ئارخىپ

Archive for the ‘ئۈزلىكسىز ئۆرلەش’ Category

تور مەشغۇلات سىستېمىسى ، بۇلۇت ۋە بىز

2010-يىل 23-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

تور مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە بۇلۇت ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ بېقىش نىيتىم بار ئىدى، لىكىن سۆزنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي بۈگۈنگە قالدى. بۇ ماقالىنى يېزىش جەريانىدا پايدىلانغان ماترىياللار ئۆزۈمنىڭ توردىن كۆرىۋالغان قىسقىچە مەزمۇنلار بىلەن بىر قانچە يىللىق ئۆگۈنۈش جەريانىدىكى ھىس قىلغانلىرىم، شۇڭا خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.

بىر قىسىم ئەقىللىق كىشىلەر شۇنداق بىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياساپ چىقتى ۋە ئۇنىڭغا تور مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ ئىسىم قويدى، ئۇلار بۇ سىستېمىنى تورغا قاچىلاپ قويۇپ كىشىلەرگە ”ئەي كىشىلەر سىلەر ئەمدى كومپيۇتېر ئىشلەتمىسەڭلەرمۇ بولىدۇ(مەشغۇلات سىستېمىسىنى كۆزدە تۇتماقچى)، بىز ياسىغان بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى سىلەرنى كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلايمەن، ۋىروس تازلايمەن، ھەقىقىي نۇسخدىكى دىتال سېتۋالىمەن، ئۇيغۇرچە تونىتىمەن، قاتتىق دېسكا ئالىمەن، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئاشۇرمەن دىگەندەك ئاۋارچىلىقلاردىن خالى قىلىدۇ“ دەپ جار سالدى، بىز ۋاي توۋا مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ دەپ ياقا تۇتۇشتۇق، ئاللا توۋا دېيىشتۇق، ئىشەنگىمىز كەلمىدى، لىكىن ئۇزاققا بارماي بۇ ئەقىللىق كىشىلەر بۇ سىستېمىسىنى خەقلەرنىڭ ئىشلىتىپ بېقىشى ئۈچۈن سىرىتقا ئېچىۋەتتى، دەل مۇشۇ چاغدا بىز ئاندىن بۇنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىز بۇندىن ئىلگىرى ئاتاپ كەلگەن ”تور“ نىڭ خەقنىڭ ئۆيىدىكى بىر كومپيۇتېر ئىكەنلىكنى ھەقىقىي ھىس قىلىشتۇق. شۇنداق ”تور“ ئۇ بىر خەقنىڭ كومپيۇتېرىدىكى قاتتىق دېسكا، تورغا ساقلانغان ھەممە نەرسە شۇ قاتتىق دېسكغا قاچىلانغان بولۇپ بۇ ئەمدى بىزدىن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، ئەگەر ھەممىمىز ئاشۇ ”تور“غا قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئىگە بولساق بىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بوپ كىتىدۇ؟ [img]http://laoyaoba.com/ss6/attachments/2010/09/45569_201009201539321ilJt.thumb.jpg[/img] 1- بىزدە سىستېمىغا كىرىدىغان بىرتال ئابونىت نۇمۇرى ۋە پارول بار بولىدۇ. 2-بىز تور كۆرگۈچكە تورىدىكى كومپيۇتېرىمىزنىڭ ئادىرىسنى كىرگۈزسەك ئابونىت نۇمىرى ۋە پارول تەلەپ قىلىدۇ، بىز تىزىملىتىپ كىرىمىز. 3- بىز بۇيەردە تورغا چىقىمىز، پاراڭلىشىمىز، خەۋەر كۆرىمىز، سىنلارنى كۆرىمىز، ناخشىلارنى ئاڭلايمىز، خالىساق ساقلىۋالىمىز، خالىساق ئۆچۈرىمىز. بىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىمىز، مەشغۇلاتلىرىمىز، ئاشۇ تورىدىكى كومپيۇتېرىمىزدا ساقلىنىدۇ.(سىز ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر، ناخشىلار، رەسىملەر، ماقالىلەر ھەتتا ئويۇنلار ھەممىسى مۇشۇ يەردە) 3-بىزگە لازىملىق بارلىق دىتاللار ئاشۇ مەشغۇلات سىستېمىسىدا بار بولۇپ ئىشلىتىدىغانلىرىمىزنى ”ئۈستەل“ گە چىقىرىۋالىمىز، ئىشلەتمىسەك ئۆچۈرۋىتىمىز. دىتاللارنى دىتال مەركىزىدىن خالىغاندا قاچىلاپ خالىغاندا ئۈچىرەلەيمىز، بۇ شۇنداق بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ بەك پاكىز، بۇيەردە ۋىروس ئاساسەن بولمايدۇ، بوپ قالسا بۇ توردىكى كومپيۇتېرنىڭ ئىگىسى سىزگە تازىلاپ پاكىزلاپ بىرىدۇ. 4-ئەگەر جىددىي ئىشىمىز چىقىپ قېلىپ تور كۆرگۈچنى تاقاپلا چىكەتسەك، كىيىن قايتا كىرگەندە بىز كۆرىۋاتقان كىنو ۋە بارلىق مەشغۇلاتلار ئاشۇ قالغان پېتى ساقلانغانلىقىنى كۆرىمىز،بىز خىزمەتنى ئاشۇ توختىغان پەيىتتىن باشلاپ داۋاملاشتۇرىمىز. 5- بىز خىزمەت بىلەن باش شىركەتكە دوكلاتقا باردۇق، لىكىن ھىچقانداق ماترىيال كۆتۈۋېلىشنىڭ ئورنى يوق، نىمىشقا چۈنكى تور بار ھەرقانداق ئورۇندا سىز بۇ تورىدىكى كومپيۇتېرىڭىزنى ئاچالايسىز، بارلىق ماترىياللىرىڭىزنى ئېچىپ كۆرەلەيسز، دوكلات بىرەلەيسىز، يىغىپ قويغان ئۇچۇرلارنى خەقكە يۆتكەپ بىرەلەيسىز. [img]http://www.netbooknews.com/wp-content/2010/08/chrome-os-tablet-550×356.jpg[/img] دىمەكچى بىز بۇ سىستېمىغا ئىگە بولساق تور بولغانلىكى ھەرقانداق ئورۇندا، ھەرقانداق ۋاقىتتا، تورغا كىرگىلى بولىدىغان ھەراقانداق ئۈسكىنىدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنى بىمالال قىلالايمىز. مەسىلەن: ئۆيدىكى كومپيۇتېردا، تېلېفۇندا، تېلېۋىزوردا، لەپتوپتلاردا… سىزنىڭ تېلېفۇنغا ساقلىغان بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىز تېلېفۇن كارتىڭىزغا ئەمەس مۇشۇ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ساقلىنىدۇ، تېلېفۇن خاتىرىسى، قىسقا ئۇچۇر،سۈرەت،سىن، ماترىياللار… سىز ئۆيىڭىزدە تېلېۋىزوردا كۆرىۋاتقان كىنونىڭ ئاخىرىنى تېلېفۇنىڭىزدا كۆرگەچ ئىشقا بارىسىز، كەچلىك خەۋەرنى ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردا بېشىنى كۆرۈپ تېلېفۇندا ئوتتۇرسىنى كۆرۈپ ئۆيدىكى تېلېۋىزوردا ئاخىرىنى كۆرىسز… يۇقىرىدا تور مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ نىمە ئىكەنلىكى قوللىنىش جەھەتتىن چۈشىنىپ ئۆتتۇق، ئەمدى ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز. بۇ سىستېمىنىڭ ئېنگىلىزچە يېزىلىشى Web operating system بولۇپ قىسقارتىلىپ Web OS دىيىلىدۇ، خەنزۇچە 网络操作系统 دىيىلىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ھازىرقى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنگەن قىسىمى بولۇپ توردا بولىدىغان ھىسابلاش ۋە سىز ئىشلەتكەن تورغا چىقىش ئۈسكىنىسىدە بولغان ھىسابلاشدىن ئىبارەت. توردا بولغان ھىسابلاش سىزنىڭ تور مەشغۇلات سىستېمىسىدا قىلغان مەشغۇلاتىڭىز سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان ھىسابلاشلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ھىسابلاشلار توردىكى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغان بېسىم چۈشۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ سىز ئىشلەتكەن تورغا چىققۇچى ئۈسكىنىگە بېسىم چۈشۈرمەيدۇ. [img]http://www.be-mine.info/wp-content/uploads/2009/09/Tegra-Netbook-Chrome-OS.jpg[/img] تورغا چىقىش ئۈسكىنىسىدىكى ھىسابلاش بولسا تور مەشغۇلات سىستېمىسىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئىكراندا كۆرسىتىشكە كەتكەن ۋە تور ئۇزىتىشقا كەتكەن ھىسابلاشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا تور مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ سىزگە بولغان تەلىپى يۇقىرىراق بولغان كۆرسىتىش كارتىسى ۋە ئۇزىتىش سۈرئىتى تىز بولغان تور كارتىسى ھەم يۇقىرى تور سۈرئەت بولىدۇ.(بېسىم UCP غا ئەمەس GPU غا بەكرەك چۈشىدۇ) دىمەكچى بىزنىڭ ھازىرقى مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى قاتتىق دىتال ۋە تور سۈرئىتىگە بولغان تەلەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ، بىر قىسمىنى تور مەشغۇلات سىستېمىسى تەمىنلىگەن ئورۇننىڭ كومپيۇتېرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىر قىسمىنى بىزنىڭ تورغا چىقىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئۈسكىنىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ. تور مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى دىتاللارغا كەلسەك ئۇلار بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان دىتاللارنىڭ تور نۇسخسى بولۇپ بۇنىڭغا ”تور QQ ”، ”تور Photoshp“… دىگەندەك دىتاللارنى ئوخشىتىش مومكىن. تور مەشغۇلات سىستېمىسىنڭ ئىجرا ۋاستىسى نىمە بولىدۇ؟ ئۇ بىر تور كۆرگۈ بولىدۇ، تور كۆرگۈ بولسىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ تور مەشغۇلات سىستېمىڭىزغا كىرەلەيسىز. ئۇنداقتا بىز بۇيەردە ئاتاپ كىلۋاتقان تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ توربەتلەر بىلەن نىمە پەرقى بار ئۇ بىر تور قوللىنىلىشچان پىروگراممىسمۇ ياكى راستىنلا بىر مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ؟ بۇ ناھايىتى ۋەزىنى بار سۇئال، بۇنى مەشغۇلات سىستېمىسى دىمەيلى دىسەك بۇنىڭ ئۈستىدە ئىجرا بولىدىغان ئۆزىگە خاس پىروگرامملىرى بار، ئەمەسمىكى دىسەك توربەت زىيارەت قىلغانغا ئوخشاش زىيارەت قىلىپ كۆرىدىكەنمىز، شۇ كۆرۈنمە يۈزى بەلكىم بىز ھازىر كۆرۈپ كۆنگەن تور بەتلەردىن پەرىق قىلىشى مومكىن، ئەمسە بۇنى زادى نىمە دەيمىز؟ بۇنى تورداشلار ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆزى تەبى ھالدا خۇلاسىلىۋالىدۇ. بەزى ماترىياللاردا Web OS نى 3.0 Web بىلەن تەڭ ئورۇندا ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىسىز، بۇنداق بولغاندا سىز Web OS نى 2.0 Web نىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى دەپ چۈشىنىسىز، شۇنداق بىز 2.0 Web دەۋرىدە تۇرىۋاتىمىز، بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات 3.0 Webقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ، Web OS قا قاراپ ماڭىدۇ دىگەن گەپ. بىزنىڭ ھازىرقى ئۇچۇر ساقلاش شەكلىمىز ھۆججەتنىڭ ئۆزىنى ساقلاش شەكلى بولۇپ ئەگەر بۇ ھۆججەت، بوشلۇقتىكى بىر ئورۇندا بولسا مەڭگۈ ئۆچمىسە، سۈرئەت تىز بولسا بىز ئۇنىڭ ئادىرىسىنى كۆچۈرۋالساقلا كۇپايە بولىدۇ، بىكاردىن بىكار بوشلۇق ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق.(مەسىلەن يۇتۇبېدىكى سىن سۆججەتلەر) [img]http://thenextweb.com/apps/files/2010/08/jolicloud-launcher.png[/img] بۇ ھازىرقى دەۋىردىكى ”ھەمبەھىرلەش“كە ئوخشايدۇ، دوستىڭىزغا بىر كىنونى ئېۋەتىپ بەرگندىن كۆرە ئاشۇ كىنونىڭ ئادىرىسىنى ئېۋەتىپ بەرگىنىڭىز ياخشىراق بولغىنىغا ئوخشاش. شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ Web OS نىڭ نورمال يۈرشىنىڭ ئاڭ ئالدىنقى شەرتى يىتەرلىك تور سۈرئىتىنىڭ بولىشى، مۇشۇ شەرتنىڭ بۇلىشى بىزنىڭ ھۆججەت يوللىشىمىزنىڭ ئەمەس ئادىرىس يوللىشىمىزنىڭ كۇپايە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر تور مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەپ چىقارغان ئورۇنلاردىن بىزنىڭ بىلدىغىنىمىز بەلكىم تېڭشۇن شىركىتىلا بولىشى مومكىن، لىكىن خەلىقئارادا بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان ۋە مەھسۇلات يارتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس مەسىلەن: گوگېلنىڭ chrome os ، HP نىڭ Palm قاتارلىقلار، يەنە تۈۋەندىكى ئۇلانمىدىكى بىر قاتار سىستېمىلارمۇ بار. http://www.blueidea.com/news/soft/2008/5545_3.asp بۇ تورمەشغۇلات سىستېمىسى كىيىنكى بىر دەۋىردىكى تور تېخنىكىسنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر بىزنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىمىز ئاشۇ دەۋىرگە قەدەم قويسا بىز قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟ تورىدىكى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىغا بولغان قوللاشلىرى، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىشلىرى قانداق بولىدۇ؟ مەيلى بىز قايسى تور مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىلى ئۇنىڭغا كۆزقۇلاق بولۇپ تۇرمىساق بولمايدۇ. تېڭشۇن ياسىغان تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىزگە قانچىلىك نەپ ئېلىپ كىلدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لىكىن گوگېل ۋە HPقاتارلىق چوڭ شىركەتلەر ياسىغان تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى كومپيۇتېر ئىشلىرىمىزغا قانچىلىك تەسىر بىردىغانلىقىنى ھس قىلالايمەن. [img]http://www.cnw.com.cn/resources/2010_02/2010_02_13/201002135411268464174297.jpg[/img] چۈنكى گوگېل ئوتتۇرغا چىقارغان مۇلازىمەتلەر ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن :ئېلخەت، ھۆججەت، خەۋەر، سىن … قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى. ئەگەر بۇ مۇلازىمەتلەر تور مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلىتىلسە ۋە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تېلېفۇن نۇسخسىدا قوللىنىلسا كىشلەرنىڭ گوگېلنىڭ مۇلازىمىتىگە بولغان بېقىنىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. يازمىنىڭ بېشىدا قاتتىق دېسكىنىڭ تورغا تەڭداش ئىكەنلىكىنى تىلغان ئالغان ئەمدى ئۇنى تۈۋەندىكىدەك ئۆزگەرتەي. ”تور“=“قاتتىق دېسكا“=“بۇلۇت“ بىز ئۇچۇرىمىزنىڭ قايسى كومپيۇتېردا ساقلانغانلىقىنى قانداق ساقلانغانلىقىنى بىلمەيمىز پەقەت ئاشۇ تور مەشغۇلات سىستېمىسى ئارقىلىقلا بىز ئۆزىمزنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئىگە بولالايمىز. ئەگەر باشقا بىر ئورۇندا ئۇچۇرلىرىمىزغا ئىگە بولماقچى بولساق مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى ئورۇن تەمىنلىگەن ”ئېچىش ئېغىزى“ دىن پايدىنىلىپ ئىرىشەلەيمىز. ئەگەر بىز بۇ ”تور“دىكى“قاتتىق دېسكا“ نىڭ ھەقىقى ”بۇلۇت“ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماقچى بولساق گوگېلنىڭ ئاندرويىد تېلېفۇنىنى ئىشلىتىپ باقساق بولىدۇ. تېلېفۇننىڭ تېلېفۇن خاتىرىسى، تېلېفۇن دەپتەر ئۇچۇرى، Gtalkتىكى پاراڭ خاتىرىسى، ھۆججەت يوللاش خاتىرىسى، يوللانغان ھۆججەتلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توردىكى ئاشۇ قاتتىق دېسكىدا ساقلىنىدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنى مەن كۆرەلمەيمەن، قايسى ئورۇندا ساقلانغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن، پەقەت تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىجرا ۋاستىسى بولغان تېلېفۇندا ۋە تور كۆرگۈچتە كۆرەلەيمەن،(ماقالىنىڭ بېشىدا تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىجرا ۋاسىسى تور كۆرگۈ دىيىلگەن، ئەمدى تېلېفۇنمۇ قېتىلىپ قالدىغۇ دىيىشىڭىز مومكىن، چۈنكى تېلېفۇن سىستېمىسى تورمەشغۇلات سىستېما مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى بولغان گوگېلنىڭ قالدۇرغان ئېچىش ئېغىزىنى ئىشلىتىپ ياسالغان، دىمەكچى ئاندرويىد بولسا chrome osنىڭ بىر ۋارىيانتى) ئۆزگەرتەلەيمەن ۋە ئۆچۈرەلەيمەن. ماقالىدە مانا ئەمدى ”ئېچىش ئېغىزى“ نىڭ گەپلىرى چىققىلى تۇردى، بۇ نىمە گەپ؟ [img]http://tokudu.com/wp-content/uploads/2010/09/google-api.jpg[/img] دىتال ئاچقۇچى شىركەتلەر ئۆز مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ۋە كىشىلەرگە قولايلىق يارتىش ئۈچۈن ئۈچۈنچى تەرەپكە ئېچىش ئېغىزى تەمىنلىگەن، ئۈچۈنچى بىر تەرەپ بۇ ئېغىزلاردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئاسان قىلالايدۇ، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ مۇلازىمەتلىرىنى ئۆز پىروگراممىسىدا ئىشلىتەلەيدۇ، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ مەلۇم بىر قوللىنىلىشچان دىتالىنىڭ باشقا بىر سەھنىدىكى قوللانما دىتالىنى ياساپ چىقالايدۇ. مەسىلەن: ئەگەر بىلىك تورى بىزگە بىز لازىملىق بولغان ئېچىش ئېغىزلىرىنى تەمىنلەپ بەرسە بىز بىلىك تورىنىڭ ئاندرويىد نۇسخسىنى(مەن بىلوگىمدە ئېلان قىلغان ۋوردپرېسنىڭ ئاندرويىد نۇسخسىغا ئوخشاپ كىتىدۇ) ۋە كومپيۇتېردىكى ۋىندوۋس نۇسخىسىنى ئۇبۇنتۇ نۇسخىسىنى …دىگەندەك يەنە تورمەشغۇلات سىستېمىسى نۇسخىسىنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ. بىز بىلىكنىڭ ماقالىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن چۇقۇم بىلىك تورىغا كىرىشىمىز بىھاجەت بوپ قالىدۇ، بۇنداقتا ئىنتايىن قۇلايلىق ئەمەسمۇ؟ تور بەت پىروگراممىسىنى تۈزۈش كىشىلەرگە ھەمكارلىشىدىغان ئېغىز قويۇپ مېڭىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ، web2.0تەرەققى قىلىپ web3.0 گە مېڭىۋاتىدۇ، web3.0تېخنىكىسىنى قوللىنىلىۋاتقان بۇ web os نىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغانسىرى ”ئېچىش ئېغىزى“ دىگەن بۇ نەرسىنىڭ قانچلىق ئىشلىتىلىشچانلىقى بارلىقىنى ۋە مۇھىملىقىنى ھىس قىلىمىز. [img]http://www.zillowstatic.com/static/images/API_diagram.gif[/img] بىز تور مەشغۇلات سىستېمىسى دىگەن بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ ”بۇلۇت“ دىگەن بىر يەرنى ساقلاش ئورنى قىلدىغانلىقىنى ئابونىتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ”ئېچىش ئېغىزى“ دىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر يوللايدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق. ئەمدى ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىزنىڭ ئۈچۈنجى تەرەپ ئېچىشقا بولغان چۈشەنچىمىز ۋە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قىلغان ئىشلىرىمىز يوق دىيەرلىك، ئەگەر ئاشۇ ئۇچۇرلارنى ”بۇلۇت“ تا ساقلاپ مەشغۇلاتنى “ chrome os“تا ياكى ”ئاندرويىد“تا قىلدىغان پەيىت يىتىپ كەلسە بىز نىمە ئىشمۇ قىلالايمىز؟ بىزدە يۇمشاق دىتال ئېچىش جەھەتتە تېخى بالا، تور مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇياقتا تۇرسۇن بىرەر چوڭ تىپتىكى دىتالنىمۇ ئېچىپ باقمىدۇق، كىرگۈزگۈچ بىلەن لۇغەتتىن ئاتلاپ باقمىدۇق، ئۇيغۇرچە ئۆزىمىزنىڭ تور مەدەنىيىتىگە ماس بولغان، بىر تور مەشغۇلات سىستېمىسى ياساپ بولالىشىمىز ناتايىن، لىكىن بىز خەقنىڭ ياسىغىنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ تور مەدەنىيتىگە خاس قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقساق بولىدۇ، بىزدە تېڭشۈندەك دوراپ بولسىمۇ بىرەر نەرسە ياسىيالايدىغان شىركەتلەر، ياسىغان نەرسىگە چۇشلۇق قوللاپ بىردىغان بازار يوق بولىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتلەردە يېڭىدىن مەيدانغا كىلىۋاتقان تور مەشغۇلات سىستېمىسىدەك مەھسۇلاتلارغا كۆز قۇلاق بولۇپ تۇرۇپ ئۆزىمىزگە بىر كىشىلىك ئورۇن تەييارلاشمۇ ناھايىتى مۇھىم. بىز يېزىقىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى كۆچمە ئۈسكىنلەردە نورمال كۆرىنىدىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغانلىقىغا قاراپ تۇرۋالماي(بۇلار چۇقۇم ھەل بولىدۇ، بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىڭ)، ئاشۇ كۆچمە ئۈسكىنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان خەلقىمىز ئىھتىياجلىق بولىدىغان مۇلازىمەتلەرنى قانداق بەرپا قىلىشنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ كۆچمە ئۈسكىنىلەرنىڭ قايسى ”ئېچىش ئېغىزى“ لىرىدىن پايدىلىنىشنى تەتقىق قىلساق تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن، كونىلار سۇ كەلگۈچە تۇغان سال دەپ بىكارغا ئېيتمىغان، مەن ئالدىنقى يازمىللىرىمدا ”بۇلۇت ئىنقىلابى“ دەپ بىر نەرسىنى ئوتتۇرغا قويغان، بۇلۇت ئىنقىلابىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بۇ يازما ئارقىلىق ئازراق ھىس قىلالىشىڭىز مومكىن. بۇ ئىنقىلاپ ”بۇلۇت“ تا ئۇچۇر ساقلاپ كۆچمە ئۈسكىنىلەردىن (شۇلاردىكى web osدىن)پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئالماشتۇردىغان جەرياندىكى بارلىق تېخنىكىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېخنىكىلار بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي ھۇشيار تۇرمىساق بىزنىڭ نەچچە يىلنىڭ ياغى ياراتقان تور مەدەنىيتىمىزنى بىر تىيىنغا يارغۇسىز قىلىۋىتىدۇ. (ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان تور مەشغۇلات سىستېمىسى، بۇلۇت ئۇقۇمى، ئېچىش ئېغىزى دىگەندەك ئۇقۇملارنىڭ مەنىسى، دائىرىسى، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلىرى مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن مەزمۇنلاردىن خېلى كەڭ دائىرىدىكى بىلىملەر بولۇپ، مەن پەقەت ئۆزۈم ھىس قىلغان تەرەپلەرنىلا سۆزلىدىم، سۆزلىگەنلىرىمگە ئاددىي ھالدىكى بىلىم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش كۇپايە، رەسمىي ماترىيال قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ).

سەھىپىلەر:ئۈزلىكسىز ئۆرلەش

قۇتبىلىك- يۈرەك سۆزۈم 2

2010-يىل 20-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

نىمىشقا ئىكىن بىلمەيمەن،ھەركۈنى ئۇيقىغا كۆز يۇمغان ۋاقتىمدا ئەتە چۇقۇم توربەتكە  ئىسىل مەزمۇندىن بىرنى يوللىسام بولاتتى دەپ خىيال قىلىمەن، يوللايىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى، قورساقتىكى ئوماچنىڭ ئەھۋالى دىگەندەكلەرنى ئويلاپ ئوخلاپ قالىمەن، نەچچە كۈنلەر بولدىكى تاڭ بۇنداق خىياللارنى قىلغىنى. نۇرغۇن قېتىم ۋاي نىمە كارىم خەق بىلەن، ئۆزۈمنى ئويلايچۇ ھازىرقى زاماندا كىم بىلەن كىمنىڭ كارى، بۇ  مىنىڭ ئۆگۈنۈش دەۋرىم ھەرگىز ئۆگۈتۈش دەۋرىم ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۆگەنگەنلەرنى خەقلەر توردىن تېپىپ ئۆگىنەلەيدىغان تۇرسا دەپ ئويلاپ قالىمەن، يەنە بىردەمدىن كىيىن تۇرۇپلا ياق بۇنداق بولسا بولمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماترىيال كۆرۈشكە، ئىزدىنىشكە ۋاقتى يوق، ئۈگەنگۈدەك شارائىتى يوق، ئۇلار مەن بىلگەن نەرسىلەرنى بىلمەسلىكى مومكىن، لىكىن مەن بىلگەن ئاشۇ كىچىككىنە بىلىملەر ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ۋاللىدا چاقناپ، ئۇلارنىڭ قىزقىشىنى قوزغاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ قالىمەن، كىم بىلىدۇ ئەتە نىمە ئىش بولىدۇ، بۈگۈن بارلار ئەتە يوق بولامدۇ… نەدىن ئوقۇدۇمكىن بىر يازغۇچىنىڭ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ”يازغۇچىللىرىمىزنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەردئىمىن ئۇستازدەك تاكاممۇللا يىتىشنى ساقلاپ تۇرماي تىزراق خەلىق ئۈچۈن بىر نەرسە يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن“ دىگەندەك مەنە بىردىغان بىر گىپىنى.ئەتراپىمغا قارىسام تۇنۇش بىلىشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى گەرچە كەسپىي ساھەدە خېلى بىر بىلىملەرنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ لىكىن ئۆيۈم،بالام…دىگەندەك تۇرمۇش ئىشلىرىنى دەپ قورساقتىكىنى يوللاشقا ۋاقىت چىقىرىپ بولالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەي مەنمۇ ئاشۇ غەمگە چۆكۈپ كىتەرمەنمۇ دەپ كىتىمەن.بەلكىم ئۇلارنىڭ ۋاقتى باردۇ؟ بەلكىم بىزنىڭ سۇئال سورىشىمىزنى كۈتۈپمۇ تۇرغاندۇ؟يەنە شۇنداق بىلىملىك كىشىللىرىمىزنىڭ ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بىز ئۈچۈن يوللاۋاتقان ئىسىل ئەسەرلىرنى ئوقۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن قانچىلىك، شۇلار شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىنى ئويلىماي خەلىقىنى ئويلاپ يېزىۋاتىدۇ، قورساقتىكىنى ئۆز ئىلىگە تۆكۈۋاتىدىغۇ، مەنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بىلگەنلىرىمنى يوللاي، ئەتە مەن بارمۇ يوق؟ دەپ ئويلاپ كىتىمەن.نۇرغۇن ئۇستازلىرىمىز بار ئىدى شۇنچە بىلىملىك، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى يازغانلىرىنى كۆرۈپ مەن تېخى ھىچنىمە ئۈگەنمەپتمەن دەپ قالىغان ئىدىم، ئۇلار ھازىر قېنى؟ نىمىشقا ئۇلارنىڭ يازمىللىرنى ئۇچرىتالمايمەن؟ بەلكىم تۇرمۇش ئۈچۈندۇر…ئويلىغانسىرى شەخسىيەتچىلىككە زورلاۋاتقان دۇنيا، خەقلەردىكى ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقى، كېچە قورقۇپ كەلمەيۋاتقان ئۇيقۇ، بىزدىكى كومپيۇتېر تەرەققىياتى، كۆزۈم كۆرۈپ تۇرىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق قاتتىق ۋە يۇمشاق دىتاللار، خەقلەرنىڭ بەك ئەقىللىق بوپ كىتىشى، تىرىشچانلىقى، ئەتراپىمدىكى بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ“كونترول بىلەن س نى باسسا كۆچۈرەمدۇ؟ ”دەپ سۇئال سوراشلىرى، قايسى توربەتكە كۆپ چىقىسەن دىسەم ”رېن رېن ”دىيىشلىرى، بىلىكنى بىلەمسەن،ئۇيغۇر ئاكادىمىيە تورىنى، مەرىپەت تورىنى بىلەمسەن دىسەم قاراپ تۇرغىنى، خەنزۇچە بىلمەيدىغان بىر تورداشنىڭ جاۋادا پىروگرامما تۈزۈشنى ئۈگەنمەكچى ئىدىم، تېلېفۇنغا پىروگرمما يېزىشنى ئۈگۈتۈپ قۇيۇڭ دەپ ياردەم سوراشلىرى…شۇنى ئۇنۇتساق بولمايدىكى بىزنى مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلەر بىلىمىنى خەلىقىدىن ئايىمىغان ”ئىلىمنىڭ زاكىتى“ نى توختىماي بەرگەن ئەزىزلىرىمىزدۇر، بۇ ئەزىزلەرنىڭ كۈتىدىغىنى ئىزىنى بېسىپ داۋاملاشتۇردىغان ”كىچىك ئەزىزلەر“ نىڭ چىقىشىدۇر، شۇڭا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇماي پارتىزان ھالەتتە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ تېخىمۇ بىر يۇقىرى بولغان قىزغىن كەيپىياتتا يېڭىچە تور ئۆگۈنۈش مۇھىتى يارتىشىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن.

سەھىپىلەر:ئۈزلىكسىز ئۆرلەش

قۇتبىلىك-يۈرەك سۆزلىرىم

2010-يىل 12-ئۆكتەبىر 2 ئىنكاس

بىلىشىمچە بىزنىڭ كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىللىرىنى بىلىشىمىز DOS مەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشلانغانغۇ دەيمەن،ئاندىن Windows نىڭ كۆزنەكلىك مەشغۇلات سىتېمىسى بىىلەن ئۇچراشتۇق، يېقىنقى ئۈچ -تۆت يىل مابەينىدە XP,Vista,Win7 دىگەندەك مەشغۇلات سىستېمىللىرىنى ئىشلىتىپ ئۆتتۇق،ئارلىقتا غەيرەتلىك ياشلىرىمىز ئۆزلىكىدىن ئۇيۇشۇپ Xpنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى، ئەمدىلا كومپيۇتېر چۈشەنچىسى شەكىللىنىۋاتقان، ئۇيغۇرتىلىدىن باشقا تىللارنى دىگەندەك بىلىپ كىتەلمىگەن نۇرغۇن كىشىللىرىمىز بۇلارنىڭ تارقاتقان سىستېمىسىدىن ئۆزىگە لايىق مەنپەئەتكە ئىرىشتى، يەنە ئوچۇق كودلۇق بولۇۋاتقان Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ بىر قىسىملىرىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئىشلىتىپ باققانلار تەۋىسيە قىلىشتى، يەنە بىر قىسىم ئوت يۈرەكلەر بۇنى تەرجىمە قىلىشقا ئاتلاندى، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغانلار ئارىمىزدا ئاستا-ئاستا كۆپەيمەكتە، كومپيۇتېر بىلىملىرىگە بولغان بىلىش دەرىجىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بەزىللىرىمىز Xp نى تاللىدۇق، بەزىللىرىمىز Ubuntu نى تاللاۋاتىمىز، بۇنى مىنىڭچە ئۇيغۇرلار ئارسىدا مودا بولىۋاتقان بىلوگ ئويناشقا ئوخشىتىشقا بولىشى مومكىن، دەسلەپ بىلوگ بىلەن تۇنۇشقانلار بىلوگسىپوت، بىلوگبۇس قاتارلىق بىلوگلارنى ئىشلەتتى، كىيىن PJ بىلوگقا كۆچتى، ئاندىن ۋوردپرېسكە كۆچۈشكە باشلىدى، دىمەكچى ئۇيغۇر بىلوگگىرلارنىڭ كومپيۇتېر بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ئۇلارنى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغان بىلوگ سىستېمىسىنىڭ بىرى بولغان ۋوردپرېس سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىمۇ كومپيۇتېر بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى شەرت قىلىدۇ، كومپيۇتېردا ئەمدى تىلى چىقىۋاتقان ئاجىزلىرىمىزغا Ubuntu ئىشلەت دىسەك قىينىلىپ قېلىشى مومكىن، تەرەققىيات ئاستا-ئاستا بولىدۇ، كومپيۇتېر بىلىمى ئېشىپ XP ھاجىتىدىن چىقالمىغانلارغا Xp نى زورلىغىلىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق كىشىللىرىمىز بىزنىڭ ئالدىمىزدا مېڭىپ بىزلەرگە يول ئاچىدۇ، بىز بۇيەردە Xpنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقانلارغا، Ubuntuنى تەرجىمە قىلىۋاتقان ۋە تەۋىسيە قىلۋاتقانلارغا، ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلارغا كۆپ رەخمەت ۋە تەشەككۈلەرنى ئېيتمىز.بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى تېڭشۇننىڭ تورمەشغۇلات سىستېمىسى توردا ئېچىۋىتىلدى، تورداشلار بۇنى كۆرۈپ بۇ سىستېمىدا تورمەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەندىزى شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتىشىتى. يەنە 10-ئاينىڭ 10- كۈنى يېڭىلاپ تارقىتىلغان Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىدا تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قىسمەن ئالاھىدىلىكىرىنىڭ قېتىلغانلىقى بايقالدى، يەنە گوگېل Chrome OS ناملىق تور مەشغۇلات سىستېمىسىنى توختىماستىن يېڭىلاپ تارقىتىۋاتىدۇ، گوگېلنىڭ ئاندرويىد مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Chrome OS نى ئىشلەپ تارقىتىشى ھەم تىز سۈرئەتتە يېڭىلىشى، يەنە IPV6 نىڭ قوللىنىشقا باشلانغانلىقى ئالدىمىزدا بىر ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىزنىڭ كومپيۇتېر تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنىڭ باشقا چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ئۆزگىرىپ كىتىدىغانلىقىنى،تەكلىماكاندا چوڭ بولىۋاتقان بىزلەرنىڭ تېخىمۇ تېرىشمىساق بولمايدىغان جاپالىق كۈنلەرگە قەدەم قويۇۋاتقانلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ.يىراق بولمىغان كەلگۈسىدىكى بۇ ئىنقىلاپنىڭ ئىسمىنى «بۇلۇت» ئىنقىلاۋى دەپ ئاتىلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، چۈنكى ئاندرويىد قاتارلىق كۆچمە ئۈسكىنە مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە Web OS نىڭ تەرەققى قىلىشى «بۇلۇت» ئۇقۇمىنى مەركەز  قىلىۋاتىدۇ، مەشغۇلات سىستېمىسى بۇرۇنقى قاتتىق دېسكىغا ئۇچۇر ساقلاشتىن تور مۇلازىمىتىرىغا ئۇچۇر ساقلاشقا، بارلىق شەخسى ئۇچۇر، ماترىياللارنىڭ تور مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە بولىشىغا يۈزلەنمەكتە، بۇنىڭ بىزگە بەرگەن مەنىسى شۇكى بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى كومپيۇتېر تەرەققىياتىمىزمۇ مۇشۇ «بۇلۇت» ۋە Web OS لارنى مەركەز قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.بىزدە كېمىنىڭ رولىنى تۇتقىدەك قۇدىرەت يوق، لىكىن بىزدە تىرىشىپ كىمىگە چىققۇدەك جاسارەت بار ، كومپيۇتېر دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمىي تەرەققىيات ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ تەسىر كۆرسىتىش بىزنىڭ مۇشۇ كىمىگە يىتىشىپ مېڭىش ماڭالماسلىقىمىزدا بوپ قالىدۇ. بۇخىل يېڭى تېخنىكىلارنىڭ يارتىلىشى بىزدىن مۇشۇ ساھەگە تىزدىن كىرىشىپ تۇرشىمىزنى، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشىمىزنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ، چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادتا، تېخنىكىدا بىرلىشىپ يېڭىلىق يارتىشى بىزدىن «خەقتىن ئىككى سائەت ئاز ئوخلاش» لازىملىقىمىزنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ.ئەمدى ئايىغى چىقىپ مېڭىشقا تەمشەلگەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىمىز بىزنىڭ قەۋىمدىكى چوڭ-كىچىك ، كەسپىي ۋە پارتىزان ئەزالىرىمىزنىڭ تېرىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىمىزمۇ ھەم مۇشۇ سۆيۈملۈك كىشىللىرىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ،«بۇلۇت ئىنقىلاۋى» بىزدىن ئىلگىركى ھەرقانداق بىر ۋاقىتا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تىز سۈرئەتتە ئۆگەنمىسەك ۋە ئۆگەتمىسەك بولمايدىغانلىقىمىزنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ، لىكىن مۇشۇنداق بىر پەيىتتە بىزدىكى، بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى «تەرەقىيات روھى» سۇسلاپ قالغاندەك بىلىنىۋاتىدۇ، بەلكىم كىشىللىرىمىزنىڭ كۆڭلى سۇنۇق بولىشى مومكىن،بۇنى ھەممىمىز چۈشىنىمىز، بۇ «مەۋھۇم دۇنيا» بىزنى رىيازەت چەكتۈردى، بىزلەرگە ئازاپلارنى ئېلىپ كەلدى، لىكىن بۇ سەۋەبلىك بىز  بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىش، تەتقىقاتلىرىمىزنى توختاتساق قەتئىي بولمايدۇ، توردا يۈرگەن ھەربىرىمىزگە ئايان، بىزدە شەكىللەنگەن قېيداش پىسخىكىسى بىزنى چۈشكۈنلەشتۈرسە چۈشكۈنلەشتۈردىكى ھەرگىز ئويغىتىپ ئۆگەن دىمەيدۇ، شۇڭا «كۆڭلى سۇنغان» تورداشلارنىڭ مائۇسنى قولىغا قايتا ئېلىشىنى كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىرىنى بىلمىگەنلەرگە ئۆگتىشىنى، كەسپىي ساھە ۋە ئۆزلىگىدىن تېرشىپ ئۇستازلىرىمىز قاتارىغا ئۆتكەن ئەزىزلىرىمىزنىڭ بىزگە باش بولۇپ بۇ ساھەدە قايتىدىن بىر ھاياتى ئۇرغۇش دەۋرىنىڭ كىلىشى ئۈچۈن مۇنازىرىلەرنى باش بوپ باشلىشىنى ئۆزىنىڭ دەۋىر ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرى ئالدىدىكى يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۆتىنىمەن.(مەزكۇر تېمىنى تورداشلارنىڭ توربەتلىرىدە ۋە بىلوگلىرىدا ئېلان قىلىپ قويىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن)

سەھىپىلەر:ئۈزلىكسىز ئۆرلەش

API ھەققىدە پاراڭ

2010-يىل 10-ئۆكتەبىر 2 ئىنكاس

بايرامدىن پايدىلىنىپ «تام ئاتلاپ» بىرقانچە ئىش قىلدىم، 1- [url=https://qutbilik.wordpress.com/]ۋوردپرېسس بىلوگىمغا[/url] يوللانغان ماقالىنى بىۋاستە تىۋىتىر ۋە فېيسبوكقا يوللىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم. 2-بىلوگسىپوتتىكى بىلوگىمغا بەلگىلەنگەن ئېلخەت ئادىرىسىغا ماقالە يوللاش ئارقىلىق تېما يوللىغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىۋالدىم. 3-يۇتۇبېدىكى فىلىم يوللاش بىتىمگە فىلىم چىقىرىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئېلخەت ئادىرىسىغا فىلىمنى يوللاش ئارقىلىقلا يۇتۇبېغا فىلىم يوللاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان قىلدىم. 4-يۇتۇبېغا يوللانغان ھەرقانداق فىلىمنى ئاپتوماتىك ھالدا تىۋىتېر ، فېيسبوك،بىلوگسىپوت ۋە گوگېل بۇز لارغا ھەمبەھىر بولىدىغان قىلىپ قويدۇم. 5-Flickr دىكى رەسىملىرىمنى گوگېل بۇزغا باغلاپ قويدۇم. 6-ئاندرويىد سەھنىسىدىكى ۋوردپرېسنىڭ ماقالە يوللايدىغان ئابونىت نۇسخىسىنى ئۆزلەشتۈردۈم. قىلغان مۇشۇ ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى بەت ئاچقۇچىلار قالدۇرۇپ قويغان ئېچىش ئېغىزى ئارقىلىق بولدى دەپ ئويلايمەن. چوڭ توربەتلەرنىڭ ئېچىش ئېغىزى تەمىنلىشى جەھەتتە بىر بىرىنى قوللىشى بەك ياخشى ئىكەن. ——————————————————— [url=http://www.bilik.biz/bbs/thread-22729-1-1.html]ئۇيغۇر بىكەتلىرى ۋە API ئېغىزى [/url]دىگەن تىمىدا ئەزالار مەركىزى قۇرۇشنىڭ گىپى بولۇپ ئۆتتى، مۇشۇ گوگېلنىڭ ئابونىت نۇمۇرىنى ئۆزىمىزنىڭ بەتلىرىدە ئىشلەيدىغان قىلىپ قويساق قانداق بولار؟ مەسىلەن : گوگېلنىڭ ئابونىت نۇمۇرى ئارقىلىق كىرىمىز، ئاندىن گوگېلنىڭ تەمىنلىگەن مۇلازىمەت دائىرسىدىكى لازىملىق مۇلازىمەتلەرنى تور بىتىمىزگە ئىشلىتىمىز، يوللىغان تېمىللىرىمىزدارەسىم ئىشلەتمەچى بولساق گوگېلنىڭ رەسىم مۇلازىمىتىدىكى رەسىمنى ئىشلىتىمىز، فىلىم ئىشلەتمەكچى بولساق گوگېلنىڭ فىلىم مۇلازىمىتىرى بولغان يۇتۇبېدىن ئادىرىسنى يۆتكەپ ئىشلىتىمىز،ھۆججەت ئىشلەتمەكچى بولساق گوگېل تەمىنلىگەن ھۆججەت مۇلازىمىتىرنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئىشلىتىمىز، توربەتلىرىمىزدە تۇرۇپلا گوگېلنىڭ ئېلخەت مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلەيمىز، يېڭى تىما يوللانغان ھامان ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىغا ھەمدە Gtalk قۇرالىغا ئۇچۇر بولۇپ ماڭىدىغان قىلىمىز، ئاشۇ ئەزانىڭ بىلوگسىپوتىغا تىما بولۇپ ماڭىدىغان قىلىمىز، ئەزالار «توردا بار» بوپ قالسا بىر كۇنۇپكىنى بېسىپلا گوگېلنىڭ Gtalk قۇرالىنى قوزغىتىپ ئانا تىلدا بەھۇزۇر پاراڭلىشالايمىز، Gtalk تىكى مەلۇم بىر ئابونىتقا( مەسىلەن [email]bilik@gmail.com[/email] دىگەندەك ) ماقالە ئېۋەتىش ئارقىلىق بىلىككە ماقالە يوللىغىنى بولىدىغان قىلىمىز، يەنە شۇ ئابونىتقا ئېلخەت ئېۋەتىش ئارقىلىق ماقالە يوللىغىنى بولىدىغان قىلىمىز، يوللىغان تېمىللىرىمىز گوگېل بۇز غا،فېيسبوكقا، تىۋىتېرگە ئاپتوماتىك ھەمبەھىر بولىدىغان قىلىمىز،(دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ماڭىمىز ;P ) بۇنداقتا نۇرغۇن كىشىلەرگە تەۋىسيە قىلىپ قويغىلى بولدۇ دە كۆرۈش مىقدارىنى ئاشۇرغىلى مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ماۋۇ ئېچىش ئېغىزى ھەققىدە قىلغان خىياللىرىم بەك فانتازىيە بوپ كەتمىگەندۇ ھە;P ؟ يېقىندىن بېرى خام خىيالنى كۆپ قىلدىغان بوپ قالدىم، ئەيىپكە بۇيرىماڭلار، بۇلارقىلغىنى بولمايدىغان ئىشلار ئەمەس دەپ ئويلايمەن، شۇڭا مۇشۇ ھەقتە بىر تېخنىكىلىق پاراڭلارنى قىلىشساق قانداق ؟
مەزكۇر تىمىنىڭ بىلىك توردكى ئادىرىسى :

سەھىپىلەر:ئۈزلىكسىز ئۆرلەش

تور باشقۇرۇش ھەققىدە ياردەم قىلىڭ

2010-يىل 1-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

بۈگۈن مەن بىر سۇئال ئېلىپ كەلدىم، بۇ سۇئالغا ئىنتايىن تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن جاۋاب تەلەپ قىلىمەن، دوستلارنىڭ بىلگەنلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پىراكتىكا سەۋەبلىك «交换机» نى باشقۇرۇشنى ئۈگەنمىسەم بولمايدىغان بولۇپ قالدى، مەكتىپىز خۇاۋېي نىڭ «交换机» چىسىنى ئىشلىتىدۇ، بۇلارنى تور باشقۇرۇش مەركىزىدە تۇرۇپ باشقۇرىمىز، باشقۇرۇش جەريانىدىكى نۇرغۇنلىغان بۇيرۇقلارنى چۈشىنىپ كىتەلمىدىم، قانداق ئىشلىتىشنىمۇ ئېنىق بىلىپ بولالمىدىم، مەسىلەن: 交换机 گە ئىسىم قۇيۇش ، ئابونىت ۋە پارول  بىكىتىش، ئابونىتنىڭ دەرىجىسىنى بىكىتىش ،مەۋھۇم قىسمى تور قۇرۇش، ئۇنڭغا  ئېغىز(端口) نى قېتىش، ئېغىز(端口)غا IPبىكىتىش، ipنى ئېغىزغا باغلاش،يىشىش، كومپيۇتېر ئۇلانغان ئۇلانمىغانلىقنى تەكشۈرۈش، ئېغىزغا Mac ئادىرىسىنى باغلاش،يىشىش، 交换机 نىڭ ئۆزىگە يىراقتىن تىزىملىتىپ كىرگەندە ئىشلىتىلىدىغان IP نى بىكىتىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ روتېر ئىشلەتكەن ئىشلەتمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش،ھەرقايسى 交换机 لارنىڭ ئۇلىنىش مۇناسىۋىتى ۋە پىرىنسىپى…
ئۇشبۇ مەزمۇنلارنى خەنزۇچە توردىن ئىزدەپ تېپىپ ماترىيال كۆرۈپ ئۆگەنگىلى بولىدۇ، لىكىن ۋاقىت ، زىھنى خوراش ۋە ئۈنۈم جەھەتتە يەنىللا ئانا تىلدا قىلغان تەپەككۇرغا يەتمەيدۇ.
شۇڭا ئىلگىرى مۇشۇ ساھەدە ئىزدەنگەن، خىزمەت قىلغان قېرىنداشلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن تەجىربىللىرىگە ماسلاشتۇرۇپ تەپسىلى چۈشەنچە بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەھىپىلەر:ئۈزلىكسىز ئۆرلەش

Twitter & facebook & Google Buzz

2010-يىل 1-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ساق سالامەتمۇ سىلەر؟ بۈگۈن ھازىرقى تور دۇنياسىدىكى ئەڭ مودا ئېقىم بولۇۋاتقان  بىر قانچە توربەت ھەققىدە بىر مۇنازىرە باشلاپ باقاي دەپ مەزكۇر تىمىنى يوللىشىم.
facebook نى كۆرگەن جوڭگۇلۇقلار دەرھال «مەكتەپ ئىچى تورى(خەنزۇچە ئىسمى校内网 كىيىن 人人网 غا ئۆزگەرتىلگەن)» نى ياساپ تەييار قىلدى، بۇ خىل پىروگرامما ئالاقىگە ۋە ئۇچۇر ھەمبەھىرلەشكە ئىنتايىن قۇلايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشتى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئارسىدا ئىنتايىن مودا بولدى، ئىسىمى 人人网 غا ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ئابونىت قۇبۇل قىلىش دائىرىسىنى پۈتۈن جەمئىيەتكە كىڭەيتتى. تەرەققىياتىمۇ خلى يامان ئەمەس بولىۋتىدۇ.
facebook تىن كىيىنلا پەيدا بولغان   Twitter مۇ جوڭگۇدا مودا بولغىلى تۇردى، تېڭشۇندىن تارتىپ ۋاڭيى تورىغىچە سىنادىن بەيدۇغىچە ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ Twitter تۈرىدىكى مىكرو بىلوگ سىستېمىسىنى ئوتتۇرغا چىقاردى،ھەم بۇلارنىڭ تېلېفۇن نۇسخسىنى چىقاردى .بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق تىز سۈرەتتە مىكرو بىلوگ سىستېمىسىنى چىقارغىنغا قارىغاندا Twitter تۈردىكى توربەتلەرنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنگەندەك تۇرىدۇ.
گوگېل تورىنىڭ قاچان Buzz  نى يولغا قويغانلىقىنى بىلمىدىم، لىكىن بۇمۇ Twitter  تۈردىكى مىكرو بىلوگنىڭ بىرسى ئىكەن، Twitter  قارىغاندا يوللىغان ئۇچۇرغا نىسپەتەن خەت سانى چەكلىمىى يوقتەك ھىس قىلدىم.
ئۇيغۇرچىنى قوللاش نوقتىسىدىن خەلىقئاردىكى شىركەتلەرنىڭ كاللىسدا ئەركىن تەرەققى قىلىش ئۇقۇمى جوڭگۇدىكى بەزى شىركەتلەرگە قارىغاندا كۆپ ياخشى بولغاچقا مەن خەلىقئارالىق توربەتلەرنى جىق ياخشى كۆردۈم، مەسىلەن گوگېلنىڭ Buzzنى مىسالغا ئالسام ئۇيغۇرچە ھەرىپنى كىرگۈزۈپ بولغىچە كىرگۈزۈش ئورنىنىڭ يېزىق كىرگۈزۈش شەكلى ئوڭدىن سولغا ئاپتوماتىك ئۆزگىرىپ بولدى، بۇنىداق ئىشلارنى ئويلاشقا تېڭشۇن قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ كاللىسى مەڭگۈ يەتمەيدىغاندەك…
ئىشىكنى يېرىم تاقاپ تەرەققى قىلۋاتقان جوڭگۇ تورچىلىقىغا نىسپەتەن، مۇشۇ جوڭگۇ تورچىلىقىنىڭ بىرقىسمى بولغان ئويغۇر تورچىلىقىنىڭ بۇ خىل Twitter تۈرىدىكى توربەتلەرگە ئىھتىياجىنىڭ  بار يوقلىقىنى، ئۇيغۇرچە جەمئىيەت خاراكتىرلىك مۇشۇنداق توربەتلەرنى قۇرۇش ئىمكانىيىتىمىز بار يوقلىقىنى مۇنازىرىلەشكەچ ، جوڭگۇ تەۋەسىدە نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان گوگېلنىڭ Buzzمۇلازىمىتى ئارقىلىق Twitter ،facebook  قاتارلىق توربەتلەرگە ماس قەدەمدە ئۇچۇر يوللاش ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىپ باقساق.
ئۇيغۇر توربەتلىرىنى كۆرۈش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى بىزدە تۇنجى بولۇپ Twitter تۈردىكى ئۇيغۇرچە مىكرو بىلوگ ئىشلىتىۋاتقان كىشى تەدبىركار ئەپەندىدەك تۇرىدۇ، بەلكىم  باشقىلارمۇ باردۇ، مۇشۇنداق مىكرو بىلوگ ئىشلىتىپ باققان ياكى تەرجىمە قىلىش،تەتقىق قىلىش جەريانىدا مىكرو بىلوگنىڭ بىزگە كىرەكلىك ئارتۇقچىلىقىنى بايقىغان تورداشلارنىڭ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
تەدبىركار ئەپەندىنىڭ مىكرو بىلوگى

سەھىپىلەر:ئۈزلىكسىز ئۆرلەش

سىمسىز تورغا چىقىش ئۇسۇللىرى

2010-يىل 1-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەممىڭلار ساق سالامەت تۇردىڭلارمۇ ؟ ھەممىڭلارغا سالامەتچىلىك تىنىچ ئاسايىشلىق بولغاي…
ھازىر سىمسىز تورغا چىقىش ھىچقانچە يېڭىلىق ھىسابلانمايدۇ، دوستلارنىڭ كۆپىنچىسى تېلېفۇندا تورغا چىقىپ چ چ ئويناشنى بىلىدۇ، سىمسىز  تورغا چىقىشنىڭ مەن بىلىدىغان بىرقانچە ئۇسۇلى ۋە بىلەلمەيۋاتقان بىر ئۇسۇلى بار بولۇپ ھازىر  تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى مەن .
1- بىۋاستە تورغا چىقىش
بۇنىڭ تور مەنبەسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى(بىرلەشمە،كۆچمە،تېلگىراف)
تور مۇلازىمەت ۋاستىسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى تارقاتقان سىمسىز تېلېفۇن سىگنالى.
بۇ خىل تورغا چىقىشتا سىز تور مۇلازىمەت شىركەتلىرىگە ئېقىم ھەققى تۈلەيسىز، تور سۈرئىتىنىڭ ئاستا تىزلىقىنى تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى تەمىنلىگەن تېخنىكا ۋە مۇشۇ تېخنىكىنى قوللايدىغان تېلېفۇن ۋە كومپيۇتېرلار  بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مىسال ئالساق تېخنىكا جەھەتتىن ئىلگىرىكى قول تېلېفۇنلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقان كارتىسى  G2 كارتا بولۇپ سۈرئىتى ھازىرقى چىققان G3 كارتىلارغا  قارىغاندا ئاستا ، تېلېفۇن جەھەتتىن G3 تېلېفۇنغا G2 كارتا سالسىڭىز سۈرئەت ئاستا بولىدۇ،G3 كارتا سالسىڭىز سۈرئەت تىز بولىدۇ.(سۈرئەت ئەلۋەتتە نىسپى بولىدۇ).
2-قول تېلېفۇننى ۋاستە قىلىپ چىقىش
بۇخىل ئۇسۇل قول تېلېفۇن تارقاتقان سىمسىز سىگنال، ياكى يوللىغان سىملىق سىگنال ئۇچۇرى ئارقىلىق ياندىكى باشقا ئۈسكىنىلەرنى تورغا ئۇلاش ئۇسۇلىدۇر.
بۇنىڭ بىرقانچە خىل شەكلى بار،
مەسىلەن :
A تېلېفۇن تارقاتقان ”كۆكچىش سىگنالى“ نى كۆك چىش سىگنالىنى قۇبۇل قىلىپ پايدىلىنالايدىغان خاتىرە كومپيۇتېرغا يوللاش ئارقىلىق خاتىرە كومپيۇتېرنى تورغا ئۇلاش.
B  تېلېفۇن تارقاتقان WIFI سىگنالى ئارقىلىق WIFI كارتىسى بار كومپيۇتېرلاردا ۋە ئۈسكىنىلەردە تورغا چىقىش
C  تېلېفۇن تەمىنلىگەن تور سىگنالىنى يوللىغۇچى ئۇچۇر سىمى ئارقىلىق كومپيۇتېر ۋە باشقا ئۈسكىنىلەردە تورغا چىقىش
D
E…
دىگەندەك بىرقانچە خىل ئۇسۇلى بار، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى قول تېلېفۇننى ئىككىلەمچى مۇلازىمەت مەنبەسى قىلغان.
بۇنىڭ تور مەنبەسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى(بىرلەشمە،كۆچمە،تېلگىراف)
تور مۇلازىمەت ۋاستىسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى تەمىنلىگەن سىمسىز سىگنال
بۇخىل تورغا چىقىشتا تېلېفۇننىڭ تور ئېقىمىغا ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن پۇل تاپشۇرىلىدۇ.
3- روتېرنى ۋاستە قىلىپ چىقىش
ھازىر يېڭىدىن چىقىۋاتقان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىدە WIFIدەيدىغان سىمىز تورغا ئۇلاش كارتىسى بار بولۇپ، بۇ كارتا ئىككى ئۈچ يىللار مابەينىدە بازارغا چىقىۋاتقان خاتىرە كومپيۇتېرلاردىمۇ بار، بۇكارتا بار بولغان ئۈسكىنىلەردە سىز سىمسىز سىگنال بار ئورۇنغا بېرىپ تورغا كىرەلەيسىز.
بۇنىڭغا چۇقۇم بىر سىگنال مەنبەسى بولىشى كىرەك، ئۇمەنبەنى ئۆزىڭىز قۇرسىڭىزمۇ ياكى باشقىلار قۇرۇپ قويغان مەنبەنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ناۋادا ئۆزىڭىز قۇرماقچى بولسىڭىز سىز دە بىر سىمسىز روتېر بولىشى كىرەك.
سىمسىز روتېردىن بىرنى ئېلىپ تەڭشەپ سىمىسز سىگنال تارقىتىدىغان قىلىپ قول تېلېفۇن ياكى خاتىرە كومپيۇتېرلاردا بىمالال سىمسىز تورغا چىقىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭ تور مەنبەسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى(بىرلەشمە،كۆچمە،تېلگىراف)
تور مۇلازىمەت ۋاستىسى: تور مۇلازىمەت شىركەتلىرى تەمىنلىگەن سىم
بۇ خىل تورغا چىقىشتا روتېر ئىككىلەمچى سىگنال تەمىنلىگۈچى مەنبەگە ئايلىنىدۇ.
بىرىنجى،ئىككىنجى ئۇسۇلدا ئالاقە شىركەتلىرى تارقاتقان سىگنالنى بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق قۇبۇل قىلىپ چىقىسىز، بۇخىل ئۇسۇلدا سىملىق مۇلازىمەتنى سىمسىز مۇلازىمەتكە ئايلاندۇرۇپ تورغا چىقىسىز .
4- خاتىرە كومپيۇتېرنى ۋاستە قىلىپ تورغا چىقىش
بۇخىل ئۇسۇل ئۆيدە بىرتال تورسىمى بار  ھەمدە روتېر يوق ، لىكىن ئىككىدىن ئارتۇق خاتىرە كومپيۇتېر بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئەسقاتىدۇ.
يەنى سىز ئاۋال بىرىنجى خاتىرە كومپيۇتېرنى تورغا نورمال ئۇلايسىز ئاندىن ئۇنىڭ تور كارتىسىنى ھەمبەھىرلەيسزى، ئۇندىن كىيىن سىمسىز كارتىسىغا نىسپەتەن Ad_Hocمەشغۇلاتى ئېلىپ بارىسىز، شۇنى بىلەن سىزنىڭ بىرىنجى كومپيۇتېرىڭىز سىمسىز روتېرغا ئايلىنىدۇ، ئەتراپقا سىمسىز سىگنال تارقىتىدۇ. مۇشۇ سىگنالنى ئىككنجى كومپيۇتېر قۇبۇللاپ تورغا چىقىدۇ، ئىككىنچى كومپيۇتېرنىڭ IPسىنى ئاپتوماتىك تاپىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسىلا بولىدۇ.(سىمسىز كارتىدا IPبولسا ئۆچۈرۋىتىڭ).
بۇخىل ئۇسۇلنىڭ شەرتى بىرىنجى كومپيۇتېر چۇقۇپ تورغا ئۇلاقلىق ھالەتتە بۇلىشى كىرەك.

سەھىپىلەر:ئۈزلىكسىز ئۆرلەش