ئارخىپ

Archive for the ‘پروگرامما تۈزۈش’ Category

تۇنجى ئاندرويىد تېلېفۇن

2010-يىل 31-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

 

تۇنجى ئاندرويىد  تېلېفۇن

 

گوگېل شىركىتى ئاندرويىد شىركىتى سېتىۋېلىپ ئاندرويىد سىستېمىسىنى ياساپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن تەيۋەندىكى HTCشىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۇنجى ئاندرويىد تېلېفۇن G1 نى بازارغا سالدى،تېلېفوننىڭ سىستېمىسى گوگېلنىڭ قاتتىق دېتاللىرىHTC نىڭ بولغاچقا بىرقانچە خىل ئىسىم بىلەن ئاتالدى.

 

مەسىلەن : G1، HTC G1 ، HTCDreamG1، GoogleDream ،Gphone قاتارلىقلار .

 

مەيلى قانداق ئاتىمايلى بۇ بىر يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەقلى  تېلېفۇن ،بۇ  تېلېفۇنغا 528MHz لىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، 256 مىگابايىتلىق ROM ۋە 192 لىق Ram ئىشلىتىلگەن .كۆپ ۋاسىتە ساقلىغۇچنى قوللايدۇ.ئېكرانى 3.2 لىك چوڭ سىزىمچان ئېكران ،تېلىكامىراسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجسى 320 مىڭ ،تۇلۇق ئىقتىدارلىق كونۇپكا تاختىسى ئىشلىتىلگەن ،كۆك چىش ،ۋايفاي قاتارلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرغۇچى ئۈسكۈنىلەر بېكىتىلگەن ،سىمسىز تور مۇھىتى بار شارائىتتا ھەقسىز تورغا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 

يۇمشاق دېتال جەھەتتە مۇزىكا قويغۇچ ،فىلىم قويغۇچ ،يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى…قاتارلىق دېتاللار تەمىنلەنگەن، ئۈچىنچى تەرەپ دېتالى ئارقىلىق ئىقتىدارىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ.

 

ھازىرقى توردىكى باھاسى 1800 سوم ئالدى كەينىدە .

 

ئۈرۈمچىدىكى جوڭسەن  تېلېفۇن بازىرىغا بارسىڭىز ئىككىنچى قول    تېلېفۇنىنى مىڭ سوملار ئەتراپىدا ئالالايسىز.

 

ئارتۇقچىلىقى :باشقا ئاندرويىد  تېلېفۇنلارغا سېلىشتۇرغاندا باھا جەھەتتە ئەرزان ،توردا ئۈچىنچى تەرەپ يېڭىلاش بولاقلىرى كۆپ ، پۈتۈن ئىقتىدارلىق كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىتىلگەن بولغاچقا دەسلەپكى ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كەلگەن.

 

كەمچىلىكى: كۆرۈنىشى سەل سەترەك قىزلار ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.

 

ئۆلچەملىك تېڭشىغۇچ ئېغىزى ئىشلىتىلمىگەن ئەسلى زاۋۇت تەمىنلىگەن تىڭشىغۇچنى بۇزۇپ قويسىڭىز ئاۋارىچىلىق ،ئەسلى زاۋۇت تەمىنلىگەن تىڭشىغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ سەل قوپال ،چوڭراق لاھىيلەنگەن. ئېكران چوڭ بولغاچقا توك سەرپىياتى يۇقىرى. ۋايفاي قاتارلىق تور ئالاقە ئۈسكىنىسى ئۇچۇق شارائىتتا توك تېخىمۇ تىز خوراپ كېتىدۇ.

 

سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :تەيۋەندە ئوخشىتىپ ياسالغان نەشرى كۆپ دىققەت قىلمىسىڭىز ئالدىنىپ قالىسىز

 

سەھىپىلەر:پروگرامما تۈزۈش

ئاندرويىد سىستېمىسى دىگەن نىمە ؟

2010-يىل 31-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

 

Android بولسا گوگېل شىركىتى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان لىنۇكىس مۇھىتىدىكى ئوچۇق كودلۇق قول تېلېفۇن مەشغۇلات سىتېمىسىنىڭ ئىسمى ،بۇ سىستېمىنى خەنزۇلار 安致 ياكى  安卓 دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ .ئېنگلىزچە بولسا Android دەپ ئىشلىتىدىكەن، بۇنى ئوقۇپ باقساق ئاندرويىد دىگەن گەپ بولىدىكەن شۇڭا مەنمۇ ئاندرويىد دەپ ئالدىم ،نىمىشقا ئاندروئىد دېمەيمىز دېگۈچىلەر بولسا چىرايلىق مۇنازىرلەشسەك بولىدۇ.

 

بۇ سىستېما مەشغۇلات سىستېمىسى ،ئوتتۇرا بۆلەك ،ئابونىت كۆرۈنمە يۈزى ۋە قوللىنىشلچان دېتال قىسمىدىن تەركىپ تاپقان . ئۇ قەۋەتسىمان (Software Stack)قۇرۇلما ئىشلەتكەن ،ئاساسلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان.

 

ئاستىنقى قىسمى :لىنۇكىس يادرو خىزمىتىنى ئاساس قىلغان قىسم  C  تىلىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان، ئەڭ ئاساسىي بولغان ئىقتىدارلارنى تەمىنلەپ بېرىدۇ.

 

ئوتتۇرا قىسىم :فۇنكىسىيە ئامبىرى(Library)،مەۋھۇم ماشىنا(Virtual Machine) قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان ،C++ تىلىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان.

 

ئەڭ ئۈستۈنكى قىسمى ھەرخىل قوللىنىلىشچان دېتاللاردىن تەركىپ تاپقان .

 

مەسىلەن :پاراڭلىشىش پروگراممىسى،قىسقا ئۇچۇر پروگراممىسى ھەرخىل قوللىنىلىشچان دېتال قاتارلىقلار ،بۇ قىسىملارنى ھەرقايسى شىركەتلەر ئۆزئالدىغا ئاچسا بولىدۇ. ئاساسلىق Java ئارقىلىق يېزىلغان.

 

ھەرقانداق بىر شىركەت ھەرقانداق بىر شەخس ئۆزئالدىغا ئاچسا بولىدىغان ھىچ قانداق نەشرى ھوقۇق تەلەپ قىلمايدىغان قىسمى.

 

ئاندرويىد بولسا گوگېل شىركىتىنىڭ كەسپىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنىڭ بىرى.“ھەرقانداق ئورۇندا،ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن ئۇچۇر تەمىنلەش“نى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كەسپىي نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن يەرشارىدىكى تۈمەنلىگەن كۆچمە تېلېفۇن ئابونتلىرى ھازىر ھەرخىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلفۇنلارنى ئىشلەتمەكتە .

 

گوگېلنىڭ مەقسىتى بولسا ئالاقە ساھەسىنى ھېچقانداق ئۈسكىنىگە تايانمايدىغان ھەتتا مەلۇم بىر مۇھىتقىمۇ(平台)بېقىنىپ قالمايدىغان قىلماقچى. ئاندرويىد بۇ مەقسەتنىڭ بىر قىسمى خالاس ئەمما ھەرگىزمۇ گوگېلنىڭ  ئۇزاق مەزگىللىك كۆچمە ئالاقە ئىستىراتىگىيسىنىڭ ئۆزى ئەمەس .

 

ئۆلچەملىك تەرجىمىسىنى ساقلاپ قالغان يېڭى ئاتالغۇلار:

 

 

 

Android

平台

虚拟机Virtual Machine

Software Stack   堆层

 

سەھىپىلەر:پروگرامما تۈزۈش

بىلىك ماشىنا ئادىمى بىلەن پاراڭلىشىڭ

2010-يىل 15-ئۆكتەبىر بىر ئىنكاس

بىلىك ماشىنا ئادىمى بىلەن پاراڭلىشىڭ

بۇندىن ئىلگىرىكى تېمىللىرىمدا ئاساسەن توربەت ۋە قوللىنىلىشچان پىروگراممىلارنىڭ ئۈچۈنچى تەرەپ ئېغىزىدىن پايدىلىنىپ بىرەر پىروگرامما ياساش توغرىسىدا توختىلىپ كەلدىم، بۈگۈن  ئاشۇ تېمىللىرىمنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بىلىكنىڭ ماشىنا ئادىمىنى ئېلىپ كەلدىم.
دوستلار بەلكىم چ چ نىڭ ماشىنا ئادەم پىروگراممىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باققان بولىشى مومكىن، مىنى ياسىغىنىم گوگېلنىڭ پاراڭلىشىش دىتالىنىڭ ماشىنا ئادىمى.
ئىسمى :bilikrobot
ئادىرىسى: bilikrobot@gmail.com
سىز بۇ ئادىرىسنى گوگېلنىڭ پاراڭلىشى دىتالى ئارقىلىق پاراڭغا تەكلىپ قىلىڭ ئاندىن خەت يېزىڭ، بۇ ماشىنا ئادەم سىز بىلەن پاراڭلىشىنى باشلايدۇ.
مەسىلەن تۈۋەندىكىدەك:


بۇ بىر ئاددىي بولغان پىروگرمما خالاس، لىكىن بىز بۇنى تەرەققى قىلدۈرساق بولىدۇ.
بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس بىر توربەت ياكى بىلوگنىڭ ماشىنا ئادىمىنى ياسىۋالغىلى بولىدۇ، ئۇ ماشىنا ئادەمدىن يېڭى تېمىلارنى، كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلارنى سوراپ كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە ئۇلارغا ئىنكاس يازغىلىلىمۇ بولىدۇ. يېڭى تىما يوللىغاندا يېڭى تېما يوللانغانلىقىنى ئۇقتۇرغىلى بولىدۇ، ھازىرقى ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىدە گوگېلنىڭ پاراڭ دىتالى بار، ئۇ دىتال ھەرۋاقىت ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ، دىمەكچى سىزنىڭ ماشىنا ئادىمىڭىز تور بىتىڭىزگە ماقالە يوللانغان ھامان، بارلىق ئابونىتلىرىڭىزغا ئۇچۇر بىرىدۇ دىگەن گەپ.
مەن ئالدىنقى يازمامدا گوگېلنىڭ پاراڭلىشىش دىتالى ئارقىلىق بىلىككە ماقالە يوللاش، يوللانغان ماقالىلەرنى بىكەت ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىش ئىمكانىىتىنىڭ بارلىقىنى لىكىن بىزنىڭ تا ھازىغىچە پايدىلىنىپ كىتەلمىگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ ئۆتكەن.
ماۋۇ كىچىك مىسال ئارقىلىق پىروگرامملىرىمىزنىڭ كاللىسى ئېچىلىپ قىزىقىشى قوزغۇلۇپ ئاشۇنداق بىر پىروگراممىنى يېزىپ چىقسا، بىز ھەممىمىز خوش بولاتتۇق، ئاشۇنداق ئۈمىد ۋە ئىشەنچىلەر بىلەن بۇ كىچىك پىروگراممىنى تور ئەھلىگە ئېلىپ كەلدىم، دوستلارنىڭ بۇ پىروگراممىنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە بۇ توغرىسىدا ئويلىغان خىياللىرىنى ئېيتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئىلگىرى يوللىغان تېمىلار :
ئۇيغۇر بىكەتلىرى ۋە API ئېغىزى
API ئېغىزى ھەققىدە پاراڭ
تىۋىتېر، فېيسبوك ۋە گوگېل بۇز
يۈرەك سۆزلىرىم (Web OS ھەققىدە)

سەھىپىلەر:پروگرامما تۈزۈش

ئاندرويىدتىكى ۋوردپرېس دىتالى

2010-يىل 10-ئۆكتەبىر 3 ئىنكاس

بۇنى بايرامدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتىم ، كۆرۈپ باھا بەرگەيسىز.

سەھىپىلەر:پروگرامما تۈزۈش

ئاندرويىد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە

2010-يىل 1-ئۆكتەبىر 7 ئىنكاس

ئاندرويىد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە

(قۇتبىلىك)

(تۆۋەندە ئاندرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفونلار ئاندرويىد تېلېفۇن دەپ ئېلىنىدۇ،ئاندرويىد سىستېمىسى ھەققىدە بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كىرىپ كۆرۈڭ، تۇنجى ئاندرويىد تېلېفۇننى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ).
ئايفون بولسا ئالما شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئالما MAC سىستېمىسىنى يادرو قىلغان،يېپىق كودلۇق   ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن.
موبايىل تېلېفونى بولسا مىكروسوفت شىركىتى بازارغا سالغان Windows سىستېمىسىنى يادرو قىلغان يېپىق كودلۇق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇن .
بۇ ئىككى خىل تېلېفۇن  كۆپچىلىككە ئاساسەن تۇنۇش ،بۇھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق .
بۈگۈن باش تىما بولىدىغان  ”ئاندرويىد تېلېفۇن“  گوگېل شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئاندرويىد سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفۇنلارنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان ماركىدا ،ئوخشاش بولمىغان باھادا نۇرغۇنلىغان تىپلىرى بازارغا سېلىندى.
مەسىلەن: HTC ، Motrolla،联想، LG ،Samsung قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ھەرخىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلېفۇنلىرى.
يۇقىرىدىكى ئاندرويىد سىستېمىسى ھەققىدە دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك بۇ سىستېما ئوچۇق كودلۇق سىستېما بولۇپ شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ گوگېلنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېلشىملىرىگە بويسۇنغان ئاساستا  ئۆزگەرتسە تەرەققى قىلدۇرسا بولىدۇ.
شۇ سەۋەپتىن ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردا مۇنبەر قۇرۇش مودا بوپ كەتكەندەك ھازىر ھەرقايسى تېلېفۇن  شېركەتلىرىدە ئاندرويىد تېلېفۇن  ئىشلەپچىقىرىش مودا بوپ كەتتى .
ئۇچۇق كودلۇق بولغانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن شىركەتلەر سىستېما ئەسلى كودىنى گوگېلنىڭ تور بىكىتىدىن چۈشۈپ مۇناسىۋەتلىك قىسىملارنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ،ئۆزىنىڭ تېلېفۇنلىرىغا قاچىلاپ بازارلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا باشلىدى ،(توردا كۆرسىتىلىشىچە مۇنداق قىلغاندا 15پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكىچە بولغان سېلىنمىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن).
مەيلى قايسى شىركەتنىڭ قايسى خىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلېفۇنى بولىدىكەن ئۇ گوگېل شىركىتى تەمىنلىگەن كود ئاساسىدا ئۆزگەرتېلگەن بولغاچقا (يادروسى،مەنبەسى بىر بولغاچقا)بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرچە ئاندرويىد تېلېفۇن  دەپ ئاتاپ تۇردۇق.
ئاندرويىد تېلېفۇن  قولۇمغا چۈشكەن ھامان تۇنجى قىلغان ئىشىم ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان تېكىست ھۆججىتىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىش بولدى ،نەتىجە شۇكى كاتەك كاتەك بىر نەرسىلەر كۆرۈندى،ئىككىنچى بولۇپ تېلېفۇننىڭ تور كەسپىنى ئېچىپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆرۈش بولدى ،نەتىجە شۇكى كاتەك كاتەك …
توردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تېلېفۇننىڭ خەت نۇسخا ئامبىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم،يەنە ئەڭ ئالى ھوقۇق لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلدىم ،كۆرگەن بىلگەنلىرىم بويىچە سىناش ئارقىلىق توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇر يانفۇن خەت نۇسخىسىنى تېلېفۇننىڭ خەت نۇسخا ئامبىرىغا قاپلاپ كۆچۈرۈپ ،ئاندىن قايتا قوزغىتىپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆردۈم ،خۇداغا شۈكرى ھەر ھالدا ھەرپلەر بولسىمۇ نورمال كۆرۈندى ،لېكىن ھەرپلەر ئۈزۈك –ئۈزۈك ھالەتتە ئىدى ،خەت يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا بولۇپ ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى سولدىن ئوڭغا قوشۇپ ئوقۇسا ئاندىن بىلگىلى بولاتتى ،قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئەلۋەتتە داۋاملىق ئىزدىنىش كېرەك .
توردىن ماتېرىيال كۆرۈش ،ئىزدىنىش ئارقىلىق ئوڭدىن سولغا ئۇلاپ يېزىلىدىغان خەت بىلەن سولدىن ئوڭغا ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان خەتلەرنىڭ سىستېمىدىكى ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتىم ،ئىنگلىزلار بولامدۇ،خەنزۇلار بولامدۇ ئۇلار پروگرامما تۈزگەندە ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان شەكىلنى ئىشلىتىدىكەن ،بىزدەك ئەرەبچە يېزىق تۈرىدىكى ئۇلانما يېزىق ئىشلىتىدىغانلار بىلەن بولغان پەرقى بىرتال كىچىك بوشلۇق ئىكەن ،يەنى ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان خەتلەر يېزىلغاندا ھەربىر ھەرپتىن كىيىن بىر كىچىك بوشلۇق ئاپتوماتىك قۇيۇلۇپ ماڭىدىكەن .
ئەگەر مۇشۇ قويۇلىدىغان بوشلۇققا شەرت بېرىپ ئەرەبچە يېزىقلار ئائىلىسىدىكى ھەرپلەر بېسىلغاندا ئاپتوماتىك قويۇلمايدىغان قىلىپ قويسا بىزنىڭ يېزىقىمىزمۇ ئۇلىنىدىغان بولىدىكەندە …  مۇشۇ خىياللار بىلەن سىستېما ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى بىردىن بىردىن تەكشۈرۈشكە باشلىدىم ،لېكىن ھەممىسى بىرخىل بولاق شەكلىدە ئىدى،بۇ سىستېمىنىڭ ھۆججەت قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر پرېسلانغان ھۆججەت شەكلى ئىكەنلىكىنى ۋىنرار قاتارلىق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ يەشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم .
ئىلگىرىلەش بەك ئاستا بولۇۋاتاتتى ،بارلىق ھۆججەتلەرنى دېگۈدەك يېشىپ كۆردۈم ،كۆپىنچىسىنىڭ ئىچىدە پاروللانغان XMLھۆججىتى بار بولۇپ بۇنى ئادەتتىكى ئۇسۇلدا ئېچىپ كۆرگىلى بولمايدىكەن ،يەنە ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ نىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلاردا كۆرەلەيدىغان بولدۇم ،لېكىن بۇ يېتەرلىك بولمىدى،مەن كۆرگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى قوللېنىلىشچان دىتاللار قىسمى بولۇپ چىقتى ،يەنە بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا باشقا ئىچكى قىسىم ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدىم ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى يېزىق شەكلىنى كونترول قىلىدىغان ھۆججەتنى تېپىپ چىقتىم ،ئىچكى قىسمىدىكى ساپ پروگرامما كودى بولۇپ بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك ئىدى،قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ نېمىدە ئۆزگەرتىش كېرەك ؟
قىزىقىش بولغان ئىكەن داۋاملىق ئىزدىنىش بولىدۇ ،توختىماي ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇمۇ ھەل بولدى .(خۇداغا شۈكرى)
ھۆججەتنى يېشىش ،ئىچىدىكىنى يەنە يېشىش ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى يەنە يېشىش …ئۇنى ئۆزگەرتىش ،ئاندىن قايتا بولاقلاش ،بۇنى يەنە بولاقلاش …ئاندىن بولاقنى قاپلاپ كۆچۈرۈش ،سىستېمىنى قايتا قاچىلاش …دىگەندەك نۇرغۇن جەريانلاردىن كىيىن تېلېفۇننى قوزغىتىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى كۆردۈم ،يائاللا ئاخىرى ئۇلىشىپ چىققان ساپ ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم .
بولدى ،بىرىنجى قىلدىغان ئىش تاماملاندى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،ئىككىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش يەرلىكلەشتۈرۈش .
دىتالدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كۆردۈم ،ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ،ئاندرويىد تېلېفۇندا ئۇيغۇرچە دىتال ئىشلىتىش ھەقىقەتەن ھۇزۇر بىلىندى.
خوپ بۇمۇ ھەل بولدى ئەمدىچۇ ؟ ئەلۋەتتە پروگرامما تۈزۈش كېرەك .
پروگرامما تۈزۈش خىيالىمغا كەلگەن ئاشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا تاۋباۋ تورىغا چىقتىم ،ئاندرويىد تېلېفۇندا پروگرامما تۈزۈشكە دائىر  تورداشلار تەۋىسيە قىلغان كىتابتىن ئالتىنى ئۈچ يۈز سومغا سېتىۋېلىپ ئەكەلدىم ،كىچە-كېچىلەپ كۆرۈش ئارقىلىق ناھايىتى تىزلا بۇ ئالتە كىتابنى چالا پۇچۇق تۈگەتتىم ،شۇنىڭ بىلەن پروگرامما تۈزۈشنى باشلىدىم ، تېرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ خېلى بىرنەرسە بىلىپ قالغاندا تېكىست ئوقۇغۇچنىڭ ئەسلى كودى ئۇچراپ قالدى،بۇ كودنى ئىجرا قىلىپ ھاسىللانغان دىتالنى تېلېفۇنغا  قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى كۆرسەم، قالايمىقان خەنزۇچە خەتلەرگە ئوخشاش بىر نەرسىلەر كۆرۈندى، ھە قارىغاندا تېكىستنىڭ فورمات شەكلىدە مەسىلە باركەندە دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ يۇنىكودلۇق فورمات شەكلىنى قاتتىم شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە تېكىسىت ئوقۇغۇچ پۈتكەن بولدى .ھازىر پروگرامما تۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كۆرۈۋاتىمەن .
شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ،يەرلىكلەشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش ،ساپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى پروگرامما تۈزۈش قاتارلىق جەريانلار ئاساسەن تاماملانغان بولدى.
مەن ئەمدى ئېسىل دىتالدىن بىرنى تۈزۈشۈم كېرەك  دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە .
ئاۋال بازارنى كۆرۈش ،ئېھتىياجغا قاراپ تۈزۈش كېرەكتە ،شۇنداق قىلىپ ئىنگلىزلار ،خەنزۇلار تۈزگەن دىتاللانى ،خەنزۇلار خەنزۇچىلاشتۇرغان دىتاللارنى كۆزەتتىم ،قارىسام كېرەكلىك دىتاللارنىڭ ھەممىسى باركەن ،ئۇلارنى يەنە قايتا تۈزۈشنىڭ ئورنى يوق ،پەقەت ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەكلا بولدى دەپ ئويلىدىم، خەقلەر ياسىغان نۇرغۇنلىغان دىتاللار كومپيۇتېردا بار دىتاللانىڭ مۇھىت ئاتلىغان نۇسخىسى ئىكەن .
مەسىلەن : QQ،تېكىست ئوقۇغۇچ،يۇمشاق دىتال چۈشۈرگۈچ ،PDFئوقۇغۇچ،Photoshop,…
تۈزدىغاننى خەقلەر تۈزۈپ بوپتۇ ،مەن نېمە تۈزىمەن ،بىزگە (ئۇيغۇرلارغا) بۇتېلېفۇنغا قاچىلۋالغۇدەك نېمە لازىم ؟ كومپيۇتېردىن يۆتكەيدىغان قانداق دىتاللىرىمىز بار ؟
ئويلاپ –ئويلاپ Windows xp گە يېڭىلا ئۇيغۇرچە پروگرامما تۈزۈش باشلانغان ۋاقىت ئىسىمگە كەلدى، ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسالغان ،ياسالغاندىمۇ بەس-بەستە ياسالغان ئىدى ،كىيىن لۇغەت ياساش مودا بولدى ،ئاندىن ئۆگۈتۈش دىتاللىرى،ئاندىن قالسا مەخسۇس شىركەت،ئاشخانا ئورۇنلار ئۈچۈن باشقۇرۇش سىستېمسى …دىگەندەك .
شۇنداق تەرەققىيات ئاستا –ئاستا بولىدۇ،كومپيۇتېردىكى يۇمشاق دېتال ساھەسىمىز خېلى يامان ئەمەس كېتىپ بارىدۇ،ھازىر قارايدىغان بولساق3Gدەۋرىنىڭ يىتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنىللىرى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ ،مۇشۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۆتكەلمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرى بولغان ئاندرويىد تېلېفۇنى بىزنىڭ قانداق دىتاللارنى ئېچىپ خەلقىمىزگە سۇنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ؟
بىز كىرگۈزگۈچ ،لۇغەتتىن(بۇ ئىككى دىتال ياساپ بولۇندى) باشقا يەنە قانداق تېلېفۇن  يۇمشاق دىتاللىرىغا موھتاج؟
بۇنى ئەزىز قېرىنداشلارغا قالدۇردۇم.







سەھىپىلەر:پروگرامما تۈزۈش

ئۇيغۇر بىكەتلىرى ۋە API ئېغىزى

2010-يىل 20-سېنتەبىر باھا يېزىش

ئۇيغۇر بىكەتلىرى ۋە API ئېغىزى

(تۈۋەندە ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى دىگەن ئۇقۇمغا بىلىك تورى دىگەن سۆزنى تەڭداش قىلىپ ئىشلىتىپ تۇردۇم)

بىز ھازىر يىراق بولمىغان كەلگۈسى ئۈچۈن مۇنداق پەرەزلەرنى قىلىپ تۇرايلى .
بىز بىلىدىغان بارلىق ئەقىلى ئىقتىدارلىق تېلفۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچىنى پۈتۈنلەي قوللىدى دەپ تۇرايلى، دەل ئاشۇ ۋاقىتتا بىلىك تورىنىڭ تېلېفۇن نۇسخسىنى تۈزمەكچى، (سەۋەبى نۇرغۇن مەسىلەن :ئېقىم تىجەش، ۋاقىت تىجەش…) بۇنىڭدا ئاشۇ دىتالغا تىزىملىتىپ كىرىش ئارقىلىق بىلىك تورىغا ماقالە يوللىغىلى، تىمىلارنى كۆرۈپ ئىنكاس يازغىلى بولىدىغان قىلماقچى بولدۇق دەپ تۇرايلى .
خوش ئەمدى گەپ بۇ دىتالنىڭ قايسى تېلفۇنغا تۈزىلىشى ۋە ياكى قانداق تۈزىلىشىدە ئەمەس بىلىك تورىنىڭ قانداق بىكەت سېستىمىسى ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزى تەمىنلەنگەنمۇ يوق دىگەن يەرگە بىرىپ تاقىلىدۇ. ئەگەر بار دىيىلسە ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزىنىڭ تەمىنلىنىش ئەھۋالى يېڭى نەشىرلىرىدە قانداق تەرەققىي قىلىدۇ، بىلىك تورىنىڭ بىكەت سېستىمىسىنىڭ يېڭىلىنىش يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ …
تورداشلار بىلىدىغان گوگېل تورى، تاۋباۋ تورى، رېن رېن تورى قاتارلىق بىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزى تەمىنلىگەن بولۇپ، سىز مۇشۇ ئېغىزلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ قوللىنىلىشچان دىتاللىرىنى تۈزەلەيسىز. مەسىلەن : گوگېلنىڭ تىزىملىتىپ كىرىدىغان بىر ئۈچۈنجى تەرەپ ئېغىزى بار بولۇپ سىز دىتالىڭىزدا (تور بىكىتىڭىزدە) ئابونىتقا گوگېل نۇمۇرىنى ۋە پارولىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىسىز، توغرا كىرگۈزسە سىز ئۇنى سېستىمىغا كىرگىلى قويىسىز، ئۇنداق بولمىسا كىرگىلى قويمايسىز.
پروگرامما نۇقتىسىدىن سىز ئابونىت ۋە پارولنى ئاشۇ ئېغىزغا يوللاپ بىرىسىز، بۇ ئېغىز سىزگە راست ياكى يالغان دىگەن ئىككى قىممەتنى قايتۇرۇپ بىرىدۇ، ئەگەر راست بولسا كىرگۈزگەن ئابونىت نۇمۇرى ۋە پارول توغرا دىگەن گەپ، ئۇنداق بولمىسا خاتالىق ئۇچۇرى قايتىشى كىرەك. بۇنىڭ تىپىك مىسالى :
http://www.oschina.net/ تور بىكىتى
يەنە مىسال ئالساق تاۋباۋ تورىنىڭ مال يوللاش دىتالى، سىز بۇ دىتالغان تاۋباۋ ئابونىت نۇمىرى ئارقىلىق كىرىسىز، شۇنداقلا نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى تور بىكەتنى ئاچماي تۇرۇپ قىلالايسىز، مەسىلەن يۈز نەچچە خىل مالنى تورغا يېرىم سائەتكە قالماي يوللاپ بۇلۇش، توپ ئۈچۈرۈش، توپ باھا ئۆزگەرتىش، توپ رەسىم يوللاش …
دىمەكچى ھەممىسى كىشىلەرگە قولايلىق يارتىش ئۈچۈن ئۈچۈنچى تەرەپ ئېچىش ئېغىزىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن.
يەنە بىز ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان BlogSpot،BlogBus،Z-blog،PjBlog، WordPressقاتارلىق بىلوگلارغا Windows Live Writer  دىتالى ئارقىلىق تىما يوللىغىنى بولىدۇ . بۇلارمۇ ئاشۇنداق ئېغىزدىن پايدىلانغان.
ئەمدى گىپىمىزگە كەلسەك ناۋادا بىلىك تورىغىمۇ ئاشۇنداق بىر دىتال بىلەن ماقالە يوللىغىنى بولسا، تور بىكەتنى ئاچماي تۇرۇپ يوللانغان يېڭى ماقالىلەرنى، يېڭى ئىنكاسلارنى كۆرگىلى بولسا، ئىنكاس يوللىغىنى بولسا، ھەمدە مۇشۇ ئىقتىدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇشبۇ دىتالنىڭ ھەرقايسى سەھنىلەر(Windows،Ubuntu،Mac،Androihd،WinMobile،symbian،Blackberry)  لاردىكى نەشرىنى تۈزۈپ چىقساق قانداق بولار؟(ئەلۋەتتە كۈچىمىز يەتكەن دائىرە ئىچىدە)
ھەممىز بىلىمىز بىلىك تورىنىڭ سېستىمىسى (Discuz!6.0) نى ”باشقىلار“ تۈزگەن، بىز تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان تور بىكەت  سېستىمىسىدۇر. ئۈچۈنچى تەرەپ ئېغىزىنىڭ تەمىنلىنىشى ”باشقىلار“ تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، شۇڭا بىر قاتار قىيىنچىلىقلار بار بولىشى تەبىئىي لىكىن بۇنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغاندەك تورىدۇ. بولسا تورداشلار بىلەن  بۇ ئىشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتىنىڭ بارلىقىنى تېخنىكىلىق ئامىللىرىنى بىرلىكتە مۇنازىرە قىلىشىپ باقساق.

مەزكۇر بىلوگ بىلىك تورىدا قىزغىن مۇنازىرىدە بولىۋاتىدۇ، بۇ يەردىن كىرىپ كۆرۈڭ

سەھىپىلەر:پروگرامما تۈزۈش