ئارخىپ

Archive for the ‘تورسودىسى’ Category

توردا پۇل تېپش

2010-يىل 31-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

توردا پۇل تېپش

توردا پۇل تېپىش قىزغىنلىقى ئۇيغۇر تور بىكەت قۇرغۇچىللىرى ۋە ئۇيغۇر تور ئابونتلىرى ئارسىدا بىرمەزگىل مودا بوپ يۈرگەن ئىدى ،بىلمىدىم ”قاراچۈش“ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ توردا پۇل تېپىش چۈشلىرى قانداق بوپ كەتتىكىن …

بىرئىككى يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن ،بىرچاغلاردا مەنمۇ توربىكەت قۇرۇپ يۈرۈيدىغان ،ئۇچاغلاردا نىمىشكىن مۇشۇ توردا پۇل تېپىشقا پەقەت قىزىقماپتىكەنمەن ،توربىكەت قۇرغانلىقىمنى بىلگەن تۇنۇش بىلىشلەر نەچچە پۇل تاپتىڭ ،توربىتىڭگە كىرىپ قويساق ساڭا نەچچە پۇل كىلىدۇ …دىگەندەك سۇئاللارنى دائىم سوراپ تۇراتتى ،باشتا ئۇلارغا ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ كىتىپتىمەن ،كىينچە ”ياق ھەي پۇل تېپىشنى ئويلىشىپ باقمىدىمغۇ ،ھازىرچە بىرنەرسە  ئۆگنىۋالساملا بولدى “ دەپ قويىدىغان بولدۇم .

يىللار ئۆتتى ،ئۆگنىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگەندىم ،پۇت قوللىرىم خېلى پىشىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ مەنمۇ ئەمدى بىر ئىش قىلىپ باقاي دىگەن مەقسەتتە ئوڭ پۇتۇمنى بىسمىللاھى رەھمانى رەھىم دەپ ئېلىپ تور سودىسىغا ئاتلىنىپ قالدىم ، ئادەم ئۇ مەڭگۈ ئۈگەنگۈچى ،ھېلىمۇ ئىسىمدە كومپيۇتېر كۇرسى ئېچىپ دەرس ئۆتكەن چاغلىرىمدا ئوقۇغۇچىللىرىمغا ئۆتىدىغان دەرىسنى ئۇلاردىن ئىككى سائەت بۇرۇن كۆرۋېلىپ ئۆتۈپ بىرەتتىم،مەنچە ئۆگەتكۈچى پەقەت ئۆگەنگۈچىدىن بالدۇرراق شۇ نەرسىنى ئۆگنىۋالغان يېرى بار خالاس …ئەگەر سىز مەندىن بىر نەرسىنى ئارتۇق ئۆگنىۋالسىڭىز سىز ماڭا ئۇستاز ،ئەگەر مەن سىزدىن بىر نەرسىنى ئارتۇق ئۆگنىۋالسام مەن سىز گە ئۇستاز  شۇنداقمۇ ئەمەس ؟

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك نۇرغۇن ئۇيغۇر تورداشلار توردا پۇل تېپىشقا ناھايىتى قىزقىدۇ ،بەلكىم توردا پۇل تېپىش جىسمانى كۈچ تەلەپ قىلمايدىغان سوغۇقتا توڭمايدىغان ،ئىسسىقتا كۆيمەيدىغان بىرخىل سودا بولغانلىقى ئۈچۈن قىشتا توڭلاپ ،يازداكۆيۈپ تويۇپكەتكەن بۇ ياشلىرىمىز ۋاڭبادا ئولتۇرۇپلا پۇل تېپىشنى ناھايىتى خالايدۇ ،ئەمما ”قۇم باسقان شەھەر“ دىگەن ئەسەردە ئېيتىلغندەك بىر توپ ياۋ لەشكەرلىرى كېلۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بىغەملەر شەھىرىدىكى خەلىقلەرگە ئوخشاشلا  ”ئۇستىرا“،“بوياق ”،…قاتارلىقلارنى تەڭلەپ ئولتۇرماقچى بولۋاتىدۇ .

زامانە تەرەققى قىلىپ بۈگۈنگە كەلدى ،“تورسودىسى“ ئوقۇمى ئۇيغۇرلار ئارسىغىمۇ ئەمدىلا كىردى بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلار بار لىكىن بۆسۈپ چىقىپ پۇل تاپقانلار ئاز.

مەزكۇر بىلوگنىڭ بۇندىن كىيىنكى يازمىللىرىدا سىز تورداسودىسى ھەققىدىكى تېرەن پاراڭلانى ئاڭلايسىز .

سىز دە بىزدە نىمە كەم ؟

بىلىم كەم .

سىزدە بىزدە نىمە كەم ؟

پۇل كەم .

پۇلنى نىمە تاپىدۇ ؟

پۇلنى بىلىم تاپىدۇ .

بىلىمنى كىم تاپىدۇ ؟

تىرىشقانلار ،ئوقۇغانلار .

ئوقۇمىغانلار چۇ؟ئۇلار قانداق قىلدۇ؟

ئۆزىنىڭ ئېشىنى يەپ كىشنىڭ غېمىنى قىلماق ئاسان ئەمەس .راستىنلا ئاسان ئەمەس.

كىشىنى قويۇپ ئۆزىمىزدىن باشلايلى .

قوينىڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا دەپتىكەن .

يېقىندا مۇنداق بىر ئەقىليە سۆزىنى كۆرۈپ قالدىم ،كىشىگە ئەگىشىش نۇمۇس ئەمەس ،لىكىن ئەگىشىپ يۈرۈۋېرىش شەرەپ ئىش ئەمەس .

قالغان تەھلىلنى ئۆزىڭىزگە قوياي ئەگەر سىزدە مال بار سودا يوق ،پۇل بار مال يوق ،يول بار پۇل يوق …يۈرۈپ كەتكەن بولسىڭىز بىلوگنىڭ كىيىنكى تىمىللىرىنى داۋاملىق كۆرۈڭ ،سىزدىن مال كەتمەيدۇ ،پۇل كەتمەيدۇ ،تىرنىقىڭىزنى ئېلۋەتكەنچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ (ۋاقىت سىزدە كۆپ ،كۆپ بولمىسا ۋاڭبادا پۇل تاپىمەن تور بەت ياسايمەن دەپ ئولتۇرمايتىڭىز)،ئەمما بۇ ۋاقىتتا بىر كىشنىڭ تۆت بەش يىللىق تەجربىسىنى ئۆگنىۋلالايسىز .

 

سەھىپىلەر:تورسودىسى

توردۇككانغا نىمە ئۈچۈن

2010-يىل 31-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

”توردۇككان“ غا نىمە ئۈچۈن

بۈگۈن   بىرقانچە  نىمە ئۈچۈنلەرگە جاۋاب سۇنىمىز .

نىمە ئۈچۈن تاۋباۋدا دۇككان ئاچىمىز ؟

–       چۈنكى تاۋباۋنىڭ 30 تۈمەن ئابونىتى بار ،30تۈمەنلىك خېرىدارى بار چوڭ بازار دىگەن گەپ .

–       تاۋباۋ ئىشەنچىلىكمۇ ؟

–       تېخنىكىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ تەرتىپ بويىچە قانۇنلۇق سودا قىلسىڭىز ناھايىتى ئىشەنچىلىك.

–        تاۋباۋدا ئېلىم –بېرىم قانداق بولىدۇ؟

–       سىز تاۋباۋ ئابونىتىڭىزغا پۇل قاچىلايسىز ،ئاندىن مال ئېلىپ پۇلنى قارشى تەرەپكە ئېۋەتىپ بىرسىز،قارشى تەرەپ مال ئېۋەتىدۇ،سىز تاپشۇرۇپ ئالىسىز ،مەن تاپشۇرۇپ ئالدىم دەپ جەزىملەيسىز ،ئاندىن پۇل قارشى تەرەپكە ئۆتىدۇ.

–       تاۋباۋ ئابونىتىغا پۇل قاچىلاش ئاسانمۇ ؟

–       شۇنداق سىز پەقەت بانكا كارتىڭىزنىڭ تور كەسپىنى ئاچقۇزغان بولسىڭىزلا بىردەمدە پۇل قاچىلىيالايسىز .

–       دۇككان ئېچىش ئاسانمۇ ؟

–       تەس ئەمەس ،سىز ئاۋال تاۋباۋ تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلىرىنى بىجىرۋەتسىڭىزلا بولىدۇ ،بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ تەرتىپ ”سالاھىيەتنى بىكىتىش“ ،سالاھىيەت بىكىتىش ئاخىرلاشقاندا سىز ئون دانە مالنى مال يوللاش دىگەن يەرگە كىرىپ يوللايسىز ،ئون دانە مال يوللىنىپ بولغاندا سىزنىڭ رەسمىي دۇككان ئاچقانلىقىڭىز چىقىدۇ،ئاندىن سىز دۇككانىڭ ئىسمى، خاراكتىرى ،تۈرى دىگەنلەرنى بىكىتىپ رەسمىي تىجارەت باشلىسىڭىز بولىدۇ.

–       تور سودىسىدا ئەڭ مۇھىمى نىمە ؟

–       ئىشەنچ

–       ئىشەنچ نەدىن كىلىدۇ؟

–       سىزنىڭ مېلىڭىزنى سېتۋالغان خېرىدار بەرگەن باھادىن كىلىدۇ.

–       دۇككانغا قانداق قىلىپ خېرىدار توپلايمەن ؟

–       دۇككىنىڭىزنىڭ ماللىرىنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيتى بار ئوبىكىتلارغا كىڭەيتىڭ.(بۇنى ئاساسەن نىمە سېتىشىڭىز بەلگىلەيدۇ).

–       توردۇككان ئۈچۈن ئىككنجى مۇھىم ئامىل نىمە ؟

–       ئەرزان ،تۇراقلىق بولغان مال مەنبەسى.

–       مەن ئىچكىرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى  ئەرزان ئېلىپ قېرىنداشلارغا پايدىسىغا سېتىپ پۇل تاپاي دىگەن ،قانداق بولار؟

–       ياخشى ئويلاپسىز ،شۇنداق بەلەن بولىدۇ، تەكلىپ نىمىشقا قېرىنداشلاردىن ئېلىپ ئىچكىردىكىلەرگە سېتىشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭىز؟

–       تور دۇككان ئېچىشقا قانداق ئۈسكىنىلەر كىتىدۇ ؟

–       بىر دانە تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېر ،بىردانە ساغلام ئەقىل ئىگسى.

–       مەن خەنزۇچىنى تازا ياخشى بىلمەيمەن؟

–       خەنزۇچىنى بىلىدىغان ،ئۇيغۇرچىنىمۇ بىلىدىغان مۇشۇ ساھەدىكى بىرسىگە ئەگىشىڭ.

–       مەندە پۇل يوق لىكىن توردۇككان ئېچىش خىيالى بار ؟

–       يوقتىن بار ياخشى ،توردۇككاننىڭ ئەۋزەللىكىنى ئويلاپ يىتەلىگەنلىكىڭىزنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئاۋال پۇل كەتمەيدىغان قىسىملىرىنى قىلغاچ تۇرۇڭ ،قالغىنى ئاستا –ئاستا ھەل بولىدۇ .

–       توردۇككان ئاچسام قانداق تېخنىكىلىق قىينچىلىقلارغا ئۇچرايمەن ؟

–       توردۇككاننى ئۆزىڭىزگە خاس قىلىپ لاھىيلەش ،دۇككاننى باشقا ئورۇنلاردا ئېلان قىلىش ،قويمىچىلاردىن مۇداپىيەلىنىش ،قوشنا تۇنۇش دۇككانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش …

–       زادى نىمشقا ئۇيغۇرچە توربەت قۇرۇپ توردۇككان ئاچمايمىز ؟

–       ئېچۋاتقاندلار بار ،ئۇلار توردۇككان ئېچىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلدى،يەنىللا شۇلار ئېچىۋەرسۇن .

–       بىز ئاچىدىغان دۇككان بىلەن ئۇلار ئاچقان دۇككان قاداق پەرىقلىنىدۇ؟

–       خېرىدار ئوخشىمايدۇ، خېرىدارنىڭ سانى ئوخشىمايدۇ، توردۇككاننىڭ قاپلىنىش دائىرسى ئوخشىمايدۇ.يەنە بىرى توردۇككان مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن ئورۇننىڭ مەبلەغ سېلىنمىسى(ئۆز نۆۋىتىدە مۇشۇ شىركەتنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى) ئوخشىمايدۇ.

–       نىمىشقا ئىچكىردىكىلەرگە ساتىمىز ؟

–       شۇلارنىڭ پۇلى بىلەن بېيىش ئۈچۈن .

–       شىنجاڭدىكىلەرنىڭ پۇلى بىلەنمۇ باي بولغىلى بولىدىغۇ؟

–       توغرا بولىدۇ ،ئاكىڭىز بەرگەن پۇل پەقەت سىزنى خوش قىلىدۇ(ئاتا ئانىڭىز خوش بوپ كىتىشى ناتايىن ،چۈنكى ئائىلنىڭ ئومۇمىي كىرىمىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ)،لىكىن سىرىتتىن ئىشلەپ پۇل تېپىپ كەلسىڭىز پۈتۈن ئائىلىڭىز خوش بولىدۇ،ئائىلىگە نىسپەتەن ئۇمۇمىي كىرىم ئاشىدۇ .(دۆلىتىمىز شۇنى كۈتىدۇ).

تور دۇككان ئاچىمەن دەيدىكەنسىز ئاۋال ئىدىيە جەھەتتە ئازات بۇلىشىڭىز كىرەك ،مەبلەغنى سېلىپ قويۇپ پايدا كۆرەلمەي يۈرسىڭىز ئۇ قاملاشمايدۇ .

توردا پۇل تېپىشىڭىزغا ئىشەنچ قىلالمايۋاتقان بولسىڭىز ، بۇساھەنىڭ باشلامچىلىرىنىڭ بىرى بولغان، ئالى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن ئەپەندىنىڭ تۈۋەندىكى نۇتۇق ئۈزۈندىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ :

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا باتۇرلۇققا تاينىپ پۇل تاپقىلى بولاتتى، 90-يىللاردا مۇناسىۋەتكە تاينىپ پۇل تاپقىلى بولاتتى ،لىكىن ھازىر چۇقۇم بىلىمگە تاينىشىمىز كىرەك .

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنى بېشىدا يايما ئېچىپ باي بولغىلى بولاتتى، لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر جۈرئەت قىلالمىدى .

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا پاي چېكى ئويناپ باي بولغىلى بولاتتى، لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئىشەنمىدى.

21-ئەسىردە توربەت قۇرۇپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ ،لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر تېخى سىناپ باقمىدى.

 

سەھىپىلەر:تورسودىسى

مەن توردا پۇل تاپىمەن

2010-يىل 31-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

گەپنى ئۇچۇق ،سۈزۈك قىلغاندا مىنىڭ توردىكى  كۆپىنچە  پائالىيەتلىرىم پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىدۇ ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىشىڭىز مومكىن ، ھەممە ئادەم پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ ، تور رىئال جەميىتىمىزگە ئوخشايدۇ ، بۇيەردە ھەرخىل ئادەملەر ، ھەرخىل كەسىپلەر بار ، مەن شۇلارنىڭ ئارسىدىكى ئوقۇغۇچىلار تۈركىمىگە تەۋە، ئوقۇغۇچى بولۇش تولىمۇ زور بەخىت ، مەن ئوقۇغۇچى بولۇپ نۇرغۇن ئۇستازلارنى تۇنۇدۇم ،نۇرغۇن ساۋاقاداشلارنى كۆردۈم ،دوست تۇتتۇم،بەخىتلىكمەن .

مەن ئالى مەكتەپتە خېلى ئىشلارنى ئۈگنىۋالدىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈشىمگە يەنە بىر يىل بار، تۆت يىل بوپتۇ كومپيۇتېر ئۈگەنگىلى ، تىرشىپ- تىرمىشىپ مۇشۇ كۈنگە ئاران دىگەندە ئۇلاشتىم ، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى شۇنچىلىك باي ھايات ئىكەنكى بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق بىر باي –باياشات دەۋرىنىڭ يەنە كىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلماق قىيىن ئىكەن.ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى يەنە شۇنچىلىك نامراتلىق ئىچىدىكى ھايات ئىكەنكى بۇ نامراتلىق ئوقۇغۇچىنى راسا تەربىيلەيدىكەن ، موھتاجلىق بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەركەتلىنىشكە ئۈندەيدىكەن .

مەن ئاشۇ باي دىسە داڭدار باي ،گاداي دىسە جۇلدۇر –كىپەن يۈرگەننىڭ بىرى بولىمەن . باي بولغاچقا ماترىيالنى كۆپ ئېلىپ ئوقۇدۇم ،گاداي بولغاچقا پۇلنىڭ غېمىنى قىلىپ توردا يۈرۈيمەن .

بۇ ماقالەمنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ سىز ”ماۋۇ ئاداشقا نىمە بولغاندۇ ؟“ دەپ قالغان بۇلىشىڭىز مومكىن . ماڭا ھىچ ئىش بولمىدى ، شۇ پۇل تاپاي دىدىم .

سىز مەندىن قانداق پۇل تاپماقچى دەپ سورىماقچى ،مەن بىلىپ بولدۇم . قېنى ئاڭلاڭ .

تور دا تېلفۇنغا پۇل قاچىلايمەن ، ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيەسى كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ ، توردا ئېلىم –بېرىم قىلالايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلار تاۋباۋ تورىدىن مال ئېلىشنى بىلىدۇ ، ماڭا ھازىرچە مۇشۇ كۇپايە ،ھەربىرىمىزدە ھازىر قول تېلېفۇن بار ،سىز پۇل قاچىلاش ئۈچۈن توردا مىنىڭ دۇككىنىمغا كىرىپ قاچىلماقچى بولغان تېلېفۇنىڭىزنىڭ مۇلازىمەت تىپىغا ئاساسەن پۇل قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ، مىنىڭكىدە پۇل قاچىلىسىڭىز ئەرزان قاچىلايسىز ،ھەرقانداق تېلېفۇنغا قاچىلىغىلى بولىدۇ،يەنە تور ئويۇنلىرى چ چ قاتارلىقلارغىمۇ پۇل قاچىلىغىلى بولىدۇ .

ئىشەنمىسىڭىز ياندىكى ئاۋۇ قۇتبىلىك دىگەن رەسمىنى چىكىپ تور دۇككنىمغا كىرىپ قاراپ بېقىڭ، ئون سوم قاچىلاش ئۈچۈن توققۇز سوم سەككىز مو تۈلەيسىز ، ئىككى مو پايدا ئالىسىز دىگەن گەپ .سىزغۇ بۇ ئىككى موغا قاراپ قالغان ئادەم ئەمەس ، لىكىن مۇشۇ يەردە پۇل قاچىلاش ئارقىلىق سىز ماڭا پۇل تېپىپ بىرىسز ،مەن ئاشۇ پۇللارنى يىغىپ ئوقۇش پۇلۇمنى تاپشۇرىمەن ، شۇنچىلىك ئاددىي قاراڭ مىنىڭ توردىكى پۇل تېپىش ئىشىم بولامدىكەن . سىز دەيسىز مەن نىمىشقا سىزنىڭكىدە پۇل قاچىلايمەن ، باشقىلارنىڭكىدىن قاچىلساممۇ ئوخشاشقۇ دەيسىز ،توغرا ئوخشايدۇ ، ئەمما قوينىڭدىن تۆكۈلسە قونجىڭغا دىگەن گەپ بار ، ئەلدىن ئەلگە نەپ ،سىز ئاشۇ پۇلنى باشقا خەققە تۆلەش ئارقىلىق تېلفۇنىڭىزغا پۇل قاچىلىيالايسىز ،پۇلىڭىزنىڭ ياراتقان قىمىتى بىرخىللا. لىكىن مەن ئارقىلىق پۇل قاچىلىسىڭىز  بىرىنجىدىن پۇلىڭىز ئىچىكى قىسىمدا ئايلىنىدۇ(ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى، قوينىڭدىن تۆكۈلسە قونجىڭغا)،  ئىككنجىدىن مەن پۇل تاپىمەن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇشىمغا ياردەم قىلغان بولىسىز ، ئۈچۈنچىدىن مىنىڭ تاۋباۋدىكى ئىشەنچىلىك دەرىجەم ئاشىدۇ ، مەن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خەققە ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك ماللىرىنى سېتىپ پۇل تاپىمەن .

سىز ھازىر ”خېلى يامان ئەمەس ئويلاپسىز “  دەپ ئويلىشىڭىز مومكىن ، بەلكىم يامان ئەمەس ئويلىغاندىمەن بىكار ئولتۇرغاندىن ياخشى دەپ قارايمەن، قالغان ئويلار سىزنىڭ ياردىمىڭىز ئاساسىدا كىڭىيىدۇ .ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرنىڭ چىقىش يولى ”مەمۇرلۇق ئىمتىھان “ بىلەن ”ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتىھانى ”بوپ قېلىۋاتىدۇ.مىنىڭ بۇ ئىككى ئىشنى قىلغۇم يوق ،ئېگىلىك تىكلەشنى ئويلىشىۋاتىمەن. مىنى سىز كۆتەرمىسىڭىز ، قوللىمىسىڭىز چەتئەلدىن ئادەم كىلىپ قوللاپ بەرمەيدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ قېرىنداش بىز .

سىز بەلكىم مىنىڭ نىمىشقا باشقىچە ئۇسۇلدا پۇل تېپىشنى ئويلىشىپ كۆرمىگىنىمگە قىزىقىشىڭىز مومكىن ،مەن بۇنى ھازىر يېزىپ بولالمايمەن، كىينكى يازمامدا يازاي ، چۈنكى بەك كۆپ خەت بار يازمىنى پەقەت ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ ، تورداشلارنىمۇ مەندەك قىلامدىكىن دەپ ئويلايمەن .

سەھىپىلەر:تورسودىسى

نىمىشقا ئىشىنىمەن ؟

2010-يىل 31-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

نۇرغۇن تورداشلار تورنى ئالدامچىلىق بىلەن قاپلاپ كەتكەن دەپ ئويلايدۇ ، ئۇلار توردا نۇرغۇن قېتىم ئالدىنىپ كەتكەن بۇلىشى مومكىن ،ياكى بەك تىز پۇل تېپىش چۈشىنى  كۆپ كۆرۈۋىتىپ تەخىر قىلالماس بوپ قالغان بۇلىشى مومكىن بۇنى چۈشنىشكە بولىدۇ .

مەن سىزدىن سىز”توردا قورقماي مىڭ سوم پۇل تۆلەپ مال سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالامسىز “ دەپ سورىسام سىز  بىر ئاز ئويلىنىسىز ،سەل ئىككىلىنىسىز ،چۈنكى سىز بۇندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئادەمنىڭ توردا قويمىچىلارغا قويۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ، يەنە نۇرغۇن ئالدامچىلارنىڭ بارلىقىنى ئۇلارنىڭ سىزنىڭ توربانكا كارتىسىدىكى پۇلىڭىزنى ئوغۇرلاپ كىتەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ، شۇڭا سىز بەك قورقىسىز .ئەمىليەتتە ئۇنچىلىك ئەمەس .

مەن ئالى مەكتەپكە كىلىپ بىر يىلدىن كىيىن تورخانا دىگەن نەرسىگە كىرىش ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئورنىدا بوپ قالغان ، ئاتا-ئانام تېلېفۇن قىلىپ نەدە دېسە تورخانىدا دەيتىم ، كىيىن قايتىپ ئۆيگە بارسام ئانام ۋاي بالام دىققەت قىل ، تورخانىدا بىرسى ئولتۇرۇۋېرىپ ئۆلۈپ قاپتۇ دەيدۇ ،يەنە بىرىسىنى قالايمىقان بىر نەرسە كۆرۈپتىكەن سولاپ قويۇپتۇ دەيدۇ ، ئۇنداق قالايمىقان يەرلەرگە كىرمىگىن دەيدۇ .

بۇنداق تەربىيە قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار بىزدە كۆپ ،توغرا ئۆلەپ قالغانلار بار ، سولىنىپ كەتكەنلەر بار ،بۇ ھەرگىزمۇ تورخانىنىڭ ،تورنىڭ خاتالىقى ئەمەس .ئاشۇ چاغدا مەن ئانامغا “ئانا مىنىڭ كەسپىم كومپيۇتېر تۇرسا كومپيۇتېر بار يەردە يۈرمەي نەدە يۈرىمەن” دىگەن ئىدىم .

توردۇنياسىدا خەتەر راست كۆپ، لىكىن سىز قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلماي توغرا ئىش قىسلىسڭىز قورقىشنىڭ ھاجىتى يوق ، توردىمۇ قانۇن بار ،بۇ ھەممىمىزگە ئايان .

خوش گەپنىڭ مەزمۇنى چېچلىپ كەتمىسۇن . سىز ئەگەر مىنى تونىسىڭىز سىز ماڭا ئىشەنچ قىلالىسىڭىز مەن بىلەن توردا سودا –ئالاقە قىلىسىز ،بولمىسا قىلمايسىز ،ئەگەر سىز توردا سودا قىلدىغان ئادامنى تونۇمىسىڭىز قانداق سودا قىلىسىز ؟

بۇ يەردە ئوتتۇردا بىر ۋاستىچى بولىشى كىرەك ، بۇ ۋاستىچىگە سىزمۇ مەنمۇ ئىشىنىشىم كىرەك. بۇ ۋاستىچىگە قانۇن كاپالەت بەرگەن بۇلىشى كىرەڭ .بۈگۈنكى جوڭگۇ تور سودا بازىرىدائالى بابا گوروھى ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىدى، بۇنىڭغا كۆز يۇمالمايمىز .

بۇ گوروھ تەمىنلىگەن تاۋباۋ تور دۇككىنى تور سودىسى قىلىدىغانلارنىڭ ياخشى ماكانىغا ئايلاندى ، باشقۇرۇش قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە سودا قىززىپ كىتىۋاتىدۇ ، بۇ يەردىكى سودىدا مەن سىزنى تونىمايمەن ،سىز مىنى تونىمايسىز .لىكىن سىزنىڭ خەققە مال ساتقان خاتىرىڭىزنى .خەقنىڭ سىزگە بەرگەن باھاسىنى كۆرۈپ سىزگە ئىشەنچ قىلىش قىلماسلىقنى بەلگىلەيمەن ، سىز خەققە كۆپ مال ساتقان بولسىڭىز ، خەق سىزگە ،سىزنىڭ ماللىرىڭىزغا ياخشى باھا بەرگەن بولسا مەن سىزگە ئىشەنچ قىلىپ قورقماي مال ئالىمەن ، ئەگەر سىز ماڭا ساختا مال ئېۋەتسىڭىز مەن سىزنى ئەرىز قىلىمەن ، تاۋباۋ نازارىتى مىنىڭ ئەرزىمنى تىزلا قۇبۇل قىلىدۇ ،ئاندىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. مېلىڭىزنىڭ  ساختا ئىكەنلىكىگە سىزنىڭ دىگىنىڭىز بىلەن بىردەك  ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلىسەملا سىزنىڭ نەچچە يىلنىڭ بۇيانقى قىلغان سودىڭىز ئېغىر دەخلىگە ئۇچىرايدۇ ، سىز تاۋباۋ  نازارىتىگە ئارقا ئىشىك قىلالمايسىز ، شۇنىڭ بىلەن بۇندىن كىيىن سودا قىلمىقىڭىز تەس بولىدۇ . ئادەتتە ھىچ كىم بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۇل قىلمايدۇ ،شۇڭا سىزنىڭ ،مىنىڭ توردىكى سودىدىن ،مالنىڭ ساختا ياكى راستلىقىدىن ئەنسىرەپ كىتىشىمىزنىڭ ئورنى يوق .مەنچە تور سودىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى سودىلاشقاندا مالنىڭ ئەھۋالىنى تۇلۇق ئىگەللەش كىرەك ، مۇشۇنداق بولغاندا ئوقۇشماسلىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ،ئىككىلى تەرەپ تەڭ تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ .

ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە كۆلەملەشكەن بىر سودا تورىنىڭ قۇرۇپ بولالماسلىقىنىڭ بىر سەۋەبىمۇ ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك دەرجىسى . ئەگەر سىز توربەت قۇرۇپ ئۇيغۇرچە دۇككان مۇلازىمىتى تەمىنلىسىڭىز،ياكى ئۆزىڭىز ئاچسىڭىز تورداشلار سىزگە ئانچە بەك  ئىشەنچ قىلالماسلىقى مومكىن ،چۈنكى تورداشلار سىزنىڭ قانچىلىك قانۇنىي كاپالەت بىرەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيدۇ، تور بەتتىن بىرنى تاشلاپ قويۇپ ،پالانى شىركىتىم بار ،نەچچە دۆلەتتە كارخانام بار دىگەندە خەق ئىشەنمەيدۇ ، قۇرۇق گەپكە مۇشۇك ئاپتاپقا چىقمايدۇ.

ئۇندىن باشقا سىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىڭىزگە گۇۋاھ بولالايدىغان بىز ئىشىنىدىغان مەلۇم بىر شەخىس ياكى مەلۇم بىر ئورۇننىڭ بىزنى ئىشەندۈرگىدەك پاكىت بىلەن ئوتتۇرغا چىقمىغانلىقى بىزنى گۇمانغا سالىدۇ .

دىمەكچى توردا، تورسودىسىدا كىم ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىسە ئۇ راۋاج تاپالايدۇ ، بۇيەردىكى  “ئۇ” بەلكىم بىر توربەت بولىشى ،ياكى توردىكى ئاددىي بىر شەخىس بولىشى مومكىن.

ئەڭ مۇھىمى يەنىللا قانۇنىي كاپالەت بىرەلىگەن ، شۇنداقلا دىگەن ۋەدىسىدە تۇرالىغان ئورۇنلا بۇ تور دۇنياسىدا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ ،شۇنداقلا تەرەققى قىلالايدۇ.

 

سەھىپىلەر:تورسودىسى

توردا پۇل تېپىش پىلانى

2010-يىل 30-ئۆكتەبىر باھا يېزىش

تاۋباۋ تورىدا پۇل تېپىشنى ئويلىشىپ باققان يىگىتلىرىمىز بارمۇ يۇق بىلمىدىم ،لىكىن تورسودىسىنى ھازىر باشلىمىغانلار پات ئارىدا ئېغىر پۇشايمان قىلىدۇ.

سەۋەبىنى كىيىنكى يازمامدا تەپسىلى چۈشەندۈرمەن .

بۇقېتىمقى يازمامدا پۇل تېپىش چۈشىنى كۆرىۋاتقانلارغا چۈشىنى رىيانلىققا ئايلاندۇردىغان بىر پىلاننى باشلىماقچى بولغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قويماقچى ،ئەگەر بۇ پىلانغا قىزىقسىڭىز تۈۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بولۇپ مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم:137936175

تاۋباۋ تورىدا پۇل تېپىش ئۈچۈن ئېلىشنى ئەمەس سېتىشنى بىلشىمىز كىرەك ،سېتىش ئۈچۈن دۇككان بۇلىشى كىرەك(تاۋباۋدىكى تور دۇككان)،توردۇككنىنىڭ مېلىنى خەق ئېلىشى ئۈچۈن خەقتە يوق ئېسىل مال بولىشى كىرەك ،خەقتە بار مالىنى ساتىمىز دىسەك ئىشەنچىلىك دەرجىمىز يۇقىرى بۇلىشى كىرەك .

خوپ ئەمدى گەپ سىزگە كەلدى،  سىز  تاۋباۋ ئابونىتى بولمىسىڭىز دەرھال ئىلتىماس قىلىڭ ،ئەگەر دۇككان بولمىسا دەرھال دۇككان ئېچىڭ،ئەگەر دەرجىڭىز تۈۋەن بولسا يۇقىرلىتىڭ .

شۇنداق ئاسانمۇ ؟نەدىن باشلايمەن ،نەدىن ئىلتىماس قىلمەن ،قانداق مال ئالىمەن ،پۇلنى قانداق قاچىلايمەن ،پۇلنى قانداق تۆلەيمەن ،مالنى قانداق تاپشۇرۇپ ئالىمەن ،دۇككان ئېچىشقا قانداق رەسمىيەت كىتىدۇ ،قانچە پۇل كىتىدۇ ،مەن خەنزۇچە بىلمەيمەن قانداق قىلسام بولار ،مىنىڭ توردا ۋاقتىم جىق پۇل تاپاي دىگەن لىكىن قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تورغان،تور دۇككىنىم بار لىكىن دەرجىسى بەك تۈۋەن ،مال ئاز ،نىمە سېتىشنى بىلەلمەي تۇرىمەن ….

سىزنىڭ تالاي سۇئاللىرىڭىز بار ،جەمئىيەتتە بولۇڭ مەكتەپتە بولۇڭ ،سودىگەر بولۇڭ ،ئىشچى خىزمەتچى بولۇڭ سىزنىڭ توردا سودىكى قىلىش خىيالىڭىزلا بولىدىكەن بۇندىن كىيىن مۇقىم تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز .

ناۋادا سىز ھەقىقەتەنمۇ توردا پۇل تالالايمەن دەپ ئويلىسىڭىز دەرھال مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ ،بارلىق تېخنىكىق جەريانلارنى مەن ئاستا ئاستا سىزگە ئۈگۈتۈپ قويىمەن ،ئەگەر سۆزلىرىمدىن گۇمانلانسڭىز جايىڭىزدا ئولتۇرۇپلا قېلىڭ ،مەن بىلەن ئالاقىلىشپ ۋاي راستمۇ ،ئىشەنچىلىكمۇ ؟سىزگە قانچىلىك پايدىسى بار بىزگىچۇ دىگۈچىلەر بار بولسا ،يەنە بىر كىچىدىنلار باي بولۇش چۈشىنى بەك كۆپ كۆرۈۋەتكەنلەر بولسا مىنىڭ ئاۋەرە قىلماڭ .

خوپ شۇنداق بولسۇن قېرىنداشلار ،مەن ئاۋال بىر توپ شەكىلەندۈرشۈم كىرەك ،چۈنكى تور سودىسىنى يالغۇز قىلىپ ئۇتۇش نىسپىتى 20 پىرسەنت لىكىن ھەمكارلىشىپ ئۇتۇش نىسپىتى 90پىرسەنت (توردا كۆرگەن سىتاستىكا ئۇچۇرى).

يەنە بىرگەپ تور قۇرامدۇق دەيدىغانلار بولىشنى مومكىن ،قۇرمايمىز ،ھىچ بولمىغاندا ھازىرچە قۇرمايمىز ،دۇككاننى سودىگەر خېرىدار كۆپ يەرگە قۇيىدۇ،شۇڭا ئايرىم تور بەت قۇرۇپ تور سودىسى قىلدىغان ئىشنى بىز قىلمايمىز .بارسودا ”چوڭ بازا“دا بولسا سىز قوپۇپ دۇككانى باشقا يەرگە قۇرسىڭىز سودىڭىز قانداق بولماقچى ئىدى.

پۇلنى خەقنىڭ يانچۇقىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىش ئۇ بىر تېخنىكا ،قانداق كىشلەر پۇل خەجلەيدۇ ،نىمىگە خەجلەيدۇ ،قانچىلىك خەجلەيدۇ ،نەدە خەجلەيدۇ؟….

سۇئال ئەلۋەتتە جىق لىكىن جاۋاپمۇ ئاز ئەمەس .

ھازىر تاۋاباۋ توپىدىن بىرسى قۇرۇلدى،تاۋباۋ ئابونىتى بولسىڭىز بۇ توپقا كىرىڭ ،ئەمەس بولسىڭىز ئىلتىماس قىلىپ بوپ ئاندىن كىرىڭ ،بۇ بىر باشلىنىش قالغىنى ۋاقىت مەسلىسى ،ئېسىڭىزدە بولسۇن خەقلەر سىز ئىشلىگەن مەھسۇلاتنى قولىڭىزدىن ئېلىپ پايدىسىغا سېتۋاتىدۇ ،ئەگەر سىز ساتسىڭىز تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالىسز …شۇنچىلىك ئاددىي قائىدە ،لىكىن سىز ئۆزىڭىنى بايقىمىغان ،بۇ ئىشلار كۆرگەن لىكىن ئاڭقىرالمىغان .

دوستۇم ،قېرىندىشىم دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى بەك تىز ،سىز چوڭ بازاردا پايپاق سېتىپ باي بولۇشنى بۇرۇن ئويلىغان بولسىڭىز ئەمدى پەيتى كەلدى ،بۇ بىر يېڭى يول ،زامانىۋى سودا .بو سودىدا بىركۈن كىچىكسىڭىز تالاي –تالاي زىيان تارتىسىز،شۇڭا مۇشۇ ساھەگە قىزىققان ھەربىر دوستمىزنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈد قىلمەن ،ئەگەر پىلانىم يارىماي قالسا ئاڭلاپ قۇيۇپ كەتسىڭىز بولىدۇ ،لىكىن ياراپ قالسا بۇ سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ياشاش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.

تامام

 

سەھىپىلەر:تورسودىسى

پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل ۋە بىز

2010-يىل 8-سېنتەبىر باھا يېزىش

پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل ۋە بىز (قۇتبىلىك) پۇل تېپىشتىكى ئۈچ خىل شەكىل مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىش، مەھسۇلات سېتىپ پۇل تېپىش، يۇقىرى مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش . بۇ ئۈچ خىل شەكىل ئۆز ئىچىدىن نىسپىلىكنى ساقلايدۇ، ھەمدە ئۆز ئارامۇ نىسپىي بولىدۇ . تۆۋەندە مەن بۇ ئۈچ خىل شەكىلنى تەپسىلى تۇنۇشتۇرىمەن . 1- مۇلازىمەت سېتىپ پۇل تېپىش زاغرا تىل بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ خىل پۇل تېپىش مەدىكار ئىشلەش دىيىلىدۇ، سىلىق قىلىپ ئېيتقاندا ئىشلەمچى بولىدۇ، تېخىمۇ سىلغايتساق خىزمەتچى بولىدۇ. سىز خەققە قانداقلا مۇلازىمەت قىلماڭ، سىز بىر ئۆزىنىڭ ئىشىنى(جىسمانى، ئەقلى كۈچىنى) سېتىپ پۇل تاپقۇچى بولىسىز، ئۇزۇن ئۆتمۈشتىكى بايلارغا يىللىقچى بولۇپ ئىشلىگەن ئاتا بوۋىللىرىمىزدىن تارتىپ ھازىر ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ سەمىرىپ جاھانغا پاتماي كەتكەن ئەمەلدارلىغىچە ھەممىسى مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تاپىدىغانلاردۇر . مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى: مەبلەغ ناھايىتى ئاز كىتىدۇ.تۈۋەن بولغاندا ئىككى قولىڭىزنى قوغۇشتۇرۇپ مەدىكار بازىرىدا ئولتۇرسىڭىزلا بولىدۇ، ئەمما پۇلنى كۆپ تاپالمايسىز. (بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى). 2- مال سېتىپ پۇل تېپىش مال ساتسىڭىز ئاسانلا پۇل تاپالايسىز، بۇ يەردىكى مال ئۇقۇمى قەدىمدىكى نەرسىگە نەرسىنى تىگىشىش ئوقۇمىدىن ھازىرقى بەزى جايلاردىكى ئەمەل سودىسىغىچە، بولغان بارلىق سېتىلما بولۇۋاتقان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ .سىزدە مۇقۇم مال مەنبەسى، ياخشى مال، ياخشى بازار بولسىلا سىز پۇلنى ناھايىتى ئاسان تاپىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇل ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە بولىدۇ. مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تېپىشقا سېلىشتۇرغاندا سىز ئۆزىڭىز بېرىپ پۇل تاپمايسىز، سىزنىڭ ماللىرىڭىز سىزگە پۇل تېپپىپ بىرىدۇ . بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە ياخشى مال، ياخشى بازار بولىشى كىرەك. 3- يۇقىرى مەبلەغ بىلەن پۇل تېپىش بىرىنچى خىل تۈردە سىز ئۆزىڭىز بېرىپ پۇل تاپقانتىڭىز، ئىككىنچى تۈردە سىزنىڭ ماللىرىڭىز بېرىپ پۇل تاپقان، ئەمدى بۇ تۈردە سىزنىڭ پۇللىرىڭىز بېرىپ پۇل تاپىدۇ . سىز مەلۇم ئورۇنغا مەبلەغ سالىسىز، مەبلىغىڭىز ئايلىنىپ يۈرۈپ پايدىنى سىزگە يىغىپ كېلىدۇ، ئاز مەبلەغ سالسىڭىز ئازراق قىلىشى مۇمكىن .كۆپ سالسىڭىز جىقراق كىلىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇنى سىز مەبلەغ سالغان تۈرنىڭ بازار ئەھۋالى بەلگىلەيدۇ . قانداق كىشىلەر مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپقۇچى بولالايدۇ ؟ پۇلى بار كىشلەر . ئادەتتە پۇلنىڭ ئاز كۆپلىكى مەبلەغ سېلىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، پەقەت مەبلەغ سېلىنمىسىغىلا تەسىر قىلىدۇ .دىمكەكچى پۇلنىڭ ئاز كۆپلىكى ئالدىنقى شەرىت ئەمەس. ئىشنەمسىزكىن بىلمىدىم لىكىن ھازىر توردا سالغان سېلىمىنىڭ ئۈچ ھەسىسىچىلىك پايدا ئالدىغان پۇرسەتلەر بار .(تور ئۇچۇرى) بۇخىل پۇرسەتلەر ئەتراپىڭىزدا ئەگەپ يۈرۈيدۇ، لىكىن سىز بۇندىن ئىلگىرى مەبلەغ سېلىش ئۈستىدە ھەقىقىي ئويلىشىپ باقمىغان بولغاچقا، بۇ پۇرسەتلەرنى ھىس قىلالمايسىز، ھەقىقىي تېگىگە يەتكەندە بولسا مەبلەغ يىتىشتۈرۈپ بولالماي قالىسز . سىز مەبلەغ سېلىشنى ئۆگۈنۈپ بولۇپ مەبلەغنى ياخشى بىر تۈرگە سالغاندىن كىيىن سىزنىڭ چۈشكىچە ئۇخلايدىغان كۈنلىرىڭىز كىلىدۇ، سىزنىڭ پۇلىڭىز توختىماستىن ئايلىنىدۇ، ئايلىنىپ-ئاينىپ دىگەندەك خېلى بوپ قالىدۇ، سىزدىمۇ مۇقۇم مەبلەغ، مۇقۇم كىرىم بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىنى، سىز ئارىڭىزدىكى بىرەر قېرىندىشىڭىزغا دېسىڭىز، ئۇ سىزنى ئۇخلىماي چۈش كۆرىۋېتىپسەن، دېيىشى مومكىن، لىكىن سىز توختىماي تىرىشسىڭىزلا قىلىپ كىتەلەيسىز، ھىچ بولمىغاندا مۇشۇ قائىدە قانۇنيەتلەنى بىلمەكمۇ بىر ياخشى ئىش .مۇقۇم كېرىم ئېقىمى بولغاندىلا سىز ئۆزىڭىز خالىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز يارىشىدۇ، ماددىي ئىھتىياجنى قاندۇراماي تۇرۇپ مەنىۋىي ئىھتىياجدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. قورساق توق، كىيىپ پۈتۈن، يانچۇقتا پۇل بولسا قالغان ئىشلارنى ئويلاشساق ئۇ قاملىشىدۇ، بولمىسا ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. ئەمدى گەپ بىزگە كەلدى، بىزلەر بۇلارنىڭ قايسىللىرىغا تەۋە بۇنى ئايدىڭلاشتۇۋايلى. بىرىنجى :ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى بۇلار بۇ ئۈچ تۈرنىڭ ھىچقايسىسىغا تەۋە ئەمەس، لىكىن قايسىغا تەۋە بولۇشنى كىچە-كۈندۈز ئويلاۋاتقان ئەڭ تەلەيلىك بىلىم مەدىكارلىرىدۇر. بۇ بىلىم مەدىكارلىرى قۇرۇق كاللا بىلەن كىرىپ بىلىم تاپىدۇ، بىلىم بىلەن كاللا تاپىدۇ، كاللا بىلەن بىلىم يارتىدۇ. جەمئىيەتكە چىققاندا قۇرۇق يانچۇق بېرىپ خەققە ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ، پۇل تېپىپ يول تاپىدۇ، يول تېپىپ پۇل تاپىدۇ .بۇلار كىينكى ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ ئىزباسارلىرى. ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز جەمئىيەتكە چىقىش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىڭ.قۇرۇق كىرىپ قۇرۇق چىكىتىشتىن ھەزەر قىلىڭ. سىزنىڭ بىلىم ئېلىشتىن ئارتۇق ۋەزىپىڭىز يوق، ۋاقىتنى قەدىرلەڭ . ئىككنچى: ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، دۆلەت كادىرى، تەتقىقاتچىلار ئۇلار بىرىنچى خىل شەكىلدىن پايدىلىنىپ جان بېقىۋاتقانلار، بۇلار ھۆكىمەت بەرسە يەيدۇ، بولمىسا قاراپ ئولتۇرىدۇ (ئامال يوق، شارائىت شۇنداق). ئەگەر سىز بىرىنچى تۈردىكى كشىلەرگە تەۋە بولسىڭىز سىز گە تەۋىسيە بولسۇنكى سىز ئىككنجى تۈرنى ئويلىشىپ بېقىڭ (كۆزىڭىز يەتسە كەسىپ ئالماشتۇرۇڭ، يەتمىسە قۇشۇمچە قىلىڭ)ئۆيدىن چىقماي پۇل تاپقىلى بولىدىغان دەۋىردە ياشاۋاتىسز، توردىن پايدىلىنىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۈچۈنچى :سودىگەرلەر ئەگەر سىز سودىگەرلەر تۈردىكى كىشىلەرگە مەنسۇپ بولسىىڭىز مەن سىزگە مەبلەغ سالغۇچىلار تۈرنى تەۋىسيە قىلىمەن، سودىڭىزنى نورمال ماڭغۇزۋاتىسىز، تۇرمىشىڭىزمۇ قېلىپقا چۈشۈپ قالدى، ئەمدى سىز دەرھال پۇلىڭىزنى جەملەپ مۇقۇم كىرىمىڭىز، ئايلانما مەبلىغىڭىزنى بىر سىتاستىكىلاپ كۆرۈڭ، سىزنىڭ مۇقۇم ئايلانماي تۇرۋاتقان مەبلىغىڭىز خېلى بار .سىز بۇ پۇللاردىن پايدىلىپ يېڭى ساھەلەرنى ئېچىڭ. ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق دىگەندەك نۇرغۇن باي سودىگەرلىرىمىز بار، پۇل خەجلەيدىغان يەر تاپالماي، يەنە نۇرغۇن ياشلىرىمىز بار ئىگلىك تىلەش يولىدا قىينىلىپ جاپا تارتىپ يۈرىۋاتقان .بولسا مۇشۇنداق كاللسىى ئۇچۇق ياشلىرىمىز بىلەن پاراڭلىشىڭ، چۈنكى بۇ ياشلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئەڭ يېڭى، سىز ئۆتمۈشتە سودا قىلىپ باققان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ تەجىرىبە ئىگەللىگەن بولسىڭىز ئەمدى، ماۋۇ بىلىم قۇرۇلمىسى خېلى مۇكەممەل بولغان ياشلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ يېڭىچە ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ يېڭىچە پۇل تېپىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ . تۆتىنجى: مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنداقلار ئارىمىزدا كۆپ ئەمەس ئەلۋەتتە، لىكىن ئەگەر سىز مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىۋاتقان، خېلى بىر مال دۇنيانىڭ ئېگىسى بوپ قالغان بولسىڭىز سىزگە تەكلىۋىم، سىز تاپىدىغاننى تاپتىڭىز، كۆرىدىغاننى كۆردىڭىز سىز ئىگلىك تىكلەش جەريانىدا شۇنداق كۆپ جاپالانى تارتقان ئىدىڭىز، ئاشۇ چاغلاردا ھەي مۇشۇنچىلىك پۇلۇم بولسا مانداق ئىشلارنى قىلىپ ئىگلىك تىكلىسەم دەيدىغان خىياللىرىڭىز بار ئىدى، ئۇنتۇپ قالماڭ سىزگە ئوخشاش ئويلىغان، سىزدەك پۇل تېپىپ يۇرتىنى باي قىلىشنى ئويلاۋاتقان، ئۇچۇق پىكىرلىك كاللىسى ئۆتكۈر ياشلار ئاز ئەمەس. سىزنىڭ پۇلىڭىز بار غېمىڭىز يوق، بۇنداق غەمىسز ياشاشمۇ مەنچە تازا ياخشى ئەمەس، شۇڭا پۇل تاپقان، يۈز تاپقان بۇ چېغىڭىزدا، ئەمدى ئەلنىڭ غېمىنى قىلىڭ. نۇرغۇن ياشلار ئىشسىز، ئىش قىلاي دىسە مەبلەغ يوق، يول يوق، يۈرۈپ كىتۋاتىدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر ئىككى يىلغىچە خىزمەت تاپالماي چۈشكۈنىشىپ كېتۋاتقان ياشلارمۇ ئاز ئەمەس، ئاشۇلار بىرەر ئۇستازنىڭ كىلىپ يول كۆرسىتىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ھەرقېتىملىق ئوقۇش پۈتتۈرش ئاياغلاشقاندا ئوقۇغۇچىلار بەس بەستە ئىنتاھانلارنى بىرىپ ئوقۇتقۇچىلىق، دۆلەت مەمۇرى بولۇش دىگەنلەرنى تالىشىدۇ .ناھايىتى ئاز بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارلا بۇ خىل ياشاشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ئاتا-ئانىلار بولسا ئوقۇپ كاللىسىنى ئېچىلىپ كەلگەن بۇ بالىسىنىڭ ئانا-دادا مەن پۇل تاپاي، ئىگىلىك تىكلەي دىگىنىگە ئۇنىماي ئۇنى دۆلەت كادىرى قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچى قىلىدۇ . ئەشۇ –ئاتىلارغا، ئەشۇ ئانىلارغا سۆزۈم :ئەي قەدىردانلار سىلەر كىتىسىلەر بىز قالىمىز، سىلەر مەڭگۈ بىزگە يول كۆرسىتىپ بىرەلمەيسىلەر، بالىڭىزنى ئۇچسۇن دېسىڭىز ئۇنىڭ ئەركىن پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭ، زادى كاللىڭىزدىن ئۆتمىسە ئالى مەكتەپ تەربىيسى كۆرگەن بىرەر قېرىندىشىڭىزغا مەسلىھەت سېلىپ بېقىڭ. ھەر يېلى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ، لىكىن مىللىي كارخانىلار، سودىگەرلەر بۇيەرلەردە ئاساسەن يوق، باريوقى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بىرقىسىم ئۇيغۇر ياشلارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ئاز بولغان شىركەتلەر. بىر يىلدا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچى قانچىلىك ؟ ئۇلارنىڭ قانچىسى كاللىسى ئۇچۇق ئىدىيىسى ئىلغار ئەڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇغانلار؟ ئۇلار نىمە خىزمەت قىلماقچى ئىدى ؟ نىمىشقا ئاشۇ خىزمەتنى قىلماقچى بوپ قالدى ؟ گەپنىڭ قىسقىسى سىز مەبلەغنى مۇشۇ ياشلارنىڭ كاللىسىغا سېلىڭ، بۇلار سىز پۇل تاپقاندا ئەقىل تاپقان، ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن پايدىلىنىپ، پۇل تېپىڭ، ئۇلارغا ئۆزىنى راۋاجلاندۇرالايدىغان ماكان بىرىڭ. ۋاقتى كەلگەندە سىز ئاشۇ لاردىن پەخىرلىنىسز، ئۇلار سىزنى تېخىمۇ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ. يۇقىرىدا ئۈچ خىل پۇل تېپىش شەكلى ۋە بىزدىكى تۆت خىل كىشىلەر ئاددىيغىنە مۇلاھىزىمىزدە بولدى، بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇل تۆت خىل كىشىدىن ئۆزىڭىزنى كۆرەلىسىڭىز قەلەم خوش، قەۋىم خوش. گەپنى يىغىنچاقلىغاندا مەبلەغنى بىلىمگە سېلىپ پۇل تېپىڭ، ياشلارنىڭ ئىدىيىسىدىن يول ئېچىڭ، شىنجاڭ يىغىنى ئېچىلدى، سىياسەت كەڭرى، پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇپ يەنە خەقتىن ئاغرىنىپ يۈرسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق پۇرسەت ئەمدى كەلمەسلىكى مومكىن شۇڭا تىرىشىپ ئۆزىڭىزنى، دىيارىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇڭ . ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا باتۇرلۇققا تاينىپ پۇل تاپقىلى بولاتتى، 90-يىللاردا مۇناسىۋەتكە تاينىپ پۇل تاپقىلى بولاتتى ،لىكىن ھازىر چۇقۇم بىلىمگە تاينىشىمىز كىرەك . ئالى بابا گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى : مايۈن (مەندىن ھۆرمەت ،سىزدىن ئىززەت بولسۇن، يازمىللىرىمنى تارقاتسىڭىز يازغۇچىنى ئەسكەرتىڭ)

سەھىپىلەر:تورسودىسى