىڭ بىرى ئۇنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم ،ئەمسە دىققىتىڭىز ئالىي مەكتەپتىكى بىزلەرنىڭ قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدە بولسۇن .
-رىستۇرانغا بارىلى
– سەن ئويلىغاننى باشقىلارمۇ ئويلايدۇ ،رىستۇران بىزگە ئاشمايدۇ .
-ئەمسە سىنىپتا ئۆتكىزەيلى
-ئالدىنقى قېتىم سىنىپتا ئوينىدۇققۇ
-ئەمسە مەكتەپنىڭ پائالىيەت مەركىزنى ئىجارىگە ئالىلى شۇيەر بىخەتەر ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپنىڭ ئىچىدە ئويناپ بولۇپلا ياتاقلىرىمىزغا كىركەتسەك بىخەتەر ئەمەسمۇ …
-ئېچىلىپ ئوينىغىلى بولمايدۇ …
-ئەمسە نەدە ئولتۇرمىز
-پالانى دوستىمىز ھېيىتنىڭ 2- كۈنى پالانى دىبانى بولاپتىكەن ،شۇيەرگە بارايلى
-ئەي باللا كاللاڭلار ئىشىپ قالمىغاندۇ ،ھېيىتنىمۇ دىبادا ئۆتكەزگەن بارمۇ ،ھېيىت دىگەن ھېيىتنىڭ خاسىيتى بىلەن ئۆتمەمدۇ ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىمنى چاقىردىغان تۇرساق ،قاملاشمايدۇ ..
– مۇئەللىمنى چاقىرمىساق بۇلدىغۇ ،
– مۇشۇ مۇساپىرچىلىقتا يىراق يۇرتتا مۇئەللىمدىن باشقا نىمەڭلار بار ،ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەيلى ..
– ئەمسە سىنىپ باشلىقى نەدە ئۆتكۈزمىز ؟
– مەكتەپنىڭ پائالىيەت مەركىز ى بىر ئوبدانغۇ ؟
– نىماندا ؟؟؟ ئوھوي ..
– نىمە نىمىندا؟ ئىشقىلىپ دىباغا مەن بارمايمەن ،باردىغان نىيتىڭلار بولسا پۇلنى بىرەي ئۆزۈڭلار بېرىپ ئويناپ كىلىڭلار ،مەن سىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىڭلارغا ئىگە بولالمايمەن .
– ھېيىتقا يەنە بىرقانچە كۈن بار بىز يەنە ساۋاقداشلار بىلەن مەسلەھەتلىشىپ ئاندىن بىرنىمە دەيلى .
– بۇلدۇ
ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى مەيدەمگە مۇشلاپ ئاپپارمايمەن دىگەن مەنمۇ باردىغان بولدۇم،دوستلىرىمنىڭ دىيىشچە سىنىپقا باش بولغاندىن كىيىن ھەممە ئىشقا باش بۇلدىكەنمەن ،بولمىسا ساۋاقداشلارنىڭ نەزىردىن چۈشۈپ كىتىدىكەنمەن ،كىيىن ساۋاقداشلارغا گىپىم ئۆتمەيدىغان ،ھۆرمىتىم يوق بوپ قالدىكەنمەن ،ساۋاقداشلار ئارغا ئالمايدىكەن….
(راستىنى ئېيتسام دىبا دىگەن جاي ماڭا  ئىسمىدىنلا سەلبى تەسىربىرىدۇ ،ئىشقىلىپ بىزباردىغان جاي ئەمەس ئىدى)
شۇنداق قىلىپ بىز نىڭ بۇ ئىسىل قۇربان ھېيتىمىز دىبادا بولدى ،قىززىق ئىش تېخى مۇئەللىمنى چاقىردۇق ..

سىنىپىمىزدا ئەدەىبىيات دەرسىنى بىردىغان مۇئەللىم بىلەن كومپيۇتېر دەرسى بىردىغان مۇئەللىملا پات پات مىللەت توغرىىسدا، مىللى خاسلىقىمىز توغرىسدا ئاز تولا تەربىيەگە ئىگە قىلدۇ (بىرقېتىم چېچىنى پاخپايتۋالغان بىر ساۋاقدېشىمىزنىڭ چېچىنى ياستىۋىتىشكە بۇيرىغان )ئۇندىن بۆلەكلىرى كۆپۈنچىسى خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارئۇلار تۈپتۈز كىرسە تۈپتۈز چىقىپ كىتىدۇ ..ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز سىنىپقا كىرگەندە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئوڭ پۇتىنى ئىلىپ كىرىدۇ ،باشقىللىرى ئادەتتىكىچە …….
ئالىم بۇلۇشتىن ئاۋال ئادەم بۇلۇش كىرەك ،ئالىم قىلىپ تەربىيلەشتىن ئاۋال ئادەم قىلىپ  تەربىيلەش كىرەك  ..
خەنزۇ مۇئەللىملەردىن ئاغرىنمايمىز ،ئەمما ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارچۇ …….

سىز بىلىدۇ دىگەن ئۇيغۇر جەميىتىدىكى بىلدىغانلار كىملەر ؟  ئۇيغۇر جەميىتىدىكى  بىلىم قۇرۇلمىسى يۇقىرى سانىلدىغان (ساپالىقلار)ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرى بىلمىسە ئۇقۇغۇچىللىرىمۇ بىلمىسە كىملەر بىلدۇ …ئوقۇمىغانلارچۇ ؟
ئالىي مەكتەپتىن مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار چىققان يەردە باشقا يەردىن يەنە قانداقلارنى چىقمايدۇ دىگىلى بولدۇ ؟
ئەڭ ئاددىيسى ئۆزىنىڭ تىلغا،مىللى ئەنئەنىسگە،ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە  تۇتقان پوزىتسىيسى بۇنداق بولغان يەردە يەنە مىللى كىملىكنى ساقلاپ قېلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ ؟
مۇشۇ توغرۇلۇق سورايدىغان  سۇئالىم :
1-سىز باللىرىنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرتىلدا چىقارمايۋاتقان ۋە چىقىرىشنى زامانغا باغلاپ مۇۋاپىق كۆرمىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرىغا ۋە ئوقۇغۇچىللىرىغا قانداق قارايسىز ؟
2- سىز دىگەن < جاۋابىنى بىلىدىغانلار خېلە كۆپ> ،سىزكىملەرنى كۆزدە تۇتۇپ كۆپ دىدىڭىز ؟شۇ كۆپ كىشلەر بىزلەر ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلۋاتىدۇ ؟
مەن ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى دەپ بىلمەن ،ئەمما بۇ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغانلارغا بولغان مىللىي تەربىيە قېنى …..مىللىي تەربىيە بولمىغاچ بىز يا خەنزۇ ئەمەس يا ئۇيغۇر ئەمەس بولۇپ چىقۋاتىمىز..بۇ ئېنىقلا زىيانكەشلىك قىلىش 
بىز ھەقىقى تەربىيەگە يىتەكلەشكە موھتاج!!!!!!!!!!!!!

نەقىل:

(2) ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بىر ئادەم قانداق قىلغاندا ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان روھىي چۈشكۈنلىكتىن تېز ۋە ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ؟

مۇنۇ سۇئالغا تەييارلاۋتقان يازمىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن ..چۈنكى مەن ھازىر بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئاتا -ئانامغا قانداق دىيىش ۋە دىگەندىن كىيىنكى روھى ھالىتىمنىڭ قانداق بوپ كىتىدىغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۋاتمەن ……
ئەركىن سىدىق ئاكا  جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
——————
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلقۇت ئەپەندى!
گەرچە مەن ئۆزەم ياخشى كۆرگەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ كەسىپ ئۈستىدە خىزمەت قىلىش پۇرسىتى ئوڭايلا قولغا كېلىپ كۈنلىرىمنى خوشال ئۆتكۈزىۋاتقان بولساممۇ سەرگۈزەشتىلىرىڭىزنى ئوقۇپ ئۆزەمنى كۆرگەندەك بولدۇم. چۈنكى سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولسام مەنمۇ سىزدەكلا تەقدىرگە ئۇچرىغان بولۇشۇم مۇمكىن ئىدى. بىر نەچچە يىللىق كەسىپ ئۆگىنىش ۋە بىر نەچچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا سىزگە بىر نەرسە دېگۈم كېلىۋاتىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ھەممىنى ئۆگىنىپ، ھەممىگە ماھىر بولۇش مەجبۇريىتى يوق، ھەم ئۇنداق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. بەلكىم كومپيۇتېر بىزگە تونۇش بولغىلى، تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىنمۇ ئىشقىلىپ كومپيۇتېر كەسپىلىرىگە بولغان چۈشەنچە تازا ئېنىق ئەمەس. (بەزىدە چوڭلار نىمە كەسىپ قىلىۋاتىسەن دېسە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي قالىمەن. «كومپيۇتېرچى» دەي دېسەم تېخى، شۇ كومپيۇتېر بىلەن قىلىدىغان ئىشلار دەپ چۈشەندۈرىمەن. «ھە! باشقىلارغا ناخشا ئىشلەپ بىرىپ، توي تاتىپ پۇل تاپىدىغانمۇ؟»دېگەن ئىنكاستا بولىدىغانلارمۇ، «كومپيۇتېردا خەت بېسىپ. فۇيىڭ قىپ…» دەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.) ئەمىليەتتە كومپيۇتېر ئۆزى بىر «كومپيۇتېر كەسپى» دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرغا چىققىنى بىلەن ئۇ بىر چوڭ كاتېگورىيەگە تەۋە. كومپيۇتېر دەسلەپ پەيدا بولغاندا ئىستاتىسكا ئىشلىرى بىلەن ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلگەن. كېيىن تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ھەممە ئىشلاردا كومپيۇتېرغا تايىنىشقا توغرا كەلدى. قۇرۇلۇش لايىھەلەشتىن كىيىم كېچەك لايىھەسىگىچە، كىنوچىلىقتىن مەدەنىيەت تارقىتىشقىچە بولغان ئەتراپىمىزدىكى ھەرقانداق ئىشتا كومپيۇتېر بارغانسىرى يامراش خارەكتېرلىك رولىنى جارى قىلماقتا. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك. تىل ئۆگىنىمەن دەپ دۇنيادىكى 2 مىڭدىن ئارتۇق مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىپ بولغىلى بولماي، ئارىسىدىن مۇھىم ياكى ئۆزىمىزگە ئېھتىياجلىق بولغان بىر نەچچىنى تاللاپ مۇقىم ئۆگەنگەنگە ئوخشاش، بىزمۇ بىزنىڭ چەكلىك ۋاقتىمىزغا قارىتا چەكسىز كومپيۇتېر دۇنياسىدىن ئۆزىمىزگە ئېھتىياجلىق قىسىملىرىنى تاللىۋېلىشىمىز كېرەك. ئەڭ ئاۋال بىر كومپيۇتېرنىڭ قايسى يۆلىنىشىدە ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى قايسى خىل يۆنىلىش ئۆزىمىزگە بەكرەك ماس كېلىدۇ شۇنى تاللىۋېلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن پىروگرامما قىسىمىمۇ ياكى يۇمشاق دېتال تېخنىكا قىسىمىمۇ ۋە ياكى قاتتق دېتال قىسىمىمۇ دېگەندەك. ئەڭ ئاۋال ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ ۋە كەسىپنى ئايرىپ تاللىۋېلىڭ. ماتېرىيال كۆرگەندىمۇ، ئۆگەنگەندىمۇ شۇ تاللىغان كەسىپتىن بەك چەتنىمىگەن ئاساستا ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ مېڭىڭ. كومپيۇتېر ئۆگىنىش جەريانىدا ئەخلەت بىلىملەر بەك كۆپ ئۇچرايدۇ. بولسا توردىن شۇ كەسىپنى ئۆگىنىش توغرىسىدا ماتېرىيالنى كۆپ كۆرۈپ بېرىڭ، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆگىنىش لىنىيەرىڭىزنى بېكىتىۋېلىپ شۇ بويىچە مېڭىڭ. مۇقىم تېخنىكا جەھەتتىكىلا كۈچىمەي شۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم خارەكتېرىدىكى بىلىملەرگە كۆپرەك زېھنىڭىزنى بىرىڭ. چۈنكى يۇمشاق دېتاللار سەھنىدىن قېلىپ يېڭىسى چىقىپ تۇرىدۇ ئۆگەنگەن يۇمتال تېخنىكىڭىز ئەخلەت بىلىمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمما ئۇقۇم جەھەتتىن كۆپ ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ. ئۆزىڭىزدە ھەمكارلىشىپ ئىشلەش روھىنى يېتىلدۈرۈڭ، كىبىردىن ساقلىنىڭ. ھەمكارلىشىپ ئىشلەش روھى دېگىنىمىز بىر توپ گەپ چۈشەنمەيدىغان ئادەملەر بىلەنمۇ ئۇرۇشماي-تالاشماي گەپ چۈشىنىشىپ بىرگە كۆڭۈللۈك خىزمەت قىلالايدىغان بولۇش دېگەنلىك بولىدۇ.
ئاخرىدا تەۋسىيە قىلدىغىنىم بىر كەسىپتە مۇۋەپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن بىر ئىككى يىل ھەرگىز يەتمەيدۇ. بەلكىم بەش يىل، ئون يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلغاندا ئاندىن نەتىجە چىقىشى مۇمكىن. مۇۋەپىقىيەت قازىنىش ئارىلىقىدىكى توسالغۇلۇقلار بەك كۆپ. ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ تاپا-تەنىسى، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ سىزدىن ئايرىلىشى.. دېگەندەك بىر قاتار ئىشلار باشتىن ئۆتىدۇ. كەسپىڭىزنى سۆيسىڭىزلا بۇ جەريانمۇ كۆڭۈللۈك ئاخىرلىشىپ پارلاق چوققىغا يېتىسىز.
مېنڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر گېپىم بار. مەيلى نىمىلا قىلماڭ مۇۋەپىقىيەت قازىنىىڭ.(ئەلۋەتتە ھالال يول بىلەن ھالال ئىشلاردا) مۇۋەپپىقىيەت قازانمىغان كىشى بىلەن مۇۋەپىقىيەت قازانغان كىشى مۇنداق ئىككى خىل تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ. بۇنى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرەي. تولۇق ئوتتۇرىدا مۇئەللىم گەپقىلسا يەرگە قارىماي تىكىلىپ قارايدىغان، دەرستىمۇ ناچار، مەكتەپ تۈزۈمى بىلەنمۇ بەك كارى بولۇپ كەتمەيدىغان بىر بالا بار دەيلى. ئەگەر بۇ بالا مۇۋەپىقىيەت قازىنىپ چوققىغا يەتكەندە ئەتراپىدىكىلەر ئۇنى تەرىپلەپ «مەكتەپتىمۇ خارەكتېرى كۈچلۈك، مۇئەللىم تىللىسا قەتئىي تۇرىدىغان بالا ئىدى. دەرسنىمۇ ياراتماي ئۆگەنمىگەن مانا ئاخرى يولىنى تېپىپتۇ.» دېيىشىدۇ. ئەگەر ئۇ نەتىجە قازىنالماي ناچار ھالەتكە دۇچار بولسا كىشىلەر ئۇنى تەرىپلەپ « مەكتەپتە مۇئەللىم تەربىيە قىلسىا يەرگە قاراشنىمۇ بىلمەيدىغان بىر بوڭقۇش نىمىتى، يا دەرس بىلمىگەن، يا تۈزۈمگە بويسۇنمىغان…» دېيىشىدۇ. ئەگەر دەرستە ياخشى يۈزى تۆۋەن تۈزۈمگە بويسۇنىدىغان بىر بالا مۇۋەپىقىيەت قازانسىا كىشىلەر ئۇنى تەرىپلەپ «مەكتەپتىمۇ دەرستە ياخشى، يۈزى تۆۋەن بالىتى. مانا لايىقىدا ئىش چىقىرىپتۇ» دېيىشىدۇ. ئەگەر مەغلۇم بولسا كىشىلەر ئۇنى تەرىپلەپ «مەكتەپتە دەرستە ياخشى بولغىنى بىلەن گەپقىسا يەرگە قاراپلا تۇرىدىغان ئىدىيەسى بوق بىر بالىتى بۇ…» دېيشىدۇ. مانا بىرنىڭ ئوخشاش جەرياننىڭ ئىككى خىل نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. بەلكىم بۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكىدۇ. نىمىلا بولمىسۇن بۇ رېئاللىق، باش ئەگمەي بولمايدۇ. شۇڭا مۇۋاپىقىيەت قازىنىش جەريانىدىكى بەزىبىر ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان، غورۇر ۋە ۋىجدانغا زىت كەلمەيدىغان ئىشلار بولسا پەرۋا قىلىپ ئىنىرگىيەنى سەرپ قىلمىغۇلۇق. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاكامدىن قالغان كىيىمنى كىيىپ، باشقا بالىلار دۇكاندىن نەرسە ئېلىپ يېسە ئالغۇدەك پۇل يوق ھەۋەس قىلىپ قاراپ تۇرغىنىم ھېلىھەممۇ ئېسىمدە. ئۇلارنىڭ ھەرخىل ئاسراش مايلىرى سۇۋالغان پاكىر، ئاپئاق قوللىرى مېنىڭ يېرىلغان يىرىك قوللىرىم ئالدىدا يەتكىلى بولمايدىغان بىر چۈشتەك ئىدى. مانا ھازىر شۇ بالىلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ چىقىش يولى تاپالماي، ھەر جايلاردا سەرسان بولسىمۇ كاللىسى قۇرۇق كۈلكە-چاقچاق بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنمدا شۇ نامرات چاغلىرىم گۈزەل ئەسلىمە سۈپىتىدە ئېسىمگە كېلىدۇ.
مەڭگۈ مۇشۇ ئىرادە بىلەن مېڭىپ كەسىپتە ھالقىغان بىر زات بولۇشىڭىزغا چوڭقۇر تىلەكداشمەن!
(ئەركىن سىدىق ئاكىمىز «قايتا ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى» دېگەن ماقالىسىدا سىزنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ھايات نىشانىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىلىملەرنى بېرىپتۇ. ئۇنىمۇ سىزگە ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن.  )
(ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىنكاسى  بىلەن باشقا ئىنكاسداشلارنىڭ ئىنتايىن بىپەرۋا ھالدا بىر سەمىمىي سەرگۈزەشتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم……….)
———————

(ئۆتمۈشۈم ،كەلگۈسۈم ۋە كومپيوتېر)نى ئۇقۇغاندىن كىيىن

ممەن مۇ 2007-يىل شىنجاڭ ئىلىم- پەن ئۇچۇر ئنىستىتوتىغا ئۇچۇشقا كەلگەن بىر  ئادەتتىكى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى .ئەسلى مىنىڭمۇ داڭلىق ئالى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئۇقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى  لىكىن ئاشۇ ئالى مەكتەپ ئىنتاھانىسىدىن ئوتەلمەي چاتاق بولدى ،ئەمما مەن قىلچە مەيۇسلەنمەي شىنجاڭ ئىلىم- پەن ئۇچۇر ئنىستىتوتىغا  كەلدىم .بەزىلەر بۇ مەكتەپكە كەلسە ھىشنىمە  ئۆگەنگىلى بولمايدۇ دەيدىكەن لىكىن مەن بۇ گەپكە پەقەت ئىشەنمەيمەن .گەپ  شۇ ئادەمنىڭ  ئۈزىدە .يەنى  ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق روھى ۋە كەسىپ كە بولغان قىزىقىش  بولغاندىلا     مىنىڭچە ئادەم قىلالمايدىغان ڭشلار ئىنتتايىن ئازبولسا كېرەك .مەن (ئۆتمۈشۈم ،كەلگۈسۈم ۋە كومپيوتېر)  نى ئۇقۇغاندىن كىيىن ئىرادەم تېخمۇ كۈچەيدى  مەنمۇ كومپىيوتىر  (ئۇچۇر باشقۇرۇش )كەسپىدە ئۇقۇۋاتىمەن مىنىڭمۇ ئۇيغۇر كومپىيوتىر ساھەسىگە بەر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشقۇم بار  .شۇڭا  كەڭ تورداشلارنىڭ ماڭا  كومپيوتىر ئۆگىنىشكە   دائىر توغرا ئۆگنىش  ئۇسۇلى  ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم  ماتىرياللارنى  كۆرسىتپ بىرىشىڭلارنى  ئۈمىد  قىلمەن  .توردا ياكى ئېمەيىل   بىلەن بولسىمۇ   بولىدۇ.
————-
بىلىكتىكى ئىنكاسلار يۆتكەپ كىلىندى.
سەھىپىلەر:ئالىي مەكتەپ

مۇئەللىمىم پىراففىسور (4)

2010-يىل 30-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

-مەن دىگەن نەرسىنى يازدىڭمۇ؟ – گەپ باشلىدى مۇئەللىم.

-ياق يازمىدىم، مەن ئويلىغىنىمنى دەپ باقايمۇ مۇئەللىم؟

-ھە دىگىنە.

-ئوتتۇرىمىزدا گەپ ئېنىق بولسۇن، سىز ماۋۇ پۇلنى ماڭا مۇكاپات قىلىپ بىرەمسىز ياكى مىنىڭ ياسىغان نەرسەمنى سېتۋالامسىز ؟

– سېتىۋالىمەن.

– ھە، قاراڭ مۇئەللىم سىز ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا ”سەن يېڭىلىق ياراتتىڭ مەن سىزنى ئىنىستۇتتىكى مىللى بالىلارنىڭ ئالدىدا مۇكاپاتلايمەن، ئۇلارغا رىغبەت بولسۇن، مۇكاپاتلاش يۈزسىدىن ئوقۇش پۇلىڭنى مەن تاپشۇرۋىتىمەن“ دىگەن بولغاچقا، مەن شۇنداق تىرىشقان، ئاشۇ گەپلىرىڭىز مەندەك ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمىغان بىر ئوقۇغۇچىغا شۇنداق رىغبەت بولغان ئىدى، شۇڭا مەن خەق ئوخلىسا ئوخلىماي، كىچە كىچىلەپ ماترىيال كۆرۈپ توردىن نەرسىلەرنى چۈشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەن ئىدىم، ئەمدى قوپۇپ مۇكاپاتلاش سېتۋېلىشقا ئايلىنىپ قالدى، راستىمنى دېسەم مەن بۇنى قۇبۇل قىلالمايۋاتىمەن.

-ياق ئۇنداق دىسەڭ بولمايدۇ، ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىمۇ ھىساب كىتاپ ئوچۇق بولىشى كىرەك، مەن ساڭا پۇل تۆلەپ ئاخىرىدا ھىچنىمىگە ئىرىشەلمىسەم سىنىڭچە توغرا بولامدۇ؟

-توغرا سىز ماڭا پۇل بەرگەن ئىكەنسىز چۇقۇم مەندىن بىر نەرسىگە، بىر جاۋاپقا، لايىق نەتىجىگە ئىرىشىشنى ئويلايسىز، لىكىن مۇئەللىم يۈرۈگۈمدىكىنى دەۋىرەي كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، سىز ئادەمگە ئىشنىشنى بىلمەيدىكەنسىز، مەن ئىشخانىڭىزدا ئىككى يىل ئىشلەپ بەردىم، ئىككى يىلنىڭ ياغى سىزدىن ئالغىنىمدىن سىزگە بەرگىنىم جىق، ئىشخانىنىڭ تېخنىكىلىق ھەرقانداق ئۇچۇرلىرىنى سىرىتقا ئاشكارلىمىدىم، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە سىز ئەمدى ئىشەنمەس بوپسىز، ئەگەر سىز ماڭا ھەقىقى يۈرىكىڭىزدىن ئىشەنسىڭىز ماڭا بۇيەردە سېتۋالىمەن دىمەيتىڭىز، كەچۈرۈڭ مۇئەللىم مەن سېتىپ بىرەلمەيمەن، مەن سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز مەن مىنىڭ ئۇستازىم ئۆگەتكەن بىلىمنى يەنە ئۇستازىمغا سېتىپ بىرەلمەيمەن، بۇ پۇلنى ئالالمايمەن، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز كۆتۈرگەن بىلەن مىنىڭ كۆتۈرمەيدۇ، خەق ئاڭلىسىمۇ مىنى نالەت قىلشىدۇ، ماڭا خەق ئالدىدا يۈز لازىم، كەچۈرۈڭ.

– بۇ بۇ بۇنداق دىسەڭ بولمايدۇ، سىنىڭمۇ توغرا خاتاسى يوق، لىكىن ھىساب كىتاپ دىگەن بۇ نەرسە بەك يامان، مەن ئاكا ئۇكىلارنىڭمۇ     بىر تال چوكىنى دەپ   ئائىلە ئۈچۈن سوقۇشۇپ كەتكەن ئىشلىرىنى كۆرگەن، سەن تېخى كىچىك، مەن جىق ئىشلارنى كۆرگەن، سەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ، ۋاقتى كەلگەندە بىر بىرىمزنى يامان دەپ ئوتتۇرغا چىققاندىن ھازىر گەپنى ئوچۇق قىلغان ياخشى، مەن سىنى بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئىشخانىغا قالدۇرۇپ كىتىدۇ دەپ ئولتۇرۇپ، سان ۋاقتى كەلگەندە ھەممىنى يىغىپ ئېلىپ كەتسەڭ، مەن قۇرۇق قول قالسام بولمايدۇدە؟

-بەلكىم سىزنىمۇ توغرىدۇ، ئەگەر سىز ماڭا ئىشىنىپ ئەگەر مۇشۇ پۇلنى قۇتبىلىككە ياردەم يۈزسىدىن مۇكاپات قىلىپ بەرسەم بۇ چوقۇم ماڭا يۈز كىلەلمەسلىك يۈزسىدىن بولسىمۇ بارلىق قىلغان ئىشلىرىنى ئىشخانىغا قويۇپ كىتىدۇ دەپ ئويلىيالىغان بولسىڭىز مەن ئاشۇنداق قىلاتتىم، نىمىشقا چۈنكى مەندە ھازىر پۇل يوق، ئوقۇش پۇلۇمنى تاپشۇرالمىدىم، مەن ئەڭ خارزار بولىۋاتقاندا سىز ئوقۇش پولۇمنى تاپشۇرۇپ بىرىمەن دىگەن، مەن شۇنداق خوش بولغان، مۇشۇ ياردىمىڭىز ئۈچۈن مەن سىزگە قانچىلىك ئىش قىلىپ بەرسەم ئەرزىيدۇ دەپ ئويلىغان، لىكىن سىز ماڭا ئىشەنمىدىڭىز، سىز پۇلنى ئاساس قىلۋالدىڭىز، لىكىن پۇلدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار ئىدى.

جىمجىت ئىشخانا، بەلكىم خىجىلچىلىق ھۆكۈم سۈرىۋاتقاندۇ…

-بولىدۇ مۇئەللىم، سىزنىمۇ خىجىل قىلماي، گەپنى ئوچۇق قىلىۋىرەي، ئەگەر سىز پۇلنى ماڭا مۇكاپات قىلىپ بەرمىسىڭىز مەن ئالالمايمەن، مۇكاپات بىلەن سېتۋېلىشنىڭ پەرقى خېلى بار، سىزگە ساتسام بۇ نەرسىنى باشقا يەردە تەرەققى قىلدۇرمىسام بولىدۇ، خەققە دىمىسەم بولىدۇ، بۇ ئۆزۈمنى چۈشەپ قويغاندەكلا ئىش، ئۆزۈمنىڭ ئوچۇق كاللىسنى، ئوچۇق پىكىر قىلىش يولىنى سىزنىڭ پۇلىڭىز سەۋەبلىك مىنى قىسىپ تۇرىدىغان رامكىنىڭ ئىچىگە ئېلىۋالغۇم يوق، بەلكىم سىزگە بەك ئاددىي كىچىككىنە نەرسە بىلنىۋاتقان بولىشى مومكىن، مەنمۇ بىلىمەن مەن چوڭ بىر ئىش قىلىۋەتمىدىم، شۇ كىچىككىنە بىر ئىش، مەن قىلغاننى خەقلەر مەن ئۈگەنگەن  ئاشۇ توربەتلەردىن ئىزدەپ سوراپ ئۈگنەلەيدۇ، مەن قىلغاندەك قىلالايدۇ، شۇ ۋاقىت مەسىلىسى، بەلكىم خەقلەر قىلىپمۇ بولغاندۇ.

– شۇ مەن بۇ نەرسەڭنى ئىشلىتەلمەيمەن، پەقەت يۇقىرىدىن تەكشۈرۈش كەپ قالسا بىز مۇشۇندق بىر ئىشنى قىلدۇق، بۇ بىزنىڭ مىللى كومپيۇتېر ئىشلىرىمىز ئۈچۈن مانداق ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئۇلارغا كۆرسەتكەنگىلا ئىشخانىغا قويۇپ قوياي دىگەن يىرىم بار، بۇنى سەندىن باشقىسى تەرەققى قىلدۇرالمايدۇ، ئەگەر سەن ئاسپىرانتلىققا ئۆتۈپ قالساق ئۆزۈڭ بىر قوللۇق ماڭدۇرسەن، مەن ساڭا باشقا ئىش تاپشۇرمايمەن، ئەگەر سەن ئاسپىرانتلىق قاتلىمىغا كىرىۋالساڭ مەن ساڭا نۇرغۇن ياردەم قىلىمەن، مۇشۇ نەرسەڭ ئۈچۈن ساڭا ھۆكىمەتتىن 50-60 مىڭ سوملۇق ”كېتى“ ئېلىپ بىرەلەيمەن، پۇل ئۆزۈڭگە قالىدۇ.

”ۋاي ئوغرى مىنى ئۈچ قېتىم ئالدىغىنىڭ ئاز كىلىپ ئەمدى يەنە ئېغزىمغا ئىمىزگە سېلىۋاتامسەن؟“ ئىچىمدە غودۇق غودۇق تىللىۋالدىم.

-مىنىڭمۇ بەك قويۇپ قويۇپ ماڭغۇم بار، لىكىن ئۆزۈمنى ئىسكەنچىگە ئېلىپ قويۇپ ئەمەس، بۇنداق بولغاندا ئاندىن ھەقىقى تەرەققى قىلىنى بولىدۇ.

– ھە بوپتۇ، بۇمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئويلىغىنى، لىكىن مىنىڭ پىكىرىمنىمۇ ئويلىشىپ باق.

-سىز نەچچە پۇلغا سېتۋالماقچى؟ ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆزىگىمۇ؟ 4100 كوي؟

– ھە شۇنداق.

-ھە سىز بەك خاتا ئويلاپ قاپسىز، شۇتاپتا بىر شىركەت ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن كىلىپ ئىشلەپ بەرگىن مائاشىڭنى مەمۇرلۇققا ئۆتكەنلەرنىڭكىدىن كەم قىلمايمەن داۋاتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە سىز بىردىغان بۇ پۇل ئىككى ئايلىق مائاشىم بوپ قالىدۇ، سىزچە قانداق بولار.

– ھە ئۇنداق يىرى بولسا ئۆزۈڭ بىر قارار چىقار، مەن ساڭا ئايلىقىڭغا مانچە پۇل بىرىمەن دىيەلمىگەندىن كىيىن ئاشۇ يەردە تەرەققى قىلدۈرساڭمۇ مەيلى.

-ھە بولىدۇ، خاپا بولماڭ مۇئەللىم، ئوقۇغۇچىڭىز بولغاندىن كىيىن ئەسلى سىز گە سېتىپ بەرسەم بولاتتى لىكىن …

– ياق ئۇنداق دىمە، مەيلى كىم ياسىسۇن، نەدە ياسىسۇن ئوخشاش، سەن يەنىللا مىنىڭ ئوقۇغۇچۇم، بۇ ئىشلار سەۋەبلىك ئىككىمىزنىڭ ئادەمگەرچلىك جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يەتمىسۇن.

– ياق ئۇ ئىشلارغا نىمە دەپ تەسىر يىتەتتى، مەن سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز، سىز مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم، سىزلا مىنى سېتىپ بەرمىدى سەپ خاپا بولمىسىڭىز مەن سىزدىن رەنجىمەيمەن.

-ياق ئۇنداق دىمە، سەن ئەمدى ئوقۇش پۇلۇمنى ھەجەپ تاپشۇرۇپ بەرمىدى دىمىسەڭلا مىنىڭ ئوشۇقچە گىپىم يوق.

-ياق ھەي مۇئەللىم، بۇ نەرسىنى يا تەرەققى قىلدۇرارمەن، ياكى قىزقىشىم باشقا ساھەگە يۈزلىنىپ كەتسە تاشلاپ قويارمەن، ياكى بولمىسا مەھسۇلات قىلىپ پۇل تاپارمەن، قېنى تىرىشىپ باقاي.

– مەن سىنى چۈشىنىمەن، سەن بەك تىرىشچان، بۇ ئىشتا ھەمكارلىشالمىساق يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار، ئىككى يىلنىڭ ياغى قىلۋاتقان ئىشىڭنىڭ ئاخىرىنى ئۆزۈڭ قىلساڭمۇ بولىدۇ، ساڭا قايسى كۈنى دىگەن ئا شىياۋجاڭنىڭ ھېلقى دىتالىنىڭ ساندان قىسمىنى سەن قىلمىساڭ بولمايدۇ، مۇشۇ ئىشلارغىمۇ بىر كاللاڭنى يۈگۈرتۈپ كۆرسەڭ.

-بولىدۇ، ئۇنىڭدا چاتاق يوق.

-ھە ياخشى.

-ئەمسە مەن چىقاي مۇئەللىم، گەپنى ئوچۇق قىلىشتۇق، كىيىن خاپىلىق بوپ قالمىسۇن، باشقا ئىشلاردىن ئەنسىرمەيمەن، مۇشۇ خاپىلىق دىگەن يۈرەكنى ئىزىۋىتدىغان نەرسىچۇ، شۇڭا پۇلدىگەندەك ماددىي ئىشلار ئۈچۈن خاپىلىق تارتىشىپ قالمايلى.

-ياق ياق، ماقۇل ئەمسە سەن ئىشىڭغا چىقىۋەرگىن.

– بولىدۇ ماقۇل ئەمسە.

ئۇھ  ئاخىرى يېنىپ چىقتىم، يائاللا خۇدايىم، توۋا دىمەي ئامال يوق جىمۇ، ئو ھوش بۇمۇ ئوبدان بولدى، كۆڭلۈم خۇددى يامغۇردىن كىيىنكى ھاۋادەك سالقىن سۈزۈك بوپ قالغان ئىدى، لىكىن ئىچكى قىسمىمدا بىر ئاجىز ئەندىكىش، ئەنسىرەش يوقاپ كەتمەي تۇرۋالغاچقا سەل بىئارامچىلقمۇ بار ئىدى.

ھەي خۇدا مەن بەندەڭگە يەنە قانداق كۈنلەرنى يۇلۇقتۇرارسەن.

ۋاي نىمىدىن ئەنسىرەيتىم، خۇدايىم بار.

شۇنداق خۇدايىم بار .

(ئاخىرى بار)

 

سەھىپىلەر:ئالىي مەكتەپ

مۇئەللىمىم پىراففىسور (3)

2010-يىل 28-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

ئالى مەكتەپ دىگەن مانا مۇشۇنداق ئىكەن، قانداق قىلىمىز، بىر بىرىمىزگە دەردىمىزنى تۆكۈپ مۇئەللىم يوق چاغدا تازا تىللاپ ئاچچىغىمىزنى چىقارمىساق نىمە ئامال… كۇنلەر داۋام قىلماقتا، كۈز ئېيى ئۈرۈمچىنىڭ بۇ ھاۋاسىنى تېخىمۇ سۇغۇق قىلماقتا ئىدى. ئەڭ ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى بولىمىش بۇ ئەپەندىم تەرپىدىن ئۇدا ئىككى قېتىم ئالدانغان قۇتبىلىك يەنە شۇ پىراففىسورىنىڭ كەينىدىن يۈرمەكتە ئىدى، ئوقۇش پۇلى پات پات سۈرۈشتە بوپ قالغاندا دەرھاللا مۇئەللىمگە تېلېفۇن قىلاتتىم. مۇئەللىم مەكتەپتىن ئوقۇش پۇلىنى سۈيلەۋاتىدۇ، ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرمىساق پىراكتىكا پۇلىنى بەرمەيدىكەن، قانداق قىلىشنى بىلمىدىم… – سەن خاتىرجەم بول مەن پۇلنى بۇداقى ھەپتىگە قالماي تاپشۇرۋىتىمەن، مىھمانلىرىم جىق بىكار بولالمايۋاتىمەن. – ھە بولىدۇ مۇئەللىم، ئاۋارە قىلدىم. -سەن خاتىرجەم بولغىن. -ماقۇل مۇئەللىم، خوش ئەمسە . بولىدۇ، ۋاھــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــاي بۇداقى ھەپتىمۇ كىلىدۇ، ئەتە ئەتە دەپ ئۈچ ئايمۇ بولدى مانا، بىرھەپتە دىگەن قانچىلىك ئىدى. ھەپتە ئۆتتى، تېلېفۇن يەنە ئۇرۇلدى. -مۇئەللىم پۇلنى… -خاتىرجەم بول جۈمە كۈنى چۇقۇم تاپشۇرۋىتىمەن. – ھە بولىدۇ. جۈمە كىلىدۇ، تېلېفۇن يەنە ئورۇلىدۇ. -مۇئەللىم … – ھە دۈشەنبە چۇقۇم تاپشۇرۋىتىمەن. – ھە ماقۇل. ئەتە خەنزۇتىلى ئالى دەرىجە ئىنتاھانىغا قاتنىشىدىغانلىقىم ئۈچۈن ئازراق تەييارلىق قىلىپ يېتىپ قالدىم، ئەتىسى ئىنتاھانغا كېتىۋاتسام مۇئەللىمدىن تېلېفۇن كەلدى، قىسقىچە ئاڭلاپ ئاڭلىماي قىلىشقان سالامدىن كىيىن مۇئەللىم «ماڭا بىر نەرسە يېزىپ بەرگىن » دەيدۇ، كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيدىدە كەيپىياتىمغا تەسىر يىتپ ئىنتاھاننى ياخشى بىرەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ، مۇئەللىم مەن ماشىنىدا بەك ۋاراڭ چۇرۇڭ گىپىڭىزنى ئاڭلىيالمىدىم مەن سىزگە ئىمتىھانىم تۈگىگەندە تېلېفۇن قىلاي دەپ تېلېفۇننى قۇيىۋەتتىم. ئەتىسى يېزىقچە ئىنتاھاننى بىرىپ بوپ تاماق يەپ ئولتۇرسام تېلېفۇن كەلدى، – سەن تېلېفۇن قىلىمەن دەپ قىلمىدىڭغۇ؟ -ۋاي مۇئەللىم ئىمتىھان مانا باياتىن تۈگىدى، ئەمدى بىر تاماق يەۋەلاي دەپ ئولتۇرغان. – ھە، مۇنداق گەپ سەن ئاۋۇ نەرسەڭگە ماڭا بىر تىلخەت يېزىپ بەر، بۇنىڭغا مانچە پۇل كەتتى، مەن مانداق تېخنىكىلار كەتتى، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىشخانىنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ، پۈتۈن ئىگدارلىق ھوقۇقى ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ھوقۇقى ئىشخانىغا تەۋە بولىدۇ، دەپ يېزىپ بېرىسەن. -ھە بولىدۇ مۇئەللىم قالغان گەپنى ئەتە دىيىشىلى. -سەن يېزىپ تەييار قىلىپ قوي. – ھە مەن ئويلىشىپ باقاي. -ئۇنتۇپ قالما يېزىپ بوپ ماڭا يوللاپ بەر. -ھە قېنى. مۇئەللىمىمنىڭ تېلېفۇنى شۇ تاپتا ئاچچىغىمنى مىڭ گەز ئۆرلەتكەن ئىدى، يەۋەتقان تاماقنىمۇ ھارام قىلغان ئىدى. نىمىسىنى دەي، زەردە بىلەن ئاغىنەمگە سۆزلىگىنى تۇردۇم. – كۆارداڭمۇ ئاداش، ما ئوغرىنى نىمە داۋاتىدۇ بىلەمسەن؟ -سېتىپ بەر دەمدا؟ -مەن تىلخەت يېزىپ بىردىكەنمەن. -نىمانداق بىر لاۋزا تۇزى يوق ھوي ما مەلىمنىڭ؟ ئەينى چاغدا ياق ياق پۇلنى مەن ئۆزۈم تاپشۇراي دىسەم، سەن ئانداق قىلدىڭ، مانداق قىلدىڭ مەن سىنى مۇكاپاتلايمەن، سەن مىللى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولمىساڭ بولمايدۇ، مەن يىغىن ئېچىپ ئىنىستۇتتىكى بارلىق مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا سىنى مۇكاپاتلايمەن، بۇ سىنىڭلا شەرىپىڭ بوپ قالماستىن سىنىپتىكى، ئىنىستۇتتىكى بارلىق مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەرىپى، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ قىلشنى ئويلىشىپ بولالمايدىغان بىر ئىشنى سەن قىلىپ تاماملىدىڭ، مۇشۇنچىلىك ئىشنى ھەتتا خەنزۇ ئاسپىراتلارمۇ قىلالىغان ئەمەس، سەن مۇكاپاتلىنىشقا لايىق … دەپ تۇرىۋالدى، ئەمدى سېتۋالىمەن داۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟ ھەي ساتماي دىسەم ئوقۇتقۇچۇم، ئىككى يىلنىڭ ياغى بىلىم بەرگەن، ساتاي دىسەم قانداق كۆڭلۈم كۆتەرسۇن… – بولىدى قىلە ئاداش، تامىقىڭنى يىگىنە بولدى. دىدىمغۇ مەن باشتا ساڭا، بۇ مۇئەللىم بەك چىڭ، ئاسانلىقچە بىرىگە بىكاردىن بىكار بىرمو پۇلنى بەرمەيدۇ دەپ. – ھەي ئاداش مەن بۇ ئوغرىنى ماڭا پۇل بەر دەپ يالۋۇرمىسام يا ، ئۆزى مۇكاپاتلايمەن دەپ ئەمدى قوپۇپ كەينىگە سىيسە ئەر تۇرۇپ… – ھەي قانداق قىلىسەن. -قانداق قىلسام بولا ، ئەي خۇدا بەندەڭنى مۇشۇنداق كىشىگە خار قىلمىساڭ ھەي. -ئوڭشىلىپ كىتىدۇ، تامىقىڭنى يىگىنە بولدى. -تاماقنى يەپ بولۇپ مەن چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان مۇئەللىمىگە تېلېفۇن قىلىپ باقاي، ئاشۇ مۇئەللىم مىنى خېلى چۈشىنىدۇ، مەن قىلغان نەرسىلەرنىمۇ خېلى ئوبدان بىلىدۇ. -شۇنداق قىلغىن. – ھەي توختا باشتا مەن بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلىگەن ماھىرغا تېلېفۇن قىلىپ باقاي، ئۇ نىمە دەيدۇ، ئاندىن چىڭخۇدىكى مۇئەللىمىمگە تېلېفۇن قىلاي. – ھە بۇنداق قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك. شۇنداق قىلىپ ئاۋال كىچىك ئۇستازىم ماھىرغا تېلېفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتتىم، ئاڭلاپ بوپ ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولدى. بىردەم قاخشىۋەتكەندىن كىيىن زىخمۇ كۆيمەيدىغان كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر ئامال تېپىشىمنى ھەرگىزمۇ ئوقۇشۇمغا تەسىر يىتىدىغان ئىشنىڭ بوپ قالماسلىقىنى، گەرچە پىراففىسور بىرنىمە قىلمىسىمۇ ئىنىستۇتتا يۈزىنىڭ بارلىقىنى كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىشلىرىمگە پۇتلا كاشاڭ بولىدىغان بىر ئىشلارنىڭ بوپ قالماسلىقىنى ئېيتى، كىيىن چىڭخۇداىكى مۇئەللىمىم بىلەن كۆرۈشكەن كۆرۈشمىگەن لىكىمنى سورىدى، مەن ياق دىسەم، ئاشۇ مۇئەللىم بىلەن بىر كۆرۈشۈپ بېقىشىمنى ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆزىدىن ياخشىراق بىر مەسلىھەت بىرەلەيدىغانلىقنى ئېييتى. بولىدۇ دەپ چىڭخۇادىكى مۇئەللىمىمگە تېلېفۇن قىلدىم.مۇئەللىمىم ماڭا شۇنداق ئىسىل گەپلەرنى قىلدى، مەن مۇئەللىمگە ماقۇل دەپ تېلېفۇننى قويدىم. نىمە دىيىشىمنى كۆڭلۈمگە پۈكىۋېلىپ ئەتە بولىشىنى ساقلىدىم. تاڭمۇ ئاتتى، نورمال ئىشقا چىقتىم، پىراففىسورنىڭ بىرىنجى ئىككنچى سائەت دەرسى بارلىقىى بىلەتىم شۇڭا، دەرستىن چۈشكىچە ئۆزۈمنىڭ ئىش ئور نىدا يۈردۈم، ۋاقىت توشقاندا تېلېفۇن قىلىپ كۆرىشىدىغانلىقىمنى ئېييتىم. ئىشخانىسىغا كىرسەم سىنىپتىكى بىر قانچە ساۋاقداشلار بىلەن ئولتۇرۇپتۇ، مەن ساۋاقداشلارغا شەرەت قىلىپ ئۇلارنى چىقىرۋەتتىم دە گەپنى باشلىدىم. (ئاخىرى بار) –

سەھىپىلەر:ئالىي مەكتەپ

مۇئەللىمىم پىراففىسور(2)

2010-يىل 29-سېنتەبىر 4 ئىنكاس

-كىرىڭلار، قېنى ئولتۇرۇڭلار .
-…
مۇنداق بىر ئىش بار ئىدى، مىنىڭ سىنگاپوردا بىر يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بار ئىدى، ئەينى چاغدا مىنى بەك ئوبدان يىتەكلىگەن، سىنگاپوردىكى بىر نۇپۇزلۇق ئالى مەكتەپنىڭ پىراففىسورى.
-ھە ..
-يېقىندا خەت يېزىپتۇ ، ئوقۇغۇچىللىرىڭدىن بىر ئىككىنى ئېۋەتكىن دەپ. يېقىندا بىر شىركەت ئېچىپتىكەن، شۇ شىركەتكە پىراكتىكىنىڭ ئورنىدا بېرىپ كەلسەڭلەرمىكى دىگەن، بارلىق چىقىمنى ئاشۇ شىركەت كۆتۈرىدۇ، ئايروپىلان بىلەن بېرىپ كىلىسىلەر، بارغاندىن كىيىن ئايلىقىڭلارغا 1000 سىنگاپور پۇلى بىرىدۇ، بۇ پۇل چىقىمىڭلارغا يىتىپ ئاشىدۇ.
– ۋاي بەلەن ئىشكەنغۇ بۇ، ۋاستمۇ يا؟ ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلارغا يوق بۇنداق پۇرسەت، بىزدەك باكلاۋۇرلارغا نەدە تۇرۇپتۇ؟
-ۋاي ئۇندا دىمە، ئىقدارىڭ بولسا سەنمۇ چىقساڭ بولىدۇ، ئاسپىرانت دىگەن بىلەن ۋوردتىن باشقىنى قىلالمىسا بۇيەرنىڭ ئاسپىرانتلىرى، سىلەردەك ئىقتىدارلىق، پروگرامما تۈزۈشتە تەجىربىسى بارلار چىقىدىغان ئورۇن ئۇ.
-يا دەيما ئەمدى، نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش تۇرۇپتۇ ديمەنغۇ؟
– سىلەر ئۇيەرلىرىنى ئويلاشماي بۈگۈن كەچتە ئۆيدىكىلەرگە دەڭلار، ئاتا-ئاناڭلار قېتىلامدۇ-قېتىلمامدۇ؟
– ھە بولىدۇ، بىز دەپ باقايلى.
-سىنگاپور دىگەن شۇنداق پاكىز شەھەر، چىقساڭلار كۆزڭلار ئېچىلىپ قالىدۇ، تۆت ئەتراپى دېڭىز، ھاۋاسى شۇنداق ياخشى، چوڭ كىچىكلىكى ئۈرۈمچىچىلىك كىلەرمىكى….
ماختاشلار توختىماستىن داۋاملىشىۋاتاتتى، مەن ۋە ئاغىنەم ئېغزىمىزنى ئېچىپ مۇئەللىمنىڭ شىرىن پاراڭلىرىغا مەست بولۇپ ئولتۇرۇدۇق، بىر چاغ بولغاندا مۇئەللىم گىپىنى تۈگىتىپ قايتتى.
– ئاداش راستمۇ بۇ يالغانمۇ؟
– شۇنى دەيمەن، خېلى-خېلى ئاسپرانتلارغا يوق بۇنداق پۇرسەت بىزگە نەدە تۇرۇپتۇ؟
– شۇ يالغانمىكى دىسە ئىنىستۇتتىن رۇخسەت ئېلىۋاتىمەن دەيدۇ، ئىنىستۇت باشلىقىنىڭ خەۋىرى بار دەيدۇ، راستمىكى دىسە تېخى…
– بۇ ئوغرى ئۆتكەن قېتىمقىدەك قىلماس ھە؟
– قانداق دەيسەن؟
– ۋا ئوقۇش پۇلۇڭنى مەن بىرىمەن دەپ ئىككىكۈندىن كىيىن ئىشتانغا سىيمىدىمۇ؟
– راست، قانداق قىلىمىز ؟
– بوپتۇ يەنە بىر ئىشنىپ باقىلى، ئۆيدىكىلەرگە دەپ باقايلى.
– ھە شۇنداق قىلايلى.
ئۆيدىكىلەرگە دىدۇق، ئۇلار قېتىلدى. بىزلەرگە ۋە مۇئەللىمگە دۇئالار قىلىشتى.
تەتىل بولۇپ بىر قانچە كۈندىن كىيىن مۇئەللىم بىزنى تەرجىمھالىمىزنى يېزىشىمىزنى ئېيتتى، بىز يازدۇق، بۇنى ئۇلارغا يوللاپ بىرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن رۇخسەت ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قاتار رەسمىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. بىز ھە دىدۇق.
كۈنلەر ئۆتتى، يەنە بىركۈنى بىزنى ئۆزىمىز ياسىغان دىتاللارنىڭ ئىنتايىن تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بىر ماقا يېزىشىمىزنى شەكلىنىڭ ئىلمىي ماقالە بىلەن ئوخشاش بولىشىنى تەلەپ قىلدى، بىز يازدۇق. ئاندىن بىزدىن تۈزگەن دىتالنىڭ ئەسلى كودىنى بىرىشنى يوللاپ بەرمىسە بىزنىڭ سەۋيىمىزگە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز بەردۇق.
مەن يېرىم يىلدەك ئەجىر قىلىپ ياسىغان ئىزدەش ماتورىنىڭ (ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى ماقالە ھالىتىدە ئاپتوماتىك يىغىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئىندىكىس تۇرغۇزۇپ ساقلايدۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىزدەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ) كودىنى بەردىم، ئاغىنەم ئۇيغۇر تىلىنى سىتاستىكا قىلىدىغان دىتالىنى (كۆرسىتىلگەن تېكىستلەردىكى ھەرىپلەرنىڭ، سۆزلەرنىڭ، سۆز بىرىكمىسىنىڭ، جۈملىلەرنىڭ چاستوتىسىنى تاپىدىغان ھەم ئۇنى ئايرىپ تۇرغۇزۇپ بىرىغان)بەردى.
شۇندىن كىيىن ئىزچىل مانا ئەتە، ئۆگۈن دىگەندەك پاراڭلار بىلەن سەككىزىنى ئاي كەلدى.
ئۆيگە قايتىدىغان بوپ قېلىپ مۇئەللىمگە ئېيتتىم، مۇئەللىم قولىدا بىر توختام بارلىقىنى بۇ توختامغا قول قويساق ھەربىرىمىزگە مىڭ سومدىن پۇل بىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز ئىككەيلەن ئېپى-تىپىنى ئازراق سوراپ قول قويدۇق، ئەسلىدە بۇ بىر ھۆكىمەتنى ئالداپ پۇل ئالىدىغان توختام بولسا كىرەك. بىز ئىككەيلەن مۇئەللمنىڭ ئىشلەۋەتقان تۈرىگە قاتناشقان بولىدىكەنمىز، مۇئەللىم بىزگە پۇل بەرگەن بولىدىكەن، (كىيىن بىلسەك ھۆكىمەتتىن تۈر ئالغاندا مانچىلىك پۇلنى ئوقۇغۇچىلارنى ئىشلىتىپ ئاشۇ لارغا بىرىسەن دەپ ئايرىم پۇل چۈشىدىكەن). توختامغا يېزىلغىنى بىر قانچە بىز بۇرۇن قىلىپ بولغان ۋە بىر قانچە ئاخىرى چىقمىغان ئۇچۇرلار ئىدى، مەن جىق تۇرالمايدىغانلىقىمنى ئېيتسام ھە قېىنى قىلغانچە قىلغىن دەپ قويدى.
شۇنداق قىلىپ ئون كۈن بولا بولمايلا ئۆيگە قايتتىم، ئۆيدە 15كۈن تۇرۇپ كەلدىم، مىنىڭ كىلىشمگە ئاغىنەم ئۈرۈمچىدىن ئايرىلغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن پۇل بەردىمۇ دىسەم ھە مىڭنى سانىدى دىدى، شۇنىڭ بىلەن پويىزدا كەلگۈچە بۇ مىڭنى قانداق خەجلىسەم بولار دەپ شىرىن خىياللار بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدىم.
كىلىپ قارىسام مەن قىلىۋاتقان ئىشقا ئۈچ قىزچاقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ، بۇمۇ ياخشى بولغىنى دەپ ئۆزۈمنىڭ ئىشنى قىلىپ يۈردۈم.
كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ، پۇلنى ھىچ بىرەي دىمەيدۇ بۇئوغرى، قانداق قىلسام بولار دەپ يۈردۈم، ئامال يوق بىر ئاي ساقلىدىم، ھېيىت ھارپىسى ئەتتىگەندە تېلېفۇن قىلدىم
– مۇئەللىم سىز بىلەن كۆرىشەي دىگەن..
– نىمە ئىش بار ئىدى؟
– ھىچ ئىشقۇ يوق شۇ كۆرىشەي دىگەن..
– ھە مەن يۇرۇتتا، تۈنۈگۈن قايتىپ كەلگەن ئىدىم.
– ھە بوپتۇ ئەمسە كەلگەندە پاراڭلىشايلى.
– ھە ماقۇل ئەمسە.
ما ئوغرىنى ھېيىت بولاۋاتسا مىڭ سومنى بىرەي دىمەي تىكىۋەتكىنىنى، ھەي غورورى يوق كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئوغرىكەن بۇ ؟ ماۋۇ ئوقۇغۇچى تۇرسا، ھېيىت كىلىۋاتىدۇ پۇلى بارمىدۇ دەپ ئويلىمامدىغاندۇ؟ خەي خۇدايىم پۇلى بارلارغا مۇشۇنداق خارقىلمىساڭ بىزلەرنى…
يا بەرمەيمەن دىمىگەن، يا بەرمىگەن ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ…
كۈنلەر ئۆتتى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئاخىرى يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ دىدىم.
– مۇئەللىم بىر چاغدا مىڭ سوم پۇل بىرىمەن دىگەن ئىدىڭىز شۇ شۇ …
– ھە سەن تەتىلدە تۇلۇق ئىشلىمەي ئۆيگە كەتتىڭ، بۇ پۇلنى شۇنىڭغا لايىق تۇلۇقلاپ ئىشلىتىپ ئاندىن بىرىمەن.
– ھە …
– بىز قىلدىغان ئىش جىق سەن تۇلۇقلاپ قىلۋەتسەڭلا ئۇ پۇلنى بىرىمەن.
– ئىككى يىلنىڭ ياغى قىلىۋاتىتۇق مۇئەللىم،ھېلىمۇ چاتاق يوق قىلىۋىـــــــــــتىمىزغۇ بىـــــــــــز…
– ئۇنىڭدىن خاتىجەم بول، مەن بىرىمەن.
– ماقۇل چاتاق يوق مۇئەللىم.
“ ساراڭ بوپتۇ ما ئوغرى توۋا ئەركىشىمۇ مۇشۇنداق بولىدىكەن دىسە“ چىقىپ كىتشىگىلا قاخشاشنى باشلىدىم.
– توۋا قىززىقچىمۇ ماۋۇ مۇئەللىم.
– ئاداش رەسىمى بىر نىمىكەن ماۋۇ.
– شۇنى دەيمەن.
– خۇدايىم … لىكىن ھەي…
– بولدى، بىرنىمەدىن ئۆرىۋەتتىم بۇ پۇلنى ئالمىسام ئالماپتىمەن.
– ئالمامسەن؟
– نىمە قىلىمەن شۇ پۇلنى، بۇنداق كىشىنى زاڭلىق قىلىپ، خار قىلىپ بەرگەن پۇلىنى كۆتىگە تىقسۇن بۇ ئوغرى..
– ئوقۇش پۇلۇڭچۇ؟
– ۋاي نەدە 9-ئايدا بىرىمەن دىدى ھە دىدىم، تاۋۇز چاغىدىندىن كىيىن بىرىمەن دىدى ھە دىدىم، ھەپتىدىكەن كىيىن بىرەي دىدى ھە دىدىم، مانا ئونىنجى ئاي بايراممۇ كەلدى.
– نىمە مەقسىدى باردۇ ھە ؟
– ۋاي تاڭ، نىمىنداق يۈرىگىمنى زىدە قىلىدىغاندۇ ماۋۇ ئوغرى.
(ئاخىرى بار)

سەھىپىلەر:ئالىي مەكتەپ

مۇئەللىمىم پىراففىسور(1)

2010-يىل 27-سېنتەبىر بىر ئىنكاس

مۇئەللىمىم پىراففىسور

گەپنى نەدىن باشلىسام بولار ھەي…

يەنىللا شۇ ئاندرويىد تېلېفۇندىن باشلاي، بۇندىن مۇقەددەم يېرىم يىل ئىلگىرى ئاندرويىد مەشغۇلات سىستېمىسىغا قىزىقىپ قېلىپ كومپيۇتېرىمنى سېتىۋەتتىم، ئاندىن 1600 كوي خەجلەپ ئاندرويىد تېلېفۇندىن بىرنى سېتۋالدىم، ئۈچ يۈز سوم خەجلەپ ئاندرويىدقا ئائىت كىتاپلانى سېتۋالدىم، ئاندرويىدقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم تۈپەيلى بۇ كىتاپلارنى تىزلا كۆرۈپ تۈگەتتىم، تېلېفۇنغا سىستېما قاچىلاشنى تورلارنى تولا ئىزدەپ يۈرۈپ ئاران ئۈگەندىم. (شىنجاڭ رايونىدا تور تاقالغان چاغلار).

تىرىشىپ يۈرۈپ ئاندرويىد تېلېفۇندا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى نورمال كۆرگىلى قىلىدىغان قىلدىم، بۇ نەتىجەمدىن خۇشال بولۇپ تۇرغان ۋاقتىمدا تۇيۇقسىز مۇئەللىمىم ”سىنى بىر كارامەت تېلېفۇن ئالدى دەيدىغۇ ئەككىلە كۆرۈپ باقاي“ دەيدۇ، ۋاي بۇنى نەدىن بىلگەندۇ دەپ خىجىل بولۇپ تېلېفۇننى بەردىم(ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولالمىغان، مۇشىنىڭ ئورنىغا ئوقۇش پۇلىڭنى تاپشۇرساڭچۇ دەپ سالسا ھەي…).

-قانداق تېلېفۇنكەن بۇ ؟ ئاڭلىسام ئۇيغۇرچىنى تۇنۇتتى دەيدىغۇ؟

–        ”ۋاي بۇنى قاچان بىلگەندۇ بۇئادەم؟ “ ئويلىدىم ئىچىمدە – ھە تۇنىدى، ئاندرويىد مەشغۇلات سىستېمىسى ئىكەن.

–        بىز تۈزگە دىتاللارنى قاچىلىغىلى بولامدۇ؟

–        مۇئەللىم بۇ يېڭى بىر مەشغۇلات سىستېمىسى، بىز تۈزگەن دىتاللارنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ.

–        جاۋانى قوللامدىكەن ؟

–        ھەئە،مەۋھۇملىغۇچىسى بار ئىكەن.

–        ھە ئەمسە بولىدىكەن.

–        نەچچىگە ئالدىڭ؟

–        1600گە.

–        ھە

–        قېنى ماڭا كۆرسىتىپ باقا ئۇيغۇرچىنى .

–        ھە مانا ماۋۇ يەردە .

–        ھە ئەمسە بىز تۈزىۋاتقان ھېلقى دىتالنىڭ مۇشۇ تېلېفۇندىكى نەشىرىنى تۈزسەڭ بولىدىكەنغۇ ؟

–        ھە قىلغىلى بولىدۇ.

–        سەن بەك ياخشى قىپسەن، مەن سىنى مۇكاپاتلايمەن.

–        بولدى مۇئەللىم، دەرىستىن سىرىتقى قىزقىشىم بولدى، ئەرزىگۈدەك ئەمەس.

–        ياق سەن ئۆزلىكىڭدىن ئۆگۈنۈپ ھەتتا كومپيۇتېرىڭنى سېتىۋېتىپ ئېلىپ ئۆزۈڭ ھىچكىم ئۆگەتمىسە قىلغان نەرسەڭ تۇرسا، بۇنى باشقا بالىلار بىلسۇن، سەندىن ئۈگەنسۇن، مەن بىر يىغىن ئېچىپ سىنى چوڭ مۇكاپاتلايمەن .

–        رەخمەت مۇئەللىم بولىدى، ئۇنداق قىلماڭ.

–        ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ كەتتىڭمۇ ؟

–        ياق تېخى بار .(خىجىلچىلىق)

–        بولدى سىنى مۇكاپاتلاش يۈزسىدىن مەن تاپشۇرىۋىتەي.

–        بولدى،رەخمەت مۇئەللىم.

–        كەچتە ئۆيىڭدىكىلەرگە تېلېفۇن قىل،ئەتە مەن بىلەن كۆرۈشكىن.

–        ئۆيدىكىلەر ئۇنىمايدۇ مۇئەللىم، ئانام-دادام ھايات تۇرۇپ ئوقۇش پۇلۇمنى سىز تۆلىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ئۆيدىكىلەر ئۇنىمايدۇ، بولدى رەخمەت.

–        شۇنداق بولسۇن، جاپا تارتىپ قىلغان ئىشىڭغا لايىق نەتىجە كۆرمىسەڭ بولامدۇ؟

–        بولدى مۇئەللىم، مۇشىنچىلىك دىگىنىڭىزگە رەخمەت.

–        مەن بىلەن ئەتە كۆرۈشۈپ جاۋابىنى بىرىۋەتكىن.

–        ھە بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ئۆيدىكىلەرگە كەچتە تېلېفۇن قىلدىم،ئاتا-ئانام مىنىڭ شۇنچىلىك بىر نەرسە قىلالىغانلىقىمدىن خوش بولدى ۋە مەندىن رازى بولدى.

كەچتە ئانام-دادام ئويلىشپ ماقۇل دىگەن جاۋابنى بەردى ۋە ئاشۇنچىلىك نەرسىنى ياسىغان بولسام چۇقۇم دىققەت قىلىشمنى، باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىمنى ئېيتتى.

مەن ھە چاتاق يوق دەپ،ئەتىسى خەۋەرنى مۇئەللىمگە دىدىم.

مۇئەللىم“ سەن خاتىرجەم ئوقۇ، ئوقۇش بۇلىڭنى مەن تاپشۇرۋىتىمەن ”.

-ھە رەخمەت مۇئەللىم.

ئىككى كۈن ئۆتتى، مۇئەللىم تېلېفۇن قىلىپ چاقىرىپ كىلىپ مەندىن ”ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇردىڭمۇ؟“

-ھـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــە !!!!!!!!!!!!!!!!!!!

-ئوقۇش پۇلىڭنى تاپشۇردىڭمۇ؟

-ھـــــــــــــــــــــە    ياق تېخى.

-شۈجى بىلەن كۆرۈشتۈم، ئوقۇش پۇلىڭنى ھەپتىگىچە تاپشۇرمىساڭ بولمايدىكەن.

-ھـــــــــە مەن تاپشۇراي.

مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، ماۋۇ مۇئەللىم نىمە دەيدىغاندۇ؟ ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەن تاپشۇرىۋىتىمەن دىگەن ئەركەك بۈگۈن نىمە دەيدىغاندۇ؟

–        قورسىقىم كۆپۈپ بۇ ئىشنى ھېلقى گەپنى(ئوقۇش پۇلۇمنى تۆلەيدىغان بولغان ئىشنى) دىگەن چاغدا يېنىمىزدا بار مەن بىلەن بىللە ئىشخانىدا ئىككى يىل ئىشلىگەن ئاغىنەمگە دىدىم.

–        ۋاي ماڭا،ئۇنداق دىمىگەندۇ؟

–        ۋاي راست ئاداش، نىمە سەتچىلىك بۇ ؟ ئادەمنى ساز قىلىپ، كاللىسىدىن كەتتىمۇ بۇ ئوغرى.

–        ۋاي توۋا ، قايسى كۈنى ئۇنىمىساڭ ئۇنماي مەن بىرىمەن دەۋاتاتتىغۇ؟

–        شۇ گەپ.

–        ئاچچىغىمنى تۇتقۇزۇپ، نىمىنداق قىلىدۇ دەيمەن، نىمىشقا ئاتا-ئانامغا دىگۈزىدۇ؟ يەنە نىمىشقا ئەمدى بۇنداق گەپ قىلىدۇ؟

–        ھەقىچان ئاداش،ئۆيگە بارسا خوتۇنى گەدەندىن ئالغان گەپ ”ھەي ئوغرى بىكاردىن بىكار بىرسىگە 4100 نى بىرەمسەن ”دەپ شۇنىڭ بىلەن ئويلىنىپ قالدى ھەقىچان.قارىسا سەن كىلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرسەن، مۇئەللىمگە پايداڭ تەگكۈدەك يىرىڭ قالمىدى،شۇڭا ئاشۇنداق قىلدىمىكىن…

–        ھەي ئاداش ھەرقانچە بولسىمۇ ئاشۇنداق زاڭلىق  قىلامدۇ دەيمەن، كىچىك بالا بولمىسام يا  مەن؟

نىمىنداق نىرۋامغا تىگىدىغاندۇ ماۋۇ قىلىقى ، پىراففىسور بولسا ، پۇلى بولسا ئۆزىگە، نىمىدەپ ئوقۇش پۇلۇمنى تاپشۇرالمىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ زاڭلىق قىلغاندەك قىلىدۇ دەيمەن؟

–        ھە بولدى چېچىلما ئاداش.

–        ھەي……….ئۆيدىكەلەرگە نىمە دەيمەن؟ ئۆيدىكىلەر ئۆزكۆڭلىدە بالىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى مۇئەللىمى تاپشۇرىۋتتى دەپ خاتىرجەم،ئوقۇغان نامىزىدا مۇئەللىمگە ئوزۇن ئۆمۈر تىلەپ ئولتۇرىدۇ ھەقىچان… ئويلاپ باقا مەن بۇ پۇلنى قانداق دەيمەن ئۆيدىكىلەرگە؟

–        شۇ ئەمەسمۇ؟ ئۆيدىكىلەر بىلمىگەن ئىش بولسىغۇ مەيلى ئىدى.

–        ئانىسى قىز شۈمىكى سالغان ئوغرى ئىكەن بۇ .ئەركىشى دىگەن دىگەن گىپىدە تۇرىدىغان…

….

…..

كۈنلەر شۇنداق بىچارىلەرچە قاقشاشلار بىلەن ئاچچىق يۇتۇپ ئۆتۈپ كەتتى.

ئىنتاھان باشلىنىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن مۇئەللىم تېلېفۇن قىلىپ مىنى ۋە ئاغىنەمنى ئىشخانىغا چاقىرىپ كەلدى.

-ئاداش مۇئەللىم يەنە نىمە شۇملۇقنى ئويلاۋاتقاندۇ؟

– ھەقىچان بۇ مادىكارلار تەتىلدە بىكار قالسا بولامدىغان دەپ ئىش ئورۇنلاشتۇرغاندۇ؟

-راست، چۇقۇم بىر مۇنچە ۋەزىپە تەييار قىلىپ قويدى، ئەگەر ئاشۇنداق قىلسا مۇئەللىم مەن ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنەتتىم دەپ تۇرىۋالىمەن.

-ۋاي مەنمۇ شۇنداق قىلايمىكىن.

ئىشخانىغا كىردۇق، مۇئەللىم ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ.

(ئاخىرى بار).

سەھىپىلەر:ئالىي مەكتەپ

جوڭگۇ بانكىسىدىكى ﺋﺎۋﺍﺭﭼﻰﻟﻰﻕ

2010-يىل 9-سېنتەبىر 3 ئىنكاس

بۈگۈن جوڭگۇ بانكىسىغا بېرىپ بانكا كارتىسى بىجىردىغان چاغدا ئازراق ئاۋارچىلىققا ئۇچرىدىم .سالاھىيەت كىنىشكامنى تەكشۈرۈپ سىز كارتا بىجىرىپ بوپسىز دەيدۇ .مەن بىجەرمىدىم دىسەم ئەمسە كىم بىجەردى سەيدي .ۋاي بۇنى سىلەر بىلمىسەڭلار مەن نىمە بىلىمەن .ماڭا تەكشۈرۈپ بىرىڭ دىدىم .تەكشۈرۈش ئارقىلىك بۇنى بىزنىڭ مەكتەپتىكى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ﺑﻰﺝۈﺭﮒەنلىكىنى ئېنىقلاندى .بۇنداق بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى ھىچقاچان بىزگە ئېيتىلمىغان ئىدى . بىز ئۆزىمىزنىڭ خەلىق بانكىسىدا ھىساپ ئاچقانلىقىمىزدىن بىخەۋەر .بۇ زادى نىمە ئىش ؟

سەھىپىلەر:ئالىي مەكتەپ

تەتىلدىكى پاراڭ

2010-يىل 8-سېنتەبىر باھا يېزىش

تەتىلدىكى پاراڭ

شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇپۇزلۇق ئالدىنقى قاتاردىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ بىرسى،ھەريىلى تەتىل مەزگىلىدە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن ھەرقايسى تۇلۇقسىز-تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىللىرنىڭ ئايغى ئۆزۈلمەيدۇ،بىزدەك ھەر تەتىل قېلىپ تىل ئۆگىنىدىغان، كومپيۇتېر ئۈگنىدىغان ئوقۇغۇچىلار مۇشۇلارنىڭ باھانىسىدە مەكتەپ ئاشخانسىدىن تاماق يىيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىمىز ،بۇلار كەلمىسە مەكتەپ ئاشخانىسى ئېچىلمايدۇ ،بۇلار كەلسە مەكتەپ بۇلارغا تاماق مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاشخانىنى نورمال ماڭغۇزىدۇ، تەتىلدىن ئاۋال ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بار يوقلىقىغا ئاساسەن قېلىش قالماسلىقنى بەلگىلەيدۇ(ئەلۋەتتە ھەممىسى ئەمەس).

ھەر تەتىلدە قېلىپ ئۈگۈنۈش، خىزمەتلەر بىلەن بولغىلى بىر قانچە يىل بوپ قاپتۇ ،(ئۆت يىلدىكى تەتىلنى ھىسابقا ئالمىغاندا).

ھەربىر تەتىل بىرخىل ھوزۇر، بەلكىم نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ ئويناشنى ھوزۇر بىلىشى مومكىن ،لىكىن مەكتەپكە كۆنۈپ قالغان مەندەك كىشىلەر ئۈچۈن ئائىلە تۇرمۇشى سەل مەنىسز بىلىنىدۇ ،بۇنداق دىسەم ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش، ئاتا ئانالىلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش مەنىسز ئىشمۇ ؟ بۇ قەيەرچە پاراڭ بوپ كەتتى دىيىشىڭىز مومكىن…

توغرا ئەسلى ئاتا –ئانىمىز بىلەن ھال-مۇڭ بىر داستىخان بولۇپ تاماق يىسەك ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىپ بالىلىق مېھىرىمىز بىلەن ئۇلارنى خوش ئەتسەك بۇلاتتى،لىكىن ھەركاللىدا ھەرخىيال دىگەندەك، بىزدەك ئاتا ئانىسنى يىل بويى يوقلىمايۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا كۆز قارشى بار .

ئوقۇ بالام ،كۆكلە بالام دەپ يولغا سالغان ئاشۇ ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ قايتىپ بېرىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئائىلە بەختىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشنى ئۈمۈد قىلىدۇ، لىكىن ئۇلار بۇ ئۈمۈدنى قىلشتىن ئاۋال بىزنى ھەقىقى بەخىتلىك بولۇشىمىزنى ياراملىق ئادام بولۇشىمىزنى بەكرەك ئۈمۈد قىلىدۇ .

ھېلىمۇ يادىمدا بىر قېتىم دادام-ئاناملار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئانا ئالدىمىزدىكى تەتىلدە كەلمەي ئاشۇ تەردە ئۈگنىشىمنى قىلايمىكىن دىسەم ئانام ”بالام بىزنىڭ قولىمىزدىن ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاشلا كىلىدۇ ، بىزنىڭ ھايات ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ پۇلىمىزغا ياخشى ئوقۇۋېلىڭلار، بىز ئۆلەپ كەتسەك ھۆكىمەت قويىدۇ، سىلەر بىزدىن خاتىرجەم بولۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ياخشى ئوقۇساڭلارلا بولدى، قالغىنىغا خۇدا بار ،كۈچۈڭلار يەتكەنچە ،نەگىچە بارالىساڭلار شۇ يەرگىچە ئوقۇڭلار، ئوقۇيمەنلا دىسەڭلار بالام  پۈتۈن مال دۇنياسىمىزنى سېتىپ بولسىمۇ سىلەر يىتەلىگەن يەرگىچە ئوقۇتىمەن، ئوقۇساڭ ئۆزۈڭگە ئوقۇيسەن، بىز كىتىمىز، قالدىغىنى سەن، مەن سىنى يېنىپ كىلىپ مايەردە ئىشلە، يۇرتىمىزغا مانداق تۆھپىلەرنى قوش دىمەيمەن، نەدە كۆلىسەك،نەدە ئەزىز بولساڭ شۇ يەردە قېلىپ بەخىتلىك ياشىساڭ بولىدۇ.گەپ شۇ بالام قالغىنىنى ئەمدى ئۆزەڭلا بىلسەڭلا بولدى سىلەرمۇ چوڭ بوپ قالدىڭلار، بىزمۇ شۇ سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ ئولتۇرىمىز،خۇدايىم بەختىڭلارنى بەرسۇن “ –دەپ گەپنى يىغىشتۇردى .

كەتمىكىز كەلمەيدۇ ئەمەس، ئاتا-ئانىمىزنى سېغىنمايمىز ئەمەس، مەندەك ئاتا ئانىسى دۇئا قىلىپ يولغا سېلىپ قويغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ مەكتەپتە شۇنداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بۇيەردە قېلىپ ئۇقۇيدۇ .

ياتاق تۇرمۇشى ھەقىقەتەن گۈزەل بۇنى ھاراق ئىچىپ، سورۇن تۈزۈپلا ئۈتۈپ كەتكەن ساۋاقداشلىرىمىز ھەرگىز ھىس قىلالمايدۇ.

مانا بۇيىل نىسىپ قىلىپ تەتىلدە بىزدىن چوڭ بىرقانچە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە بىزگە ئوخشاش ئاتا-ئانسى دۇئا قىلىپ، يولغا سېلىپ قويغان بىر قانچە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ مائارىپىمىز ھەققىدە پاراڭلىشىشقا نىسىپ قىپتۇ، بۇ پاراڭلار شۇنداق ”ئېسىل“ پاراڭلار ئىدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز تىرشىۋاتقان بۇ ئۇستازلار بىزگە ئۆزلىرىنىڭ تەجىربىللىرنى سۆزلىمەكتە ئىدى .

بىزمۇ پات ئارىدا مەكتەپ پۈتتۈردىغان ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا ، مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان كاللا بار ،كۈيىدىغانغا يۈرىكى بار، ياشلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن ئاڭلىماڭتا ئىدۇق،بىر قاتار ئىسىل پارڭلاردىن كىيىن پاراڭنىڭ يامان ”ئېىسىل ”لىرى چىقتى.

-مەن مەكتەپكە بارغاندا ماڭا بىز كەسپىي سىنىپنى تۇتقۇزۇپ قويدى،دەپ گەپ باشلىدى،يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى بولغان بىرى .

-تۇلۇقسىزدا كەسپىي سىنىپ بارمۇ؟

 -ۋاي نىمە دەيدىغانسىز،باشلانغۇچتا ئاپئاق قالغان بىر توپ بالىلارنى يىغىپ ئۇلارنى كەسپىي سىنىپ دەپ ئايرىپ قويىدىكەن، بۇبالىلار شۇنداق كەپسىز، بەشكە نۆلنى قوشسا قانچە دىسەم نۆل دەيدۇ ،چاخچاق قىلۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، كىيىن قارىسام راست بىلمەيدىكەن، ۋاي توۋا دەپ قاپتىمەن، بار ياخشى بالىلار ”قوش تىل سىنىپى“ دا ئۇلارغىمۇ دەرىسكە كىردىم، ئۇلار دىگەن دەرىستە شۇنداق ياخشى سوراپ بولغىچە ۋاش-ۋاش جاۋاپ بىرىدۇ،تاپشۇرۇقنىمۇ شۇنداق ئەستايىدىل شۇنداق ياخشى ئىشلەيدۇ ،لىكىن ئاۋۇ كەسپىي سىنىپنىڭ باللىرى تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدۇ ،ئىشلىيەلمەيدۇ. مىنىڭ ھەپتىدە ئۈچ قېتىم تاپشۇرۇق بىرىپ يىغىدىغان ۋەزىپەم بار ،ئەگەر ۋاقتىدا قىلمىسام شوجاڭدىن داۋاڭ ئاڭلايدىغان گەپ .

-ئەمسە قانداق قىلىسىز ؟

-ھەممە تاپشۇرۇقنى دوسكىدا ئىشلەپ بىرىمەن، مانى كۆچۈرۈپ يېزىڭلار دەپ يازغۇزىمەن. ھەي ئىشقىلىپ بارسىڭىز بىلىسىز، تۈۋەندە ئالدامچىلىق دىگەن تولا بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ گۆشىنى يىگۈدەك بوپ كىتىسىز ،شوجاڭ دىگەننىڭ ھوقۇقى بەكلا مەركەزلىشىپ قالغان،سىزنى چىچە دىسە چىچىسىز ، سىز چىچمىسىڭىز ئەتراپتىكىلەر چىچىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن سىز يەككە يالغۇز قالىسىز ، شۇجاڭ نىمە دىسە شۇ …ھەي

-مۇنداق ئىش بار دەڭە تېخى.

-بىركۈنى ،دەپ سۆز باشلىدى يەنە بىرىسى – مەن دىققەت قىلماپتىمەن، ما مەكتەپنىڭ لامزەللە ھەزىلەك تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى مىنىڭ سىنىپىمدىكى ئىككى ئۈچ قىز ئوقۇغۇچىنى ياساپ ئويناپتۇ .

– ۋاي مېڭىڭە نىمە دەيدىغاندۇ.

– ۋاي راست ،شۇنداق ئاچچىغىم تۇتتى كىيىن شوجاڭغا ئېيتتىم ،شوجاڭ قانداق قىلسام بولار دەپ ئولتۇرۋىدى ،بىر پىلان تۈزۈپ قويۇپ ئولتۇردۇم ،كىيىن شوجاڭنى ئۇ گۇينىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردىم،قارىسا كىچىك قىزلارنىڭ ئۇيەر بۇيەرلىرىنى چىمداپ ئوينىغىلى تۇرۇپتىكەن، شوجاڭ شۇنداق تىللاپ كەتتى كىيىن نەچچە مىڭنى پاكەن قويۇپ يىراق بىر يىزىغا ئوقۇتقۇچىلىقا پالىۋەتتى .

– پالىۋەتتى دەڭ ،خا خا…..

-ۋاي تۈۋەندىكى بۇزۇقچىلىق، چېقىمچىلىك،پوداقچىلىق ھەيران قالىسىز ،ئەرئوقۇتقۇچىلار ئەردەك ئەمەس شوجاڭنىڭكىنى كۆتۈرۈپ يالاپ بولالماي ئاۋارە …..

ئىش باركەندە بىز بارساق .ۋاي ئاللا …ھەممە يەرنىڭ مائارىپى ئاشۇنداقمىدۇ ،بىزنىڭ يۇرۇتتا يوقتۇر بەلكىم ،ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم .

–       ۋاي ھەممە يەردە بار ،شوجاڭ بىلەن شۇجىگە ئەڭ دۆت كالىسى ئىشلىمەيدىغان، ئوقۇپ كەلگەن يىرىنىڭ تايىنى يوق بىرسىنى قىلىپ قويىدۇ ،ئاندىن شۇنىڭ دىگىنى راست.

–       ئەسلىدە بىزدەك تۈۋەنگە چېنىقىشقا كەلگەن بالىلارنىڭ ھەممە نەرسىنى كۈتۈرەتتى ، لىكىن بىزدىن كىيىن توك پۇل ،سۇ پۇلى دەپ پۇل يىققىلى تۇردى،بىز دىمۇ ئامال يوق بىرىلى دەپ ئولتۇردۇق ، كىيىن ئۈرۈمچىدىن بىز بىلەن بىرگە كەلگەن قىزلار ئەرز قىلىمىز دەپ تۇرۋالدى ،قاداق بۇلار دەپ ئولتۇرساق قىزلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە تېلېفۇن قىلىۋىدى ،ئىككى كۈندىن كىيىن ناھىيەدىن تەكشۈرۈش كىلىپ مەكتەپتىكىلەرنى راسا تەنقىدلىدى، ھە ئەسلى ئىشنىڭ يولى ماۋۇكەن دەپ ھازىر بىر ئىش دەپ بولغۇچە تېلېفۇننى قولىزغا ئالىدىغان بولدۇق.

–       يىللىق باھالىغاندا ئاشۇ مەكتەپ ئاشۇ رايوندىن چىققان ئەرىز سانىغا ئاساسەن خىزمەتلەرنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بەلگىلەيدۇ .ئەرىز جىق چىقتىما بولدى ،ياخشى باھالىنالمايدۇ ،شۇڭا چىڭ تۇتىدىغىنى خەقنى ئەرىز قىلدۇرماسلىق ،ئەرىز قىلغىنىڭىزنى بىلىپ قالدىمۇ بولدى، مەكتەپتە سىزگە كۈن يوق .

–       يائاللا خۇدايىم كۈرىدىغان كۈنىمىز بارمۇ نىمە؟

–       ئىشقىلىپ ھەي تەس ،شوجاڭ بىلەن قارشىلىشىپ قالماڭ .

-ۋاي نىمىش بوپكەتتىكىن بۇ مائارىپ، بىز نىمە كۈنلەرنى كۈرەرمىز ھە .

ياق قورقۇشقا بولمايدۇ ، ياخشى ئوقۇپ نۆلدىن باشلاش كىرەك، ئاۋال باشلانغۇچقا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئاق قېلىۋاتقانلارنى تۈگىتىش كىرەك. ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرۇپلا نەچچە يىللىق ئەقىدىمىزدىن كەچسەك بولمايدۇ .سىناپ بېقىش كىرەك يامان بولمىسا چىكەڭگە تاڭ دەپ تاشلاپ چىكىتەرمىز ،قىلاي دىسەك ئىش ئازمىدى.

-ھازىر شۇنداق دىيىلىدۇ ،ئەمما بېشىڭىزغا كەلگەندە تەس .

 – قېنى قاراپ باقايلى، ئەمما شۇ بالىلاردا نىمە گۇناھ ، تۇغۇلغانغا پۇشايمان قىلىپ كىتەرمۇ بۇ دۇنيادىن.

ھەي بولدى ئوخلايلى، بۇ ئىشلارنى بىز بۇيەردە ئولتۇرۇپ بىر ئىش قىلىپ بولالمايمىز .ھۆكىمەتتىن توغرا چۈشكەن بىر سىياسەت شوجاڭنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تەتۈر بوپ كىتىدۇ .

بۇنىڭغا ئامال يوق .ئوخلىدۇق.

شۇندق بىز ئۇخلايمىز، بۇلىدۇ ئۇخلايلى .

سەھىپىلەر:ئالىي مەكتەپ