باشبەت > تورسودىسى > نىمىشقا ئىشىنىمەن ؟

نىمىشقا ئىشىنىمەن ؟

2010-يىل 31-ئۆكتەبىر باھا يېزىش Go to comments

نۇرغۇن تورداشلار تورنى ئالدامچىلىق بىلەن قاپلاپ كەتكەن دەپ ئويلايدۇ ، ئۇلار توردا نۇرغۇن قېتىم ئالدىنىپ كەتكەن بۇلىشى مومكىن ،ياكى بەك تىز پۇل تېپىش چۈشىنى  كۆپ كۆرۈۋىتىپ تەخىر قىلالماس بوپ قالغان بۇلىشى مومكىن بۇنى چۈشنىشكە بولىدۇ .

مەن سىزدىن سىز”توردا قورقماي مىڭ سوم پۇل تۆلەپ مال سېتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالامسىز “ دەپ سورىسام سىز  بىر ئاز ئويلىنىسىز ،سەل ئىككىلىنىسىز ،چۈنكى سىز بۇندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئادەمنىڭ توردا قويمىچىلارغا قويۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ، يەنە نۇرغۇن ئالدامچىلارنىڭ بارلىقىنى ئۇلارنىڭ سىزنىڭ توربانكا كارتىسىدىكى پۇلىڭىزنى ئوغۇرلاپ كىتەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ، شۇڭا سىز بەك قورقىسىز .ئەمىليەتتە ئۇنچىلىك ئەمەس .

مەن ئالى مەكتەپكە كىلىپ بىر يىلدىن كىيىن تورخانا دىگەن نەرسىگە كىرىش ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئورنىدا بوپ قالغان ، ئاتا-ئانام تېلېفۇن قىلىپ نەدە دېسە تورخانىدا دەيتىم ، كىيىن قايتىپ ئۆيگە بارسام ئانام ۋاي بالام دىققەت قىل ، تورخانىدا بىرسى ئولتۇرۇۋېرىپ ئۆلۈپ قاپتۇ دەيدۇ ،يەنە بىرىسىنى قالايمىقان بىر نەرسە كۆرۈپتىكەن سولاپ قويۇپتۇ دەيدۇ ، ئۇنداق قالايمىقان يەرلەرگە كىرمىگىن دەيدۇ .

بۇنداق تەربىيە قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار بىزدە كۆپ ،توغرا ئۆلەپ قالغانلار بار ، سولىنىپ كەتكەنلەر بار ،بۇ ھەرگىزمۇ تورخانىنىڭ ،تورنىڭ خاتالىقى ئەمەس .ئاشۇ چاغدا مەن ئانامغا “ئانا مىنىڭ كەسپىم كومپيۇتېر تۇرسا كومپيۇتېر بار يەردە يۈرمەي نەدە يۈرىمەن” دىگەن ئىدىم .

توردۇنياسىدا خەتەر راست كۆپ، لىكىن سىز قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلماي توغرا ئىش قىسلىسڭىز قورقىشنىڭ ھاجىتى يوق ، توردىمۇ قانۇن بار ،بۇ ھەممىمىزگە ئايان .

خوش گەپنىڭ مەزمۇنى چېچلىپ كەتمىسۇن . سىز ئەگەر مىنى تونىسىڭىز سىز ماڭا ئىشەنچ قىلالىسىڭىز مەن بىلەن توردا سودا –ئالاقە قىلىسىز ،بولمىسا قىلمايسىز ،ئەگەر سىز توردا سودا قىلدىغان ئادامنى تونۇمىسىڭىز قانداق سودا قىلىسىز ؟

بۇ يەردە ئوتتۇردا بىر ۋاستىچى بولىشى كىرەك ، بۇ ۋاستىچىگە سىزمۇ مەنمۇ ئىشىنىشىم كىرەك. بۇ ۋاستىچىگە قانۇن كاپالەت بەرگەن بۇلىشى كىرەڭ .بۈگۈنكى جوڭگۇ تور سودا بازىرىدائالى بابا گوروھى ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىدى، بۇنىڭغا كۆز يۇمالمايمىز .

بۇ گوروھ تەمىنلىگەن تاۋباۋ تور دۇككىنى تور سودىسى قىلىدىغانلارنىڭ ياخشى ماكانىغا ئايلاندى ، باشقۇرۇش قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە سودا قىززىپ كىتىۋاتىدۇ ، بۇ يەردىكى سودىدا مەن سىزنى تونىمايمەن ،سىز مىنى تونىمايسىز .لىكىن سىزنىڭ خەققە مال ساتقان خاتىرىڭىزنى .خەقنىڭ سىزگە بەرگەن باھاسىنى كۆرۈپ سىزگە ئىشەنچ قىلىش قىلماسلىقنى بەلگىلەيمەن ، سىز خەققە كۆپ مال ساتقان بولسىڭىز ، خەق سىزگە ،سىزنىڭ ماللىرىڭىزغا ياخشى باھا بەرگەن بولسا مەن سىزگە ئىشەنچ قىلىپ قورقماي مال ئالىمەن ، ئەگەر سىز ماڭا ساختا مال ئېۋەتسىڭىز مەن سىزنى ئەرىز قىلىمەن ، تاۋباۋ نازارىتى مىنىڭ ئەرزىمنى تىزلا قۇبۇل قىلىدۇ ،ئاندىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. مېلىڭىزنىڭ  ساختا ئىكەنلىكىگە سىزنىڭ دىگىنىڭىز بىلەن بىردەك  ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلىسەملا سىزنىڭ نەچچە يىلنىڭ بۇيانقى قىلغان سودىڭىز ئېغىر دەخلىگە ئۇچىرايدۇ ، سىز تاۋباۋ  نازارىتىگە ئارقا ئىشىك قىلالمايسىز ، شۇنىڭ بىلەن بۇندىن كىيىن سودا قىلمىقىڭىز تەس بولىدۇ . ئادەتتە ھىچ كىم بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۇل قىلمايدۇ ،شۇڭا سىزنىڭ ،مىنىڭ توردىكى سودىدىن ،مالنىڭ ساختا ياكى راستلىقىدىن ئەنسىرەپ كىتىشىمىزنىڭ ئورنى يوق .مەنچە تور سودىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى سودىلاشقاندا مالنىڭ ئەھۋالىنى تۇلۇق ئىگەللەش كىرەك ، مۇشۇنداق بولغاندا ئوقۇشماسلىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ،ئىككىلى تەرەپ تەڭ تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ .

ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە كۆلەملەشكەن بىر سودا تورىنىڭ قۇرۇپ بولالماسلىقىنىڭ بىر سەۋەبىمۇ ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك دەرجىسى . ئەگەر سىز توربەت قۇرۇپ ئۇيغۇرچە دۇككان مۇلازىمىتى تەمىنلىسىڭىز،ياكى ئۆزىڭىز ئاچسىڭىز تورداشلار سىزگە ئانچە بەك  ئىشەنچ قىلالماسلىقى مومكىن ،چۈنكى تورداشلار سىزنىڭ قانچىلىك قانۇنىي كاپالەت بىرەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيدۇ، تور بەتتىن بىرنى تاشلاپ قويۇپ ،پالانى شىركىتىم بار ،نەچچە دۆلەتتە كارخانام بار دىگەندە خەق ئىشەنمەيدۇ ، قۇرۇق گەپكە مۇشۇك ئاپتاپقا چىقمايدۇ.

ئۇندىن باشقا سىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىڭىزگە گۇۋاھ بولالايدىغان بىز ئىشىنىدىغان مەلۇم بىر شەخىس ياكى مەلۇم بىر ئورۇننىڭ بىزنى ئىشەندۈرگىدەك پاكىت بىلەن ئوتتۇرغا چىقمىغانلىقى بىزنى گۇمانغا سالىدۇ .

دىمەكچى توردا، تورسودىسىدا كىم ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىسە ئۇ راۋاج تاپالايدۇ ، بۇيەردىكى  “ئۇ” بەلكىم بىر توربەت بولىشى ،ياكى توردىكى ئاددىي بىر شەخىس بولىشى مومكىن.

ئەڭ مۇھىمى يەنىللا قانۇنىي كاپالەت بىرەلىگەن ، شۇنداقلا دىگەن ۋەدىسىدە تۇرالىغان ئورۇنلا بۇ تور دۇنياسىدا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ ،شۇنداقلا تەرەققى قىلالايدۇ.

 

سەھىپىلەر:تورسودىسى
  1. تېخى باھا يېزىلمىدى.
  1. No trackbacks yet.

باھا يېزىش